- تىزىملاتقان
- 2012-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 735
- نادىر
- 0
- يازما
- 25
ئۆسۈش
  47%
|
خېنە ئىسىملىك تورداش ياخشى تەكلىپ بېرىپتۇ . شۇ موھىتتىن ئايرىش ئەڭ ياخشى چارە .
لىكىن دىققەت قىلىدىغان بىر ئىش ، زەھەر خۇمارى تۇتۇپ ، مۇسكۇللار تارتىشىپ قالغاندا ، ئېغىر بولغاندا ئۆلۈم ھادىسىسى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن ، سىز مۇشۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا جىددى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن مۇناسىپ بىلىم ۋە تىببىي ئۈسكۈنىلەر بولغان شارائىتتا ئاندىن شۇنداق قىلسىڭىز بولىدۇ . ناۋادا زېغىرلاپ كەلسە قانۇنغا خىلاپ يېرىمۇ بار . مۇشۇ ئىشلارنى تولۇق ئويلىشىپ ئاندىن ئىش كۆرسىڭىز بولىدۇ .
باشقا تورداشلار دەپتۇ ، ساقچىغا تۇتۇپ بېرىڭلار . بۇ ئۇسۇل مېنىڭچە ياخشى ئەمەس ، ساقچى ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ ئاندىن مەجبۇرى زەھەر تاشلايدىغان تۈرمىگە يوللاپ بېرىدۇ شۇ . زەھەر چەككۈچىنىڭ مەخپىيەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ . ئۇ ئورۇندا زەھەر تاشلىغانلار بەك ئاز . تۈرمىدىن پەرقى يوق . قولىدىن ئىش كېلىدىغان ساقچى دوستىڭىز بولسا بۇ باشقا گەپ .
ئازمايدىغان بەندە يوق دەپتىكەن ، بۇزۇقكەن ، زەھەر چېكىدىكەن دەپ مەسخىرە قىلماي سىلەرنىڭ ياخشىراق چارەڭلەر بولسا ئوتتۇرىغا قويساڭلار . |
|