- تىزىملاتقان
- 2012-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2734
- نادىر
- 2
- يازما
- 94
ئۆسۈش
  24.47%
|
يېقىندىن بېرى كۆپ ئىنكاس بېرىلگەن تېمىلارنى كۆرۈپ ئويلاپ قالدىم: زالىم ئەمەلدارلار، پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ دەستىدىن پارتىيىمىزنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈپ قالمىسا بولاتتىغۇ. بۇ بولۇۋاتقان ئىشلار ھەرگىزمۇ پارتىيىمىزنىڭ ئىرادىسى، خاھىشى ئەمەس! ھەي مۇشۇ پارىخور ئەمەلدار، مۇقۇملۇققا كۆپ پۇل ئاجراتسا، ئانچە مۇنچە چاي پۇلىمىز چىقىپ قالار دەمدىغاندۇ، شۇلار ۋەزىيەتنى قەستەن قورقۇنۇچلۇق كۆرسۈتۈپ، مانا شۇنداق پارتىيىنىڭ ئابرويىغا تەسىر يەتكۈزۈدۇغان ئىشنى قىلامدىغاندۇ؟ چوقۇم شۇنداق. پارتىيىمىز ھىچقاچان "كاللىسىنى ئەكەل" دېمەيدۇ جۇمۇ، شەپكىسىنى ئەكەل دېگەن گەپ. قۇدرەتلىك ئازاتلىق ئارمىيەمىزنىڭ كۈچ قۇدرىتىگە شەك چۈشۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا سەت تۇرامۇ دېمەي، تۆرت-بەش بلگۈنچىگە 4000 ئەسكەر سەپەرۋەر قىلىش، بۇمۇ يەتمەي بىرە مىڭ مىڭبىڭنىمۇ كالتەك چوماقلار بىلەن سەپەرۋەر قىلىشلارنى قانداقمۇ پارتىيەنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولدى دېيەلەيمەن؟ قۇدرەتلىك ئازاتلىق ئارمىيەمىز ئۈستىمىزدىن ئۈچ چوڭ تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئارمىيە تۇرسا، كىنولاردىمۇ كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، ئون يېرىگە ئوق تەگسىمۇ يەنە ساق دۈشمەننى ئۆلتۈرۈۋەتمىگۈچە جېنى چىقمايدىغان تۇسا، قورالسىز تۆرت سولتەككە، يەنە كېلىپ ئوقۇمىغان دىھقان بالىلىرىغا ئاشۇنچىۋالا قىلامدۇ؟ بۇ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز شۇنچىۋالا قورقۇنچاقمىدى؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بۇمۇ چوقۇم پارىخور ئەمەلدارلارنىڭ قىلىقى!
بەزىلەر كىملىك تەكشۈرۈش توساقلىرىدا خەنزۇ يولداشلارنى ئەمەس، ئۇيغۇرەكلەرنى تەكشۈرسە بۇمۇ پارتىيەنىڭ قىلىۋاتقان قىلىقى دېسەڭلار مېنى قانداقمۇ ئىشەندۈرەلەيسىلەر؟ پارتىيىمىز يېرىم ئەسىردىن بېرى ئامېرىكىدىكى ئاق جىنىسلارنىڭ قاراتەنلىكلەرگە قىلىپ كەلگەن ئىرقچىلىقىنى تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان تۇرسا، بۈگۈنگە كېلىپ-زە، ئۆزى ئاشۇنداق ئىشنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپراق قىلىدىكەن-دە؟ يولداشلارنى تەكشۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئەسلىدە. ئۇلار دېگەن ياردەمگە چىققان تۇرسا، ياردەمنى كېچىكتۈرۈپ، يولىنى توسۇۋالغىلى بولاتتىما ئەمىسە؟
قەستەن زىددىيەت چىقىرىپ، ساقال چەكلىنىۋاتسا ساقاللىق ھەيكەللەرنى قويۇشمۇ شۇ جۈملىدىنمىكىن دەيمەن. ۋاي شۇ خىيانەتچى ئەمەلدارلار! ھەممىسى مۇشۇ تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىشى! |
|