- تىزىملاتقان
- 2012-9-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2813
- نادىر
- 0
- يازما
- 199
ئۆسۈش
  27.1%
|
قارخانىلار تارىخىدىن بىزنىڭ ئالىدىغان ئەڭ مۇھىم ئاچچق ساۋاقلىرىمىز نىمە؟
ئالدى بىلەن ئېيتىش كېرەككى ، بىرلەشكەن كۈچلۈك ، مەدەنىيەتلىك بولغان قارخانىلار دۆلىتى مىلادى 1040 -يىلى شەرقىي ۋە غەربىي قاراخانىلاردىن ئىبارەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتمىگەن بولسا ،كىيىن ئۆز تارىخىدا ھەرگىزمۇ بەزىدە قىتانلارغا ،بەزىدە سالجۇقىلارغا بېقىندى بولۇپ قالمىغان بۇلاتتى. بەلكى ئەسىرلەر بۇيى ياشاپ ، ناھايىتى كۈچلۈك بىر دۆلەت ھالىتىدە ،ئورتا ئاسىيانىڭ ۋە شەرق بىلەن غەرىبنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا چوڭ تۆھپە قوشقان بۇلاتتى . ئەۋلادى ئۆز زىمىنىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ ياشاپ بەخىتلىك ھايات كەچۈرگەن خەلقتىن تېخىمۇ كۆپ يۈسۈپ خاس ھاجىپلار ۋە مەھمۇد قەشقەرىلەر مەيدانغا چىققان بۇلاتتى. مىلادىنىڭ 1040- يىلىغا كەلگەندە ،غەربى ئىلىكخان ناسىرنىڭ ئوغۇللىرى-مۇھەممەت ئىبنى ناسىر (مىلادىنىڭ 1040-يىلىدىن 1052-يىلىغىچە ھۆكۈمران بولغان )بىلەن ئىبراھىم ئىبنى ناسىر (1052-1068) لار بۆلگۈنچىلىك قىلىپ ،بىر پۈتۈن ، كۈچلۈك قاراخانىلار دۆلىتىنى پارچىلاپ ئىككىگە بۆلىۋەتتى . ئۇلار شۇ قىلمىشلىرى بىلەن مىللىتىمىزنىڭ تارىجى ئالدىدا ،ئۇلۇغ دانىشمەن ،باتۇر ئەجدادتلىرىمىزنىڭ مۇقەددەس روھى ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تەقدىرى ئالدىدا بەتنامغا قالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ (مىلادىنىڭ 1040-يىلىدىن )باشلاپ ،قاراخانىلار دۆلىتى كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىزلىققا ،گۈللىنىشتىن خازان بۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى .شۇڭا شەرقىي قاراخانىلارمۇ،غەربىي قاراخانىلارمۇشەرقتىن كەلگەن يات كەلگىندىلەر -قىتانلارنىڭ تاجاۋۇزى ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ ،ئېغىر، پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە يولۇقتى ،بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قالدى ۋە ئاخىرى بېرىپ يوقالدى. قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ بۇ خىل تارىخى تەقدىرى ئاتا -بوۋىلىرىمىزدىن قالغان :«ئىككى قوچقار ئۈسسۈشكەندە ،بۆرىنىڭ قورسىقى ئاچىدۇ »دېگەن ماقال تەمسىلنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. ئىزاھ:
تۇرغۇن ئالماس-تارىخ تەتقىقاتى |
|