دەرىس قوڭغۇرقى ۋە رەھبەرلىك(كۆك ھىلال)
ۋەتىنىمىز تەرەققىياتىنىڭ تېز بولىشى ھەرمىللەت كىشىللىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ ئەلۋەتتە.جوڭگۇچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ دىمۇكراتىيلىشىش قەدىمىنى تىزلىتىپ ئىناق ،مىللەتلەر ئىتىپاقى كۈچلۈك بولغان جەمىيەتنى قۇرۇش ھەرمىللەت جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى پۇقرالىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى.مەملىكىتىمىز مىللەتلەر باراۋەرلىكى،مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا مىللىي تىروتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.
جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىشى،بىرقاتار ئىجدىمايىي مەسىلىلەرنىڭ كۆرىلىشى مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىغا،مىللىي ئاپتۇنومىيە تۈزىمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىغا بەزىبىر سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ،ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ دىمۇكراتىيلىشىش يولىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.بۇخىل زىدىيەتنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يارامسىز،ئىقتىدارسىز بولىشىدا ئىپادىلەنمەكتە. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيە رايونى مەملىكىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى .ھەرمىللەت خەلىقىنىڭ زىچ ئۇيىشىشى رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە دىمۇكراتىيلىشىش كۈرىشىنىڭ سىجل تەرەققىياتىغا موھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۈگۈنكىدەك رىقابەت ۋە كۈرەشكە تولغان ۋەزىيەتتە بىرقىسىم ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئىقتىدارسىز،يارامسىز بولىشى رايونىمىز تەرەققىياتىغا چىكىندۈرۈش رولىنى ئويناۋاتىدۇ.
غۇلجا شەھەرلىك ئۈچۈنجى ئوتتۇرا مەكتەپ شىمالىي شىنجاڭدىكى زور تەسىرگە ئىگە،مەيلى ئوقۇتۇش سۈپىتى مەيلى مەكتەپ شارائىتى جەھەتتە بولسۇن كۆرىنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە مەكتەپ.ئاپتونۇم رايۇننىڭ مەكتەپلەرنى قىتىۋىتىش قارارى بويىچە غۇلجا شەھەرلىك -2ئوتتۇرا(ئۈمۈد)مەكتىپى بىلەن ئۈچۈنجى ئوتتۇرا مەكتەپ قىتىۋىتىلگەندىن كىيىن كۆرىنەرلىك نەتىجىلەر بارىلىققا كەلدى.
مىنىڭ ئاچامنىڭ بالىسىمۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.يىقىندا ئاچامنىڭ ئىشى چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا مەن باردىم.سىنىپقا كىرىپ ئولتۇرشىمىز بىلەن دەرىس قوڭغۇرقى چېلىندى .دەرىس قوڭغۇرقىنى ئاڭلاپ ئۈچۈنجى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىنگىلىزلار ئوقۇيدىغان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن.ياكى مەكتەپ بىزنىڭ مىللىي بالىلارنى ئىنگىلىزمىكىن دەپ قالدىمۇ بىلمىدىم.دەرىس قوڭغۇرقى خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچە ئىككى خىل تىلدا(دەرىسكە ئاز قالدى كىرىپ ئولتۇرۇڭلار) دىگەن مەنىدە سۆزلەيدىكەن.
ئىزۋانىكنى ئاڭلاپلا ئۈچۈنجى ئوتتۇردىكى مىللىي رەھبەرلەرنىڭ كالىنىڭ قۇيرىقىچىلىك رولى يوقلىقىغا ئىشەندىم.گېزىت كۆرۈپ ئولتۇرۇشقىلا مەسئۇل ئۇنداق مەسئۇلىيەتسىز رەھبەرلەرنىڭ رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىشى مەملىكىتىمىزنىڭ دىمۇكراتىيلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىشىگە مۇئەييەن سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ ئەلۋەتتە.
مىللىي تىرىتورىگىيىلىك ئاپتونومىيە قانونىنىڭ 3-باب21-ماددىسدا:
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ۋەزىپىسىنى ئىجراقىلىشتا،شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىمىلەر بويىچە،شۇ جايدا ئورتاق قوللىنىدىغان بىر ياكى بىرقانچە خىل تىل -يىزىقنى بىللە قوللىنىدۇ.ۋەزىپە ئىجرا قىلىشتا ئورتاق قوللىنىدىغان بىرنەچچە تىل يىزىقىنى تەڭ قوللىنىدىغانلىرى تىروتورىيىلىك ئاپتونومىيە قۇرغان مىللەتنىڭ تىل يىزىقىنى قوللانسا بولىدۇ.دەپ ئىنىق بەلگىلەنگەن.
ئۇنداقتا ئۈچۈنجى ئوتتۇرا مەتەپنىڭ تىل يىزىق خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنمەسلىكىدىكى ئارقا سەۋەب نىمە؟بۇ خەنزۇ تەرەپنىڭلا مەسئۇلىيىتىمۇ؟ئۇلار بىزنىڭ قوسقىمىزدىكىنى تىپىپ تىل يىزىقنى قىلىپلاشتۇرامدا؟ئۇنداقتا مىللىي رەھبەرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ نىمە ئەھمىيىتى؟ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى نىمە ؟ئۇلار نەچچە يۈز مىللىي ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە بۈيۈك جوڭخۇا ئىلىنىڭ قانۇن نىزامىدىكى ھوقۇق مەجبۇريىتىنى ئىجرا قىلىشتا قانداق رول ئويناۋاتىدۇ؟ئۇلار ھەر ئايدا ئىرىشكەن دۆلەتنىڭ مۇئاشىغا لايىقمۇ؟
رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ھازىرلاش ۋە رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ سەرخىللىقىنى قوغداش تەرەققىيات ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش قۇرلىشىنىڭ سىياسىي كاپالىتى.
تىل-يىزىق بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات تارىخى.مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۇلى.تىل يىزىق جەھەتتىكى ھوقۇق ئىشقا ئاشماي تۇرۇپ دۆلەتنىڭ قانۇن نىزامىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مومكىن ئەمەس.
ئاپتونۇم رايۇنىمىز مىللىي تىل-يىزىقىمىزنى قوغداشقا يىقىندىن كۆڭۈل بۈلۈپ كەلدى.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىل-يىزىق نىزامنامىسىدا ئىنىق قىلىپ تۆۋەندىكى قانۇنلار ئەسكەرتىلگەن.
مىللىي تىروتورىيىلىك ئاپتونوم رايونىنىڭ -1باب ئىككىنجى ماددىسىدا:
تىل-يىزىق خىزمىتىدە مىللەتلەرنىڭ تىل-يىزىقى باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل يىزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئەركىنلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ،مىللەتلەرنىڭ ئۆز-ئارا تىل ئۈگۈنىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ،تىل-يىزىقنى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىسلاھات ئىچىۋىتىش ئىشلىرى ۋە سىياسىي ئىقتىساد،مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك تەرەققىياتى ئۈچۈن تىخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇپ،مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى،تەرەققىياتى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش شەرىت.
-3ماددىسدا:
مىللەتلەرنىڭ تىل يىزىقىنى قوللىنىشى ،قۇرۇلۇش ۋە ئىلمىي تەرەققىياتنى كۈچەيتىدۇ.مىللەتلەر تىل يىزىقىنىڭ قىلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.يىزىقنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە تىلنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ،شۇ مىللەتتىكى كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ئىھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش كىرەك.
-2باب،14-ماددىسدا:
ھەر دەرىجىلىك خەلىق ھۆكىمەتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يىزىقىدىكى مائارىپ ،نەشىرىيات ،رادىيو -تىلىۋىزىيە ئىشلىرى،قەدىمىي كىتابلارنى رەتلەش.ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك.ئوقۇتۇش رادىيئو-تىلىۋىزىيە نەشىريات قاتارلىق ۋاستىلەردە چوقۇم ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قىلىپلاشقان تىل-يىزىقىنى قوللىنىش كىرەك.
مەملىكىتىمىزنىڭ قانۇن نىزاملىرى بويىچە ئىتقاندا مىللىي،خەنزۇ تەرەپ بىرلىكتە ئوقۇتۇش ئىلىپ بارىدىغان سورۇنغا يوق ئىنگىلىزلارنىڭ تىلىنى قىتىۋالغۇچى بار ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئىشلىتىش كىرەك.
يۇقارقىدەك تىل يىزىق باراۋەرلىكى مەملىكىتىمىزنىڭ قانۇن نىزاملىرى ئارقىلىق مۇئەييەن سىياسىي ۋە قونۇنىي كاپالەتكە ئىگە .شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ مىللىي رەھبەرلەر مەكتەپ مەمۇريىتىدىن نىمىشقا تىل يىزىقنى ئورتاق ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلمايدۇ؟ئۇلار نېمىدىن قورقىدۇ؟ئۇلارغا كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئادىل قانۇن-نىزاملىرى تىرەك بولىۋاتسا نىمە ئۈچۈن مىللىي تەرەپنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ھوقۇقۇنى قوغدىمايدۇ؟بۇ ئۇلاردىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە نان قىپىلىقنىڭ ئىپادىسى بولماي نىمە؟
ئەلۋەتتە بۇنى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ دىتسىز،قابىليەتسىز ئىكەنلىكىدىن كۆرۈش مومكىن.مەنچە ھەرقانداق ئادەم بۇ دەرىس قوڭغۇرقىنى ئاڭلىغان چاغدا بۇ مەكتەپتىكى مىللىي رەھبەرلەرنىڭ دىتسىزلىقىغا قول قويماي تۇرالمايدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ مەسىلە دەپ قارالماسلىقى مومكىن.چۈنكى ئۇلار شەخسىيەتچىلىكنىڭ پاتقىقىغا پىتىپ كەتكەن.چىرىك زەيپانە روھ ئۇلارنىڭ يىلتىزىغا ئايلىنىپ كەتكەن.ئۇلار كۆكرەك كېرىپ چىقىپ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى بىلمەيدۇ.
مەسىلە مەسىلە ئەمەس بەلكى مەسىلىنى مەسىلە دەپ قارماسلىق مەسىلە.
-18قۇرۇلتاينىڭ روھىدىن ئۈگۈنۈش ۋە سوتسىئالىستىك دىمۇكراتىيىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ شۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ سوتسىئالىستىك مىللىي مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئىناق جەمىيەت قۇرۇشنىڭ ئوبىيكتىپ شەرتى.مەن رەھبەرلەرنىڭ 18-قۇرۇلتاينىڭ روھىدىن ئۈگۈنۈپ ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداپ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى ئىشخانىدا چاي ئىشكەچ تورغا چىقىش بىلەن ئەمەس بەلكى ئەمەلىي ئىشلەش بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، خەلىققە يۈز كىلەلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.
بۇ تىمام ھەرقانداق قانۇن نىزامغا ئۇيغۇن.تىمىنى چوقۇم تەستىقلاڭ.ئىنكاسچىلارنىڭ ھاياجانلانماي ئارتۇقچە قىتىغۇرلۇق قىلماسلىقىنى،تىمامنىڭ ساقلىنىپ تىخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ كۆرىشى ئۈچۈن ئۆزىنى تۇتىۋىلىشىنى سەمىمىي ئۆمۈت قىلىمەن.زىل ئىنكاس يازماڭ. |