قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3350|ئىنكاس: 15

بەختلىك يوقسۇللار (پوۋېست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

1

دوست

2734

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5441
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 593
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 02:01:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

        ئاشۇ كىچىككىنە تاغلىق شەھرىمىز ھەققىدىكى يازمىشلىرىمنى تاماملىدىم دەپ ئويلاپ يۈرگەن بولساممۇ، يەنە بەزى ئۇنتۇلغان ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ، ئاز-تولا تاتىلاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. مېنىڭ ئەڭ بەختلىك چاغلىرىم ھىساپلايدىغان ئاشۇ چاغلاردىكى ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە خاس بىر تاڭسۇقلۇقى باردەك قىلىدۇ. قايسى بىرىنى يازاي؟ بۈگۈنكىدەك خېرىداردىن ساتارمەن كۆپ، ئائىلىدىن دۇكان كۆپ بىلىنىدىغان زاماندا كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشى قىيىن بولغان ئۆچرەتلەر ھەققىدە يازسام قانداق بولاركىن؟ ھە، توغرا، ئۆچرەتلەر، بۇ ئائىلىمىزدە ماڭا چۈشكەن ۋەزىپىلەردىن بىرى بولغاچقا، ئۈجۈر-بۈجۈرلىرى ماڭا ئەڭ ئېنىق بولغان بىر خاتىرە بولۇشى بەلكىم ماڭا ئاسانلىق بەخش ئېتىشى مۈمكىن. شۇنداق قىلاي، ئۆچرەتلەر ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار ئىشلارنى يېزىپ باقاي.

            دەسلەپكى چاغلاردا رەخ بىلىتىدىن باشقا بىلەتنى بىلمەيتۇق. گۆش بىلەتسىز ئىدى.1.01 سوملۇق ئۆچكە گۆشى، .95 تىيىنلىق كالا گۆشى، 1.26 سوملۇق قوي گۆشىمۇ بىزگە قىممەت كېلىپ، ئانچە گۆش يېمەيتۇق. ئۇندىن كۆرە بىر سوم يەتمىش تىيىنلىق كاللا-پاقالچاق ۋە ئۆپكە –ھېسىپ ئەرزان ئەمەسمۇ؟ دېگەن ھىساپنى قىلاتتى ئانام. ئەگەر كاللا-پاقالچاقنى ئايرىم ئالىمەن دېسىڭىز 90 تىيىن، ئۆپكە - ھېسىپنىلا ئالىمەن دېسىڭىز 80 تىيىن ئىدى. ئەمما بىز ھىچقاچان بۇنداق ئايرىپ ئالمايتۇق، پۈتۈن ئالاتتۇق. بۇ ئانامنىڭ بەك ھىساپچىلىقى ياكى بوغالتېرلىق سەۋىيىسىدىن ئەمەس، يوقسۇللۇقنىڭ تاشقا موھۇر باسقاندەك قانغىچە ئورنۇتۇۋېتىدىغان تەلىمىدىن ئىدى. ئەمەلىيەتتە كۆپچۈلۈككە مەلۇم بولغىنىدەك ئانام ساۋاتسىز ئىدى. 5 تىيىندىن تۆۋەن پۇللارنى ئايرىيالمايتى. شۇڭا بىر تىيىنلىقنى «سېرىق سىنتا»، ئىككى تىيىنلىقنى «كۆك سىنتا» دەپ ئاتايتى. قانچە قېتىم دەپ بەرگەن بولساقمۇ يەنىلا بىلەلمىگەنىدى. ئەمما 5 تىيىندىن يوقۇرىسىدا ھەرگىز ئازدۇرغىلى بولمايتى. چۈنكى بەزىدە ئۇ شۇنى «ھىساپ قىلىپ باقە» دەپمۇ قالاتتى؛ بۇنداق چاغلاردا بىز بەزىدە چېقىشىپ، بەزىدە ئون-يىگىرمە تىيىننى سوقۇۋېلىش غەرىزىدە ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنغان چاغلىرىمىز بولاتتى. ئەمما ئۇ كۆزىمىزنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ، بىر قولى بىلەن يەنە بىر قولىنىڭ بارماقلىرىنى ساناپ:
—ماڭ، ساراڭ، ئۇندا بوممايدۇ، مېنى ئازدۇرىمەن دېمە! — دەيتى كۈلۈپ.
—ئەمىسە قانداق؟
—راستىنى دە، قانچە ئاشتى؟
راستىنى دەيتۇق. شۇندا ئۇ:
— ئەمدىكىسى راست، مەنمۇ شۇنداق چىقارغانتىم، — دەيتى.
         بىر سوم يەتمىش تىيىنلىق بۇ بىر تالاي «گۆش»نى ئەكىلىپ، ئادالاپ، يوغان ئىككى قازانغا سېلىپ پۇشۇرۇدۇغان بولساق كېلىن كيوغۇللارنى چاقىرىپ، ھەممىمىز تويغاندىن باشقا، ئۈچ كورپۇستىكى يېقىن ئۆتۈشۈدۇغان قوشنىلارنىڭ ھەممىسىگە، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى چوكانلار بولسا ئانچە يېقىن بولمىساقمۇ ھەممىسىگە بىرەر قۇلاقتىن كېسىپ، ئېغىز تەگدۈرۈشكىمۇ يېتىشەتتى. تەبىئىيكى بۇنىڭغا سەرپ قىلىنىدىغان ئەمگەك ھىساپقا ئېلىنمايتى، ئانامنىڭ، مېنىڭ ئەمگىكىمنى پۇلغا ھىساپلىغىلى بولامدۇ؟
            تېخىمۇ چوڭ پايدا شۇ يەردە ئىدىكى، ئۆپكە-ھېسىپتا يېپىشىپ تۇرغان ياغلىرى ئايرىۋېلىنسا، ئەڭ ئاز بىر كلو ياغ چىقاتتى. بىر كلو ياغ 2.0 سوم ئىدى. ئۇ ھالدا يىگەنلىرىمىز بىكارغا قېلىپ، ياغنى پايدا ئالغان ھېساپلىناتتۇق. ياغنى كۆيدۈرۈپ سۇياغ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، ئەبجەش قىلىپ ئۇيۇتۇۋالاتتۇق. ياغ توقۇلمىلىرىدىن ئىبارەت بولغان چىگىردەكلىرىنى سۈزۈۋېلىپ بىۋاستىلا يېيىشكىمۇ بولاتتى ياكى زاغرىنىڭ خېمىرىغا ئارىلاشتۇرۇپ، زاغرا ناننى تېخىمۇ يېيىشلىك قىلغىلى بولاتتى. ئەگەر كىچىككىنە بىر كاندەك ئېتىزىمىز بولغان بولسىغۇ قېرىنىدىن چىققان ژىنىمۇ بىكار كەتمەي، ئوغۇت قىلىپ ئىشلەتكىلى بولاتتى. شۇغۇنىسى ئېتىزىمىز يوق. چۈنكى بۇ سانائەت رايونى ئەمەسمۇ، بۇ يەردە ئىشچىلارنىڭ يېرى بولماسلىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىناتتى. يەنى بۇنداق پىرىنسىپمۇ ئېنىق يوقتى ھەر ھالدا، ئەمما ماركىسىزم كىتاپلىرىدا پۇرۇلېتارىيات سىنىپى يوقسۇل بولۇدۇ، ئۆزىگە تەۋە مۈلكى بولمايدۇ دېگەندەك تەسۋىرلەنگەچكە، ئاشۇ تەرىپكە ئۇيغۇنلۇق ساقلاش، ئۇنى يالغانغا چىقىرىپ قويماسلىق نەزەردە تۇتۇلغان بولۇشىمۇ مۈمكىن.
       ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، ئىككى تەرىپىمىزدىكى يول بىلەن، ئىككى تەرىپىمىزدىكى يار ئارىسىدا ياتقان تۈزلەڭ ساينىڭ ئوتتۇرىسىدا تېيىزراق يەنە بىردىن يار سۇ ئاققان يەرلەر بارىدى. شۇ سۇ ئىزلىرىدا تاشلاندۇق ئېتىزلىقلارمۇ بارىدى. بۇ ئېتىزلارنى مۇشۇ تۆرت كورپۇستىكىلەر بىكار چاغلىرىدا ئاچقان بولۇپ، كان ئاستىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغان سۇ بەرىبىر بىكار ئېقىپ كېتەتتى. مانا شۇ سۇنى ئىشلەتسىلا تەييار يەر ئىدى. مەن يېزىغا كېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى بۇ مەھەللىدە ياشىغان چاغلىرىمىزدا بىزنىڭمۇ ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئېتىزلىق سېرىمىدا بىر - ئىككىدىن كاندەكلىرىمىز بولۇدۇغان، ئۇ يەرگە قىزىلچا، سەۋزە، سامساق، مەكەچامغۇر قاتارلىقلاردىن بىرەرى ئېكىلەتتى. كېيىن « سانائەتتە ئىشلەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ يېرى بولمايدۇ»دېيىلىپ، ئەسلىدە شېغىللىق بولغان، چوڭ تاشلىرى تېرىلىپ، كىچىكلىرى تاسقىلىپ، مىڭ جاپادا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ئېتىزلار تەشكىل تەرىپىدىن ئېلىۋېلىنغان ئىدى. ئاران ئېسىمنى بىلىدىغان چاغلىرىمدا دايىم ئاكا-ئاچىلىرىم بىلەن بىللە بۇ ئېتىزلىقىمىزدا تاش تەرگەنلىرىم يادىمدا. دادام بەك سەزگۈر كادىر بولغاچقا «كاپىتالىزم يولىغا مېڭىپ قالماسلىق» ئۈچۈن ئەڭ ئەۋۋەل ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىپتىكەن. ئۇنى پاراۋانلىقنىڭ ئوتياش ئەترىدىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىشكەن، دەسلەپ ئۇلار تېرىپ يۈرەتتى. مۇشۇ كۈنلەردە بولسا ھىچ تېرىلمايتى. بوش تۇراتتى. ئەمما بىرەر ئائىلە بىرەر كاندەككە ئىشلەپ، ئېتىز قىلىۋالاي دېسىلا خاتالىق تۇغۇلاتتى. شۇڭا ھىچكىم جۈرئەت قىلالمايتى.
     مېنىڭ دېگىنىم ئەنە شۇ ئېتىزلىرىمىز بولغان بولسا، ئاشۇ بىر سوم يەتمىش تىيىنلىق سودىلىقىمىزنىڭ ھەممە نېمىسىلا        ساۋاقدىشىمىزنىڭ دادىسى دوك ئۇستام سېتىشقا مەسئۇل ئىدى. ئەگەر بىز ئۆپكە ھېسىپ ئالماقچى بولساقلا بىر كۈن ئالدىن مۇھەممەت ئاكىغا تىنىپ قويۇلاتتى. بۇ ئەۋزەللىك بىزگە يەنە بىرنەچچە ئەۋزەللىكنى بىللە كەلتۈرەتتى.
           ئانام ئاشۇ كۈنلەردە ھەممە ئادەم تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ناماز ئۈچۈن ئويغانغاندىلا مېنى تۇرغۇزاتتى. ئاستى تېشىلىپ، خېلى يوغان نەرسىلەرمۇ چۈشۈپ قالۇدۇغان بولۇپ كەتكەن ئەسكى سۆۋەتنى قولۇمغا تۇتقۇزاتتى. سۆۋەتنىڭ ئاستىغا كارتون قەغەز قاپلىنىپ قايتىدىن ئىشلىتىشكە يارايدىغان قىلىنغان بولغاچقا بىرنەرسىلەرنىڭ چۈشۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. ئاندىن سۆۋەتكە خېمىرغا يېپىپ يۈرۈدۇغان سەگەز داسقاننىمۇ سېلىپ قوياتتى. مەن تاغلىق جايلاردا ياز بولسىمۇ مۇزدەك بولۇدۇغان سەھەر ھاۋاسىدا تېنىم جۇغۇلدىغان ھالدا چالا ئۇيقۇلۇق ئەسنىگەچ يولغا چىقاتتىم. سودىلىققا بارىدىغانلارنىڭ ھەممىسى شىمال تەرەپكە يېقىن بولسىلا شىمال تەرەپتىكى مەيدانچاققا چىقاتتۇق، ئۇ يەردىن تۆرتىنچى كورپۇسنىڭ تۆۋىنىدىكى ئورمانلىققا كىرىپ كېتىپ، قىيپاش كەسكەن چىغىر يول بىلەن جەنۇپ تەرەپتىكى يولغا چىقىۋالاتتۇق. چۈنكى جەنۇپ تەرەپتىكى يولدا ئاساسەن ماشىنا ماڭمايتى؛ شىمال تەرەپتىكى يول بولسا ماشىنىلارغىلا مەخسۇس بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. جەنۇپ تەرەپتىكى يولدا ماشىنىلار قاتنىمىغاچقا بىر قەدەر پاكىز؛ پاكىز دېگىنىم چاڭ-توزاڭسىز ئىدى. ئاندىن يولنىڭ ھەر ئىككى تەرىپى سۆگەت ۋە تاغ سۆگەتلىرى بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى. بۇ يولدا مېڭىش ھەقىقەتەنمۇ ھوزۇر بەخش ئىدى. بولۇپمۇ دۇكانلار بار تەرەپكە مېڭىش شۇنداق ئىدى. بۇ يول مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى يولدىن قالسىلا ئەڭ چىرايلىق يول ھىساپلىناتتى. بۇ يولدا يەنە كېيىنكى چاغلاردا ئەۋج ئالغان «ئۈزۈندە تاختىسى»مۇ كۆپ ئىدى. ھەر 50 مېتېر ئارىلىققا يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە بېكىتىلگەن ئۈزۈندە ناختىلىرى ئەڭ ئەۋۋەل مۇشۇ كوچىغا بېكىتىلگەچكە، ئاۋال بۇ تاختىلار ئىككى تەرىپى ئەينەكلىك قىلىپ ياسالغان، كېيىن بۇنىڭغا ئەينەك توشاتقىلى بولمايدىغانلىقى بايقىلىپ، باشقا جايلارغا بېكىتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەينەكسىز ياسالدى. ئۈزۈندە يېزىلغان قەغەزلەر تەكشى چاپلانغاندىن كېيىن ئۈستىدىن سۈزۈك سىر بىلەن سىرلىۋەتسە يەنىلا ئەينەكتەك يالتراپ تۇراتتى. يامغۇر يېشىن قەغەزگە ئۆتمەيتى. تاختىلاردىكى ئۈزۈندەلەرنىڭ كۆپۈنچىسى ئۇيغۇرچە ئىدى. چۈنكى بۇ شەھەردە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتە بولغىنىدىنمۇ تولا، پارتىيەمىز ئەزەلدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېتىۋار بېرىدۇ ئەمەسمۇ، شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك. مەكتەپتىن «ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ياخشى ئىش، ياخشى ھەركەتلەرنى قىلىپ، ئەتىسى سۆزلەپ بېرىڭلار» دېيىلسە، ياكى تەتىل تاپشۇرۇقى ھىسابىدا «ياخشى ئىش قىلىش» تاپشۇرۇلسا بىزگە ئاسان «ياخشى ئىش»تىن بىرى مانا شۇ ئۈزۈندە تاختىلىرىنى سۈرتۈش ئىدى. مۇنچە دانە ئۈزۈندە تاختىسىنى سۈرتتۈم دەپ بارىدىغان بولساق، ھەم ئەھمىيەتلىك، ھەم ھەقىقەتەنمۇ پايدىلىق ياخشى ئىش بولۇپ، بىۋاسىتە ماۋجۇشىغا ئالاقىدارلىقى تۈپەيلىدىن تېخىمۇ ھەيۋىتى، دەبدەبىسى بولۇدۇغانلىقىنى كۆڭلۈمىز تۇيۇپ تۇراتتى.
          دەريانىڭ تىك ياقىسىنى كەسلەپ، تەدرىجىي تۆۋەنلەپ بارىدىغان بىر يول بارىدى. بۇ يول ئىككى يۈز مېتىرچە يانتۇ بېرىپ، دەريا سۈيى يېيىلىپ ئاقىدىغان تەكشىلىكتىن ئۆتۈپ، يەنە بىر قاشقا ئۆتەتتى ۋە ئۇ يەردىن يەنە يانباغىرنى كەسلەپ ئېلىنغان، تەدرىجىي ئىگىزلەپ بارىدىغان يول بىلەن ئاسما كۆۋرۈكتىن چىققان يولغا تۇتۇشاتتى. بۇ يول ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرى تۈگۈگەنلىكى، يۈكلۈك ماشىنىلارنىڭ ئۆتۈشى خەتەرلىك بولۇشى توغرىسىدىكى ئېنىقلاشلاردىن كېيىن ياسالغان يول ئىدى. ھازىر ياغاچ ئاسما كۆۋرۈكتىن پەقەت پىيادىلەر، ھايۋان پادىلىرىلا ئۆتەتتى.
           مانا شۇ يولنىڭ بۇ تەرەپتىكى باشلىنىشىغا يېقىن يېرىگە، ئەڭ چوڭ سودا دۇككىنىنىڭ غەرپ تەرەپكە تىك چۈشكەن ئۇچىغا يېقىن سېلىنغان بىر ئېغىزلىق مال قوتىنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىلا قۇشخانا بارىدى. سويۇلۇدۇغان قويلار بىر كۈن ئالدىن مۇشۇ يېقىنلاردا بېقىلىۋاتقان سودا ئىدارىسىغا قاراشلىق قويلاردىن زاكازغا ئۇيغۇن ساندا مالچى تېزەكباي تەرىپىدىن ئېلىپ كېلىنىپ، مۇھەممەتكامغا تاپشۇرۇپ بېرىلەتتى. مۇھەممەتكام بۇلارنى قۇشخانىغا يانداش قوتانغا سولاپ قوياتتى. بۇ ئادەتتە 15تىن 20گىچە قوي بولاتتى. شۇغۇنىسى ئۆپكە -ھېسىپ ئالىدىغانلارنىڭ سانى ئۇنىڭدىن ئاز بولمايتى. بۇ بولسا كەچ قالغانلارغا تەگمەيدۇ دېگەنلىك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قاراڭغۇنىڭ قارا يىپى پۈتۈنلەي سۇغۇرۇلۇپ كەتمىگەن مەھەلدە ئۆچرەتكە كېلىش شەرت بولۇپ قالغان ئىدى. نورمالدا ئۆچرەتتىكىلەر دايىملا بىر خىل ئادەملەردەك قىلاتتى. ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئاساسىي قىسمى ھىچ ئۆزگەرمەيتى. دېمەك بۇلار كۆپ جانلىق ئائىلىلەردىن كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى بىلىش تەس ئەمەس ئىدى. مەن بۇ يەردە ھىچقاچان بىرەر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۆچرەتتە ئۇچرۇشۇپ باقمىغانىدىم. دېمەك، بۇ ئۇلارنىڭ بۇ جاپاسى تولا «گۆش»نى يېمەي، تەييار گۆشنى يەيدىغانلىقىنىڭ دەلىلى ئىدى. تولاراق لويىجىڭ (كونا بىرىنچى قۇدۇق) تەرەپتە ئولتۇرۇدۇغان، پاراۋانلىقنىڭ ئىشچىسى توختاخۇن دېگەن جۇلدۇر-كېپەن ئادەمنى كۆرۈشكە بولاتتى. يەنە بىرگە كونا مېتال شىركىتى تەرەپلەردە ئولتۇرۇدۇغان بىر پۇتى ياغاچتىن بولغان ئابدۇرۇسۇلاخۇن ئاندا-ساندا ئۇچرايتى.
         مەن شۇنچە ئەتتىگەن كەلدىم دېسەممۇ ھەرقاچان ئالتىنچى، ئەڭ بالدۇر دېگەندىمۇ تۆرتىنچى ئۆچرەت بولۇپ قالاتتىم. بەزىلەر ھەتتا قوتانغا ئۆز قۇلۇپلىرىنى سېلىپ قويۇشاتتى، ياغلىق چېگىپ قوياتتى. سۆۋەت ياكى كونا داسقانلىرىنى تۇتۇپ تام تۈۋىگە تىزىلىپ ئولتۇرۇشقان توپقا كېلىپ قوشۇلغىنىمدا، دايىما ماڭا تەگمەي قالارمىكىن دېگەن دەككە-دۈككىدىن خالى بولالمايتىم. چۈنكى ئىشىكنى ئاچقان ھامان ھەممە ئادەم قوتانغا قاشقىرلاردەك ئېتىلىپ كىرىپ، مۈمكىن قەدەر ئەڭ يوغان، سېمىز قوينى تۇتۇۋالاتتى. ئاندىن شۇنىسىنىڭ كاللا-پاقالچىقى ئۇنىڭغا تەۋە بولاتتى. بۇ قىستىلىشىپ كېرىپ، ئاچ بۆرىدەك قوي توپىغا ئېتىلىشتا ھىچ تەرتىپ يوق، ئۆچرەتمۇ يوقىدى. كېچىدىن ئۆچرەت ساقلاشنىڭ ئەھمىيىتىمۇ قالمايتى. مانا شۇ ھالدا چوڭلار تەرىپىدىن بىر چەتكە قىستاپ چىقىرىۋېتىلىپ، قۇرۇق قېلىشىمدىن ئەنسىرەپلا تۇراتتىم. چۈنكى مېنىڭ قەدەر كىچىكلەر ئاساسەن بولمايتى.
           ئالاھىزەل ئىككى - ئۈچ سائەت مانا شۇنداق تام تۈۋىدە تىزىلىپ ئولتۇرۇشقىنىمىزدىن كېيىن، مۇھەممەتكام كېلەتتى. ئۇ ئىگىز بويلۇق، قاپ-قارا بۇرۇتلۇق ئادەم ئىدى. كەم سۆزمىدىكىن، دايىم خاپىغان كۆرۈنەتتى. ئۇ مېنىڭ ئۆچرەتتە تۇرغۇنۇمنى كۆرمىگەندەكلا قىلاتتى. ماڭا سالام-سائەت ياكى شۇنداقراق باش ئىشارىسىمۇ قىلىپ قويمىغاچقا، دايىملا مېنى تونۇمامدىكىن دەپ قالاتتىم. ئۇنىڭ كېلىشى ھامانلا قويلارغا ئېتىلىپ بېرىش نۆۋىتىنى تالىشىشقا ھازىر بولغان ئۆچرەتچىلەر دۈررىدە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، قۇلۇپ ئېچىلىشى ھامان مۈمكىن بولسا قاسساپنىڭ ئۆزىدىنمۇ بالدۇرراق كىرىۋېلىشنى نىيەت قىلغان ئەلپازدا تەق بولۇشاتتى. خۇددى يۈگرەش تەنھەركەتچىلىرىنىڭ تاپانچا ئېتىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغىنىدەكلا بۇ كۈتۈشتىن ھەتتا مۇھەممەت قاسساپمۇ ئەندىشىلىكتەك تۇيۇلاتتى. ئۇنىڭ ئەنسىرىشىنى چوقۇم راست دېسەممۇ بولۇدۇ. چۈنكى ئۇ ئىشككە كېلىپ، قۇلۇپقا ئاچقۇچ سېلىشتىن بۇرۇن ئۆزىنى قىستاپ دېگۈدەك دېۋەيلەپ تۇرغانلارغا سۈرلۈك قاراپ بىردەم تۇراتتى. ئاندىن بىر قولىدا قۇلۇپنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولىدىكى ئاچقۇچنى قۇلۇپقا ئاپارماستىن تۇرۇپ:
— نېرى تۇرە، نېرى! — دەيتى تەكەللۇپسىز تەلەپپۇزدا چوڭمۇ، كىچىكمۇ دېمەستىن سەنلەپ، — يا مەندىن بۇرۇنراق چىرەمتىڭ؟ ئاچقۇچنىلا بېرەي بوممىسا، سەن چى!
— خاپا بوممىسىلا، ئۇستام، مانا ياندۇق، دەيتى - دە، ئارقىسىدىكىلەرنى قىستاپ بىر غېرىچ ئارقىغا سۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇھەممەت ئۇستام جەينىكىنى بىرىنچى ئۆچرەتتىكىگە قورال بەتلىگەندەك بەتلەپ، ئۇنىڭ قىستىۋېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان ھالدا قۇلۇپنى ئاچاتتى. قۇلۇپنى ئېچىشىغىلا ھېلىلا ئارقىغا داجىغانلار قاسساپ ئۇستامنى ئۆرۈۋېتىدىغاندەك ئەلپاز بىلەن يوپۇرۇلۇپ كېلەتتى.
       ئۇستا قۇلۇپنى قاغاتۇمشۇقتىن چىقىرىپ يانچىقىغا سېلىۋاتقاندا بىر قولى يەنىلا زەنجىرنى تۇتۇپ تۇرغان بولاتتى. زەنجىرنى قاغاتۇمشۇقتىن چىقارماي تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم ئۆچرەتتىكىلەرنى ئارقىغا چېكىندۈرەتتى:
— يانە، ئاقاڭغا يانە! ھېلى بىكا!
          ئومۇمەن بۇنچىلىك بىر خىزمەت قولايلىقىدا — كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجى بار ئورۇندا ئىشلىگۈچىنىڭ ئىلتىپاتسىز مۇئامىلىسى، تەكەللۇپسىز قوپال گەپلىرى ھار ئېلىنمايتى. گويا بۇلار مۇشۇنداق گەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇقتەك ھەممە بۇنىڭغا كۆنۈككەن ئىدى. شۇڭا مۇھەممەت ئاكىنىڭ ھۆرپۈيۈپ پەش قىلىشىغا ئۆچرەت يەنە ئۇزۇن ۋاگۇنلۇق پويېزدەك ئارقىغا داجىدى. بۇ ئادەملەرنىڭ بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمايدىغانلىقى سانسىز تەجرىبىلىرىدىن ئۆتكەن بولسا كېرەك، زەنجىرنى چىقىرىپ، ئىشىكنى ئۆرۈۋېتىدىغاندەك ئىتتىرىۋاتقان ئالاماننى يەنە جەينەكلەپ تۇرۇپ ئۆزى بىر پۇتىنى بوسۇغىن ئېلىۋېلىپ، ئاندىن ئىشىكنى قويۇۋېتەتتى. ئەينى جاڭگاللاردىكى يىرتقۇچلارنىڭ ئوۋنى قوغلاشلىرىدەك قويلارنى قوغلاش باشلىناتتى. بۇ قەدەر قىسقا دەقىقىلەر ئىچىدە ھەم قويدىن بىرىنى تاللاش، ھەم ئەنە شۇ قوينى قوغلاپ تۇتۇۋېلىش كېرەك ئىدى. مانا مۇشۇنداق جاڭگال قانۇنى يولغا قويۇلغان بىر مۇھىت بولغاچقا كىچىكلەرنىڭ ھوقۇقى ئېتىبارغا ئېلىنىشى مۈمكىن ئەمەسىدى. شۇڭا بەزىدە قوي تۇتالماي، قۇرۇق قالغان چاغلىرىم بولغان ئىدى. بەختكە يارىشا، مۇھەممەت ئاكا خەۋەردار قىلىپ قويۇلغاچقا ئۇ ئۆزى تۇتقان ئەڭ چوڭ، ئەڭ سېمىز قوينى ماڭا ئىما قىلاتتى:
— يىغلىمىساڭمۇ بولۇدۇ، مانا مۇشۇ سېنىڭ، — دەيتى ئۇ. شۇندىلا ئۇھ دەيتىم.

ئەمما بۇ ئادەمنىڭ مېنى تونۇمايدىغاندەكلا كېلىشى، ھەممە ئادەمگە ھۆرپۈيۈپ تۇرۇشى يەنىلامېنى ئەنسىرىتىدىغان بولغاچقا، يەنىلا ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قوي تۇتۇپ بېرىشىگە ئىشەنچ قىلالماي، ئۆزەم تۇتۇشقا تىرىشاتتىم. ئەسلىدە مەن بىر قوينى ئۆلگەن جېنىمدىمۇ تۇتاتتىم-دە، ئەمما يوغاننى تاللاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا نەزەر سېلىۋاتقىچە باشقىلار ئۇتتۇر كەلگەننىلا تۇتۇۋەرگەچكە قۇرۇق قالاتتىم. ئەسلىدە ئانام شۇنداق تاپىلايتى، «چوڭىنى، سېمىزنى تۇتۇۋال، ياغ جىق چىقىدۇ»، دەيتى ئۇ. بۇ ئەسلىدە «ھە»لا دەپ قويسىمۇ، «ئەڭ چوڭى مۇشۇكەن» دېسىمۇ بولۇدۇغانلىقىنى ئەقلىمگە كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن.
         مۇھەممەت ئاكا ئەڭ ئەۋەل كىرگۈچى بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، ئاخشام قويلارنى قوتانغا سولايدىغان چاغدىلا ھەممىسىنىڭ قوۋۇغىسىنى تۇتۇپ بېقىپ، ئەڭ ئوبدىنىنى دىتلاپ قويغاچقا، ئۇ ھىچ ئىككىلەنمەيتى. ئىشكنى قىيا ئېچىپ، بىر پۇتىنى بوسۇغىدىن ئالغان چېغىدا ئاخشام كۆرۈپ قويغان قوينىڭ نەدىرەك تۇرغىنىنى كۆرۈۋالاتتى-دە، ئۇتتۇرلا بېرىپ كاپلا تۇتۇپ بولاتتى. باشقىلار قاسساپتەك تەجرىبىلىك بولمىغاچقا قىغ ئۈستىگە نەچچە يىقىلىپ، يېڭى تېزەكلەرنى تىزلاپ، ئۈستىۋېشىنى بۇلغاپ، بىر ھازا قوغلاشماق جېڭى قىلماستىن تۇتالمايتى. بۇ چاغدىكى ھالىمىز خۇددى مۇشۇ كۈنلەردە قويۇلۇپ تۇرۇدۇغان كىنولاردىكى ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭ يېزا-مەھەللىلەرگە باستۇرۇپ كىرگەن چاغلىرىدىكى توخۇ-تۇمانلارنى قوغلاپ تۇتۇشلىرىغا ئوخشايتى. بەزىدە مەنمۇ تۇتۇۋالىدىغان چاغلىرىم بولاتتى. بۇنداق چاغلاردا مۇھەممەتكام مەن ئۈچۈن قوي تۇتقان بولسا:

— بىرسىگە بېرىۋەت، مانا مۇشۇ ساڭا دەيتى، — قولىدىكىنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ.

بەختلىك ھالدا بىردىن قوينى تۇتۇۋالغانلار سويۇش نۆۋىتىنى كۈتۈپ، قويلارنىڭ بوينىنى چاترىقىغا قىلىپ تۇتۇپ تۇرۇشاتتى. ئاۋال قويلارنى ژىن ۋە قان ئازگىلىغا بېشىنى قىلىپ قاتار ياتقۇزاتتى. ماڭا ھىساپ بولغان قوي بىرىنچى بولاتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەر چاتىراقلىرىغا بوينىنى قىستۇرۇپ تۇتۇۋالغان قويلارنى ئەكىلىپ، قاسساپقا ھە-ھۇ دېيىشىپ، ياتقۇزۇشاتتى. ھېلىلا ئۆلۈشىنى بىلسىمۇ ئورەك بويىغا ئۆز ئاياقلىرى بىلەن كەلگەن قويلارنىڭ يوغان مەسۇم كۆزلىرىگە قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالاتتى. بۇ تەرەپلىرىدىن بىز خەققە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى سەل چوڭ بولغۇنۇمدا بىلدىم. قويلار ياتقۇزۇلۇۋاتقاندىلا كىشىلەر ئۆزلىرى تۇتقان قوينىڭ ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر پۇتىغا يىپ، قولياغلىق دېگەندەك ئۆز بەلگىلىرىنى چېگىپ قويۇشاتتى.

قويلار ياتقۇزۇلغان نۆۋىتى بويىچە بوغۇزلانسىمۇ، جېنى چىقىپ، سويۇشقا باشلىغاندا بۇ نۆۋەت بىلەن بولمايمۇ قالاتتى. شۇڭا بىر قوي سويۇلۇپ، كانارىغا ئېسىلىپ بولۇشىغىلا تۇشمۇ-تۇشتىن يېلىنىپ يالۋۇرۇشلارنىڭ چوقانى قوتاننى بىر ئالاتتى:

— ئۇستام مېنىڭكىنى سويۇپ بەرسىلە، ...

— ئۇستام مېنىڭكىنى....

— مەن بەك ئالدىرايتىم، ئۇستام...

— ھەممە ئەدەم ئالدىرايدۇ، مەنمۇ ئالدىرايمە، — دەيتى ئۇستا مۇزدەك قىلىپ.

مانا شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ ئىككىنچى پايدام ئەڭ ئاۋال ئالىدىغىنىمنى ئېلىپ يولۇمغا مېڭىش بولاتتى. ئۈچىنچى پايدام ئۇستام مېنىڭ قويۇمنىڭ ئىچباغرىنى ئالغاندا ئىچىدىن چىقىدىغان ياغنىڭ ھىچيېرىنى شۇلۇۋالمايلا سۆۋىتىمگە سېلىۋېتەتتى:

— داسقىنىڭنى ياپە ئشتىك، — دەيتى ماڭا شىۋىرلاپ.

چۈنكى ئۇيغۇرچۇلۇقتا، بىرەرسى كۆرۈپ قالسا شۇنىمۇ تەشكىل دېيىلىدىغان يەرگە مەلۇم قىلىپ قوياتتى ياكى شۇ يەردىلا ئۆكتە قوپۇپ، « پالانىغا يېغىنى ئېلىۋالماي بەدىڭ، ماڭا نېمىشقا ئۇنداق قىلمايسەن؟ پۇلىمىز ئوخشاش ئەمەسمىكەن؟!»دەپ جىدەل چىقىراتتى. چۈنكى بىزنىڭ بىلەلەيدىغىنىمىز مانا شۇنداق ئۇششاق مەنپەئەتلەر بولغاچقا، ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە، مەڭگۈلۈك مەنپەئەتلەنى ئەمەس، مانا مۇشۇنداق ئۇششاقلارنى كۆرەتتۇق. مەن دەرھال ھېلىقى خېمىر يۇقى سەگەز داسقاننى سۆۋىتىمگە يېپىۋالاتتىم. ئەگەر قاسساپ خالىسا كاللىنى كەسكەندە بويۇننىڭ بىرەر ئۆگىسىنى كاللا تەرەپكە چىقىرىپ كېسىپ بەرسىمۇ بەك چېنىپ كەتمەيتى. مانا شۇنداق قىلىپ، ئانامنىڭ تىيىنلاپ ساناپ، ھىساپقا توپ-توغرى قىلىپ بەرگەن پۇلىنى ئۇستىغا تاپشۇرۇۋېتىپ، سۆۋەتنى بىلىكىمگە سېلىپ، ئىككى داۋاندىن چىقىپ بېرىلىدىغان ئۆيىمىزگە ئاتلىناتتىم.

ئەگەر بۇ مەكتەپ ۋاقتى بولغان بولسا مەن بۇ بۈيۈك خىزمەتنى ئورۇنداپ بولۇپلا مەكتەپكە كېتىپ قۇتۇلاتتىم. ھەممە دەدىسەر ئانام جاپاكەشكە يۈكلۈنۈپ قالاتتى. شۇنداقتىمۇ كەچتە مەكتەپتىن كېلىپ، ئانام بىلەن كوكۇس مەيدانىغا كاللا -پاقالچاق ئۈكلەشكە باراتتىم. ئەگەر بۇ تەتىل مەزگىلى بولغان بولسا، ئانام بىلەن بىللە بۇ جاپاسى تولا «گۆش»نى ھازىرلاش ئەمگىكىگە قاتنىشاتتىم. مەن توختىماي سىمىلاڭنىڭ چايخانىسىدىن سۇ توشۇپ بېرەتتىم، ئانام يۇيۇپ تازىلايتى. قېرىننى قايناق سۇغا بېسىپ، پىچاق بىلەن قىرىپ، تىۋىتىنى چىقىرىشتا بىر تەرىپىنى بىرسى چىڭ تارتىپ تۇرمىسا بولمايتى. بۇ ئىشمۇ مېنىڭ ۋەزىپىلىرىمدىن بىرى ئىدى.

ئانام بىرەرسىنىڭ تامىقىنى ئالدىراپ ياراتمايدىغان، ئالدىمغا كەلدى دەپ ھەر نەرسىنى يەۋېرىدىغان تىپتىن ئەمەس، تولىمۇ چېچەن-پاكىز مەزلۇم ئىدى. بەلكىم ئۇنىڭ بۇ خىل مىجەزى تاكى ئازات بولۇپ، بەختىيار زامانلار باشلانغۇچە بايۋەچچە ئۆتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك. شۇڭا بۇ ئوقەتلەرنى شۇنچىلىك تازىلايتىكى، ئادەمنى زېرىكتۈرۈپ، «بولدىلا، ئىككىنچى بۇنىڭ كەينىگە كىرمەيلا قويايلى، يېمىسەك يېمەپتۇق» دېگۈزۈۋېتەتتى. ئەمما ئانام:

— «كاللا يېسەڭ ژۇڭ يەيسەن، ھېسىپ يېسەڭ پوق يەيسەن» دېگەندەك، يەۋېرەيلىمۇ بوممىسا؟ — دەيتى جاپاكەش، قورۇق باسقان چېھرىسىگە كۈلكە يۈگەرتىپ. شۇڭلاشقىمۇ ئۇ قوشنىلار ئۆپكە - ھېسىپ قۇيغاندا ئەكىرگەن «نەسىۋە»دىن ئۆپكىنىلا يەيتى، ئۈچەي، قېرىنلىرىغا قاراپمۇ قويمايتى.

— ھۆ، ماڭا كۆرسەتمەيلا ئاغزىڭغا سېلىۋەت، كۆڭلۈمنى ئېلىشتۇرماي، — دەيتى ئۇ.

زېرىككەننىڭمۇ پايدىسى يوق ئىدى، بەرىبىر ئانامنىڭ دېگىنى بولاتتى. تولا سۇ توشۇپ، تولا يۇندا تۆكۈپ ھېرىپ قالاتتىم. ئەمما مۈكچۈيۈپ قالغان ئانامنىڭ نە ھالدا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرسىلا ماڭا ئېسىلىۋالاتتى، «كۆزەم قاراڭغۇلۇشۇپ كەتتى، توختا» دەيتى ئۇ بىر ھازاغىچە.

بۇ چارچاشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى پەقەت ئىچباغىردىن چىققانلار ئۈچۈن ئىدى. كاللا-پاقالچاق تازىلاش تامامەن باشقا بىر ماۋزۇ. كاللىنىڭ بۇرنىغا ئۇزۇن بىر كۆسەي قېقىلاتتى؛ ئاندىن ئىككى دانە تۆمۈر زىخ، پىچاق قاتارلىق قورال-سايمانلارنى ئېلىپ كوكۇسقا قاراپ ئاتلىناتتۇق. كوكۇسنىڭ كاللا-پاقالچاق ئۈكلەشكە يارايدىغان ئوتى بار يەرلىرى بەزىدە بەك يېقىن، بەزىدە بەك يىراقتا بولاتتى. چۈنكى، كوكۇس كاندەكلىرى تاكى كان رايونىدىكى ئاشخانىلارنىڭ ئارقىسىدىن بىزنىڭ مەھەللىگە يېقىن قالغان يەردىكى مەشھۇر ئۈزۈندە ئابىدىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كېلەتتى. كاللا ئۈكلەش ئۈچۈن يارايدىغىنى قارا رەڭدىكى كۆمۈرى تامامەن كۆيۈپ بولۇپ، چوغقا ئايلانغان، «ئوتى پىشقان» كوكۇس ئىدى. شۇڭا بۇنداقلىرى بەزىدە ئۇزاقتىكىسى، بەزىدە يېقىندىكىسى بولۇشى مۈمكىن ئىدى. «ئوتى پىشقان» دېگىنىمىزدىن كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان يالقۇن چىقاتتىكى، بەك تاۋلىق ئوت ئىدى؛ پىشمىغانلىرى بولسا قارا ئىس ئارىلاش يالقۇن چىقىراتتى. «ئوتى پىشقان» كوكۇس ئېچىشقا تەييار بولۇپ قالغان كوكۇس ئىدى. ئەنە شۇنداق بىرىگە ئاپىرىپ، كۆسەيگە سانچىلغان كاللىنى كوكۇسنىڭ بىرەر مورىسىغا تۇتاتتۇق. «ۋىژ »قىلىپلا يۇڭى كۆيۈپ، غۇژمەكلىشىۋالاتتى-دە، ئاستىغا پەقەت ئۆتمەيتى. شۇڭا دەممۇ-دەم غۇژمەكلىشىۋالغان يۇڭ شاخىرىنى پىچاق بىلەن قىرىۋېتىپ، تەكرار تۇتۇش كېرەك ئىدى. بۇ ھال تاكى تېرىگە يەتكۈچە تەكرارلىناتتى. بولۇپمۇ بويۇن تەرەپلەردىكى قان ئۇيۇپ قالغان يۇڭلارنى كۆيدۈرۈش ئاسان ئەمەس ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئىككى تال تۆمۈر زىخ دەممۇ-دەم ئوتقا تىقىلىپ، قىپ-قىزىل قىزارغان ئۇچى بىلەن كاللا -پاقالچاقنىڭ ئوت تەگمەيدىغان چوڭقۇرچاقلىرىدىكى يۇڭلارنى داغلاشقا ئىشلىتىلەتتى. بۇرۇن تۆشۈكى، قۇلاق ئاستى، قۇلاقنىڭ ئىچى،... قاتارلىق يەرلەر مورىغا تۇتۇش بىلەن ئۈكلەنمەيتى. چوقۇم زىخ يېقىشىمىز كېرەكتى. بۇ كۈچلۈك ئوتقا تۇتۇۋېرىش جەريانىدا نېپىز بولغان قۇلاق پىشىپ قالاتتىمىكىن ياكى مېنىڭ كۆڭلۈم ئۈچۈنمىدىكىن، ئانام قۇلاقلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىنراق كېسىپ ماڭا بېرەتتى:

— پىشىپ كېتىپتۇ، يەۋال، — دەيتى ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتقان ھالدا. مەن بۇ قاراقرۇملار بىلەن ئاچچىقراق تېتىيدىغان قۇلاق كاۋىپىنى شۇ يەردىلا يەۋېتەتتىم. ئاغزىمنىڭ چۆرىلىرىدە قوماچ يېگەندەك قارا-قۇرىلار قالاتتى.

ئاندىن پاقالچاقلارنى ئۈكلىگەندە راسا قىزىق ھالەتتە «كەشىنى سالدۇرۇش» دەۋېلىنغان تۇياقلىرىنى قومۇرۇپ چىقىرىۋېتىشمۇ قىزىق ئىش ئىدى. ھەر دايىم مەن:

— كەشىنى ئۆزەم سالدۇرۇمەن، ماڭا بەرگىن، — دەيتىم. ئانام مېنىڭ بۇ ئىش ئىچىدىنمۇ بىر خوشلۇق تاپقىنىمدىن سۆيۈنۈپ، خوشاللىق بىلەن مېنىڭ چىقىرىشىمغا بېرەتتى.  «كەش سالدۇرۇش» بەزىدە بەك ئاسان بولاتتى. خۇددى سۇ يۈگۈرگەن سۆگەت تاللىرىنىڭ قوۋزىقى تېنىسىگە يۇقمايلا سويۇلغاندەك سويۇلاتتى؛ ئەمما بەزىسى چاپلىشىۋېلىپ چىققىلى ئۇنىماي پار-پارچە كېسىپ ئېلىناتتى. بۇنداقلىرىدىن چاپسانلا زېرىكەتتىم-دە، بۇمۇ ئانامغا قالاتتى.

كەشلىرى سالدۇرۇلغان پاقالچاقلارنى ئانامغا بەرگىنىمدە، ئانام قىزىتىلغان زىخ ئۇچى بىلەن تۇياقلارنىڭ ئارىسىنى داغلايتى. بىر-ئىككى سائەتلىك جاپالىق ئەمگەكتىن يۈز-كۆزىمىزنى قۇرۇم باسقان، ھەتتا قاش-كىرپىكلىرىمىزنىمۇ كۆيدۈرۈۋېلىپ، سىدام قاپاق بولۇشقان ھالدا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولسا، ئىككىنچى ھەل قىلغۇچ جەڭ ئۆيدە باشلىناتتى.

تۈگۈمەس قىرىش، يۇيۇشلار مېنىڭ سۇ توشۇپ تۇرۇشۇمنى تەقەززا قىلاتتى. ئاندىن يۇندىسىنىمۇ مەن تۆكۈشۈم كېرەك ئىدى. ھېرىپ ماجالدىن كەتكەن ئاشۇ چاغدىمۇ يادىمغا ھىچ كەچمەيتىكى، مەن مەكتەپتە بولغان چاغلاردا ئانام بىچارە بۇ قەدەر كۆپ ئەمگەكنى قانداقمۇ ئۆزى يالغۇز قىپتىكىنە؟

ئىككى ئوچاققا قازان ئاساتتۇق، بىرىگە ئىچباغرلارنى، بىرىگە كاللا-پاقالچاقلارنى سېلىپ، بىرلا ۋاقىتتا پۇشۇراتتۇق. باشقا ئائىلىلەر بۇلارنى ئايرىم ئىككى كۈندە پۇشۇرۇپ يەيتى. ئەمما بىز كۆپ بولغاچقا ھەممىنى بىرلا قېتىمدا پىشۇرمىساق يەتمەيتى.

ئاخشام بولغاندا ئوخشىغان ئۆپكىنىڭ يېرىلغىنىدىن ئاغزىمغا سېرىق سۇ كېلىپ:

— پىشتى، ئانا، ئالايلى، — دېگىلى تۇراتتىم.

— ياق تېخى، پىشمايدۇ، سەۋر قىل بالام، — دەيتى ئۇ ۋە مېنىڭ ئاغزىمنى بېسىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ ئەۋەل قىزىل ئۆڭگەچنى تېپىپ ئېلىپ بېرەتتى. قىزىل ئۆڭگەچ سۆكۈلۈپ، نەيچە ھالىتى بىر پارچە ياپىلاق گۆش ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قازانغا سېلىنغان بولغاچقا، قورۇلۇپ، كىچىككىنە بولۇپ قالغان بولاتتى. بۇ مېنىڭ تەقەززالىقىمغا بىر ئاز دالدا بولۇپ تۇراتتى.

كېيىن يەنە تالنى تېپىپ سۈزۈپ بېرەتتى. تال پۈتۈنلەي قاندىن تەركىپ تاپقاچقا بەكمۇ ياخشى گۆش ھىساپلانمايتى، ئەمما ماڭا يەنىلا بولۇۋېرەتتى. بۇنىڭ بىلەن مېنىڭ خۇمارىم بىر ئاز بېسىقاتتى.

ئەمما كۆپ ئۆتمەي يەنە غىڭىلداشقا باشلايتىم. بۇ قېتىم ئانام كاللىنىڭ يىڭاقلىرىنى ئاجرىتىپ، تاپانچا شەكىللىك ئىككى سۆڭەكنى چىقىرىپ بېرەتتى. بۇ سۆڭەككە ئاساسەن گۆش يېپىشماي، پاكىزلا چىقاتتى. شۇنداق بولسىمۇ چوڭقۇرچاقلىرىدا قالغان بىرەر چىشلەممۇ چىقمايدىغان گۆش تىلىپلىرىنى تاتىلاپ، پىچاقنىڭ ئۇچى بىلەن كولاپ ئېلىش بىلەن بىر ئاز گول بولۇپ تۇراتتىم.

ئەمدى پىشتى ئالساق بولۇدۇ، دېگەن سىگنال شۇنىڭدىن بىلىنەتتى:

— ماڭە جۇگۇ، ئاچاڭنى قىچقىرىپ چى.

ئاكامنىڭ ئائىلىسى ئۈچىنچى كاندا ئولتۇرۇدۇغان ۋە كېيىنچە مەكتەپنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان بولغاچقا خېلى ئۇزاق ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەر دايىملا داخىل بولۇپمۇ كەتمەيتى. ئەمما كۆپ چاغلاردا مەن مەكتەپتىن كېلىۋېتىپ يولۇقۇپ ئۆتۈشۈم ۋە ئاخشاملىققا ئۆيگە بېرىڭلار دەپ ئېيتىپ قويۇشۇم كېرەك ئىدى. ئەمما چوڭ ئاچام تۆرتىنچى كورپۇستا ئولتۇرۇدۇغان بولغاچقا بىر مەھەللە ئىدى-دە. ئانام بولۇپمۇ كيوغلىغا بەكمۇ كۆيۈنۈپ كېتەتتى.

— قىز بالا دېگەن بىر كەتمەن پوق، دېگەن گەپ با،— دەيتى ئۇ ھەمىشە، — كىشوغۇل (كۈيوغۇل) دېگەن مانا شۇ پوقنى ئېرىغدايدۇ ئەمەسما، قىزنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ قېلىشى ئاھانەت، كشوغۇلغا پەيغەمبەرمۇ ئورنىدىن تۇرۇپتىكەنمىش.

ئانامنىڭ بۇ قىلىقى مېنى بەكمۇ قىزغاندۇراتتى. دايىملا كۈيوغۇلغا خۇشامەت قىلىپ تۇرۇشى، نېمىنى سورىسا بىرىۋېتىشى ئاچچىقىمنى كەلتۈرەتتى. ھەممەيلەن ئۆيگە تولۇپ، قىيا-چىيا بىلەن ئولتۇرغاندا ئانام ئىككى داسقا ئېلىنغان ئۆپكە - ھېسىپ، كاللا-پاقالچاقلارنى كېسىپ، لىگەنلەرگە ئېلىپ، داسقانغا ئۇزۇتۇشقا باشلايتى. ئۇ بالا-چاقىلىرىنىڭ بەختيار كەيپىياتتا «گۆش»كە تۇيۇۋاتقان مەنزىرىدىنلا تويۇپ قالاتتىمىكىن، ئۇنىڭ بىرنېمە يېگىنى ئانچە كۆرۈلمەيتى.

— يەڭلا، بالام، يەڭلا، — دەپ پەستە — پەگادىلا ئولتۇرۇۋېلىپ، چاترىقىغا قويۇۋالغان داستىن ئۇتتۇرلۇق لىگەننى تولدۇرۇپ سۇنغاچ. ئاندىن، — بىر ئاز قارا باستىمۇ، بالام؟ — دەپ سورايتى مەندىن ۋە كىچىك ئاچامدىن، — قارا باسقان بولسا تۇرۇڭلا، قوشنىلاغا ئازراقتىن ئېغىز تەگدۈرمىسەك بولمايدۇ، بۇ باشقا تاماققا ئوخشىمايدۇ، مەرى ئىسسىق، ئاڭلىسا ئومۇنۇپ قالۇدۇ.

شۇنىڭ بىلەن چىنە-قاچىلارنى ئالدىغا يېيىۋېلىپ، ئالدى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتىكىلەرنىڭ ئىسمى قېتىش قاچىلارنى سانايتى.

— يەنە ئىككىسى كەم يەنە ئىككى قاچا بېرىڭلا، بالام، ھە، ئەمدى بولدى، — دەيتى-دە، ھەر تۈردىن بىرەر قۇلاق كېسىپ، بۇ قاچىلارغا سېلىپ، ئاچام ئىككىمىزگە تۇتقۇزاتتى، — بۇنى پالانىغا، بۇنى پۇستانىغا، — دەپ بۇيرۇيتى.

بەزىدە يەنە ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇپ بىردىنلا:

— ئالا-ئاللا، پالانىخان قاپتۇ ئەمەسما، يەنە بىر قاچا بەر، بالام، — دەيتى.

— ئوووش، ئانا، بولدى قىلساڭا، — دەيتى ئاچام نارازى بولۇپ، ئۇ ئىككىمىز كىچىك بولغاچ بەك قىزغىناتتۇق، — ئۇ كىمىمىش؟ يا بىز باردى-كەلدى قىلمىساق؟

— ئۇغۇ شۇ، دېگىنىڭ بىلەن، بويىدا بار ئەمەسمۇ، ئومۇنۇپ قالۇدۇ، تويغۇلۇق ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ ئېغىز تەگسۇن، — دەيتى.

شۇنداق قىلىپ بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان بىر كۈنلۈك يىمەك ئوپېراتسىيىسى ئاخىرلاشقان بولاتتى. ئانام ئۆز ئەمگىكىدىن يۈز-كۆزلىرى مايلاشقان ئەۋلادلىرىنىڭ چىرايىدىن خوشاللىق تېپىپ، دۇئاغا قول كۆتۈرەتتى:

— ئەدەمدەك بى دۇئا قىلىڭلا، خۇدايىمنىڭ بەگىنىگە شۈكرى دەپ، ماندا، — دەيتى ئۇ بۇ ئۇزاق ۋە جاپالىق ئوپېراتسىيىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى سالاھىيىتىنى دەسمىي قىلىپ، بىزنى كونۇلۇققا كۆندۈرۈشكە تىرىشىپ.

ئەپسۇسكى ئۇنىڭ دۇئاسىغا ھىچكىم ئاۋاز قوشمايتى. قوللىرىنى مۇنداقلا سىپاپ ئورنىدىن قوپقىلى تۇراتتى. مەن بولسام ئاشكارە قارشى چىقىپ:

— يوق گەپنى قويە، ئانا، خۇدا بەدىما؟ پارتىيە بەدى دېگىنا، — دەيتىم. دادام ئىنقىلابىي كادىر بولغاچقا ماڭا مەمنۇن چىراي بىلەن قاراپ قوياتتى.

— ماندا -دە، بۇلا، ئېشەكتەك يەپ، يەپلا،... — دەيتى ئانام ئىنتايىن كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا.

ئەمما ئۇنىڭ بۇنداق يىتىم قېلىشى مەندە ھىسىداشلىق قوزغىمايتى، ئەكسىچە ياخشى بىر ساۋاق بولۇپ، ئانامغا ناتوغرا يولدا ئىكەنلىكىنى، بۇ ھالدا ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويسا، ئۇ ئاندىن كونۇلۇقلاردىن تېزراق ئادا-جۇدا بولۇشقا پايدىسى بولۇدۇ دەپ ئويلايتىم. شۇغۇنۇسى ئانام زېرىكمەستىن ئۆزى يالغۇز دۇئاسىنى داۋام قىلىۋەردى.

  

كېيىنچە گۆش بىلەتلىك بولدى. گۆشنىڭ بىلەتلىك بولۇشى ئۆپكە ھېسىپ ئۆچرىتىنى ئاۋۇتۇۋەتتى. مەن بىر ئىشقا دىققەت قىلىپ قالدىم: بۇرۇن بىلەتسىز گۆشنى قىممەت كۆرۈپ ئانچە گۆش ئالمايتۇق، ئەمدىلىكتە بىلەتلىك بولۇۋىدى، خۇددى بىلەتنى تۈگەتمىسە سورىقى بولۇدۇغاندەك بىر خىل تۇيغۇنىڭ بېسىمىدىنمىكىن، بۇرۇنقىدىن كۆپرەك گۆش ئالىدىغان بولۇپ قالدۇق. نىمىلىكىم بولمىسۇن بىلىتىمىزنى تۈگۈتەتتۇق. ئالماي، ئالماي، ئاي ئاخىرىغا بارغاندا بىردىنلا قالغان بىلەتنىڭ ھەممىسىگە ئېلىۋېتەتتۇق. كۆپ چاغلاردا گۆشنى تويغۇدەك بىرلا ئىشلىتىشكە قىيماستىن بىرەر ئۇچۇم توغرامچە قىلىپ، ئاياپ، پۇرۇتۇپ قويۇدۇغان چاغلىرىمىزمۇ بولاتتى. ئەمما ئانام كۆپ چاغلاردا قۇرۇتۇپ بۇزۇلمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈپ ساقلايتى. دېرىزىدە ھەمىشە ئېسىلىپ تۇرۇپ قۇرۇپ قالغان گۆش تېخىمۇ تاتلىق بولۇپ كېتەتتى. بەزى چاغلاردا ئاي ئاخىرىدا يىغىلىپ قالغان بىلەتنىڭ ھەممىسىنى تۈگۈتۈش مەجبۇرىيىتى بىلەن كۆپرەك ئېلىنغان گۆشتە بىرەر قېتىم نېرىن چۆپ قىلىشاتتى. دادام قاچانلاردا بۇنچە ماھىر نېرىنچى بولۇپتىكىن، شۇنچىلىك تەكشى، ئۇششاق قىلىپ ۋە چاپسان نېرىن ئېتەتتىكى، مەن ھەيران بولۇپ ئانامدىن سورىغان چاغلىرىم بولاتتى.

— بۇرۇنلاردا داداڭ ئاقچى، ئۈچتۇرپانلارغا بىر كەتسە ھۈنەر قىلىپ قىش بويى قالىدىغان چاغلىرى بارىدى. كەلگەن-كەتكەنلەردىن بەزىدە پۈتۈن قوي گوشى، بەزىدە بىر ياتا گوش، بەزىدە قىشلىق سوقۇم ئۈچۈن ھازىرلانغان قىزا، ئىسلانغان گوشلادىن ئەۋەتەتتى. ئاكىلىرىڭ قۇرۇق ئاش ئىچەتتۇق دەپ يىغلايتى، لوق گوش بەدىڭ، سۆڭەك بەمىدىڭ دەپ ئۇرۇشاتتى... بەزىدە داداڭ ئۆيدە بولۇدۇغان چاغلادا چۆپ ئەتسەك مەھەللىدىكى تۇققانلانى، داداڭنىڭ شاگىتلىرىنى قويماي قىچقىرىپ، چوڭ مىھمانخانىدا تولۇپ ئولتۇرۇشۇپ، غولغۇن بولۇپ تاماق يەيتۇق. يالغۇز داسقان سالغىنىمىزنى ئەسلىيەممەيمەن، قاچاندا بوممىسۇن ئۆيىمىزدە ئەدەملە تولۇپ تۇرۇدۇغان. شۇندا جىق ئادەمگىمۇ داداڭ ئۆزى نېرىن ئېتىپ يېتىشەتتى... — دەيتى ئانام.

دادام نېرىن ئېتىشنى باشلاشتىن بۇرۇن سۆڭەكلەرنى بالىلار، ياشلارنىڭ سانىغا كۆرە پارچىلارغا ئايرىپ، نەق چىقىدىغان گۆشلىرىنى نېرىن ئۈچۈن شىلىۋېلىپ، بىرەر تالدى ئۇستىخان تارتاتتى. مەن بالىنىڭ كىچىكى بولۇشۇم تۈپەيلى ئالاھىدىرەك ئىمتىيازىم بولغاچ، ماڭا گۆشى ئانچە شىلىۋېلىنمىغان سۆڭەكنى بېرەتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئەڭ ئاۋال مەن غاجىلاپ تۈگۈتۈپ، يەنە »چاۋا يىگەن مۈشۈكتەك« كۆزۈمنى پارقىرىتىپ مۆلدۈرلەپ دادامنىڭ قوللىرىغا تىكىلىپ ئولتۇراتتىم. دادام بىرەر لوقما ئاستىلا قولۇمنىڭ تۈۋىگە تاشلاپ، «تېز، ئاغزىڭغا سېلىۋەت» دېگەندەك ئىشارە قىلاتتى. چۈنكى كىچىك ئاچام ياكى ئاكىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭمۇ دورىشىدىن ساقلانمىسا نېرىنغا بىرنېمە قالمايتى. كاپ قىلىپلا سېلىۋېتىپ، يەنە ھىچنېمە كۆرمىگەندەك قاراپ ئولتۇراتتىم. ھەتتا بەزىدە ھىچ چىدىماستىن:

— كېيىن مېنىڭ ئېشىمغا سالىدىغان نېرىننىڭ گۆشىنى ماڭا ھازىر بېرىۋېتىڭلا، كېيىن ئاشنى قۇرۇق يەۋېرىمەن، — دەپ تۇرۇۋالاتتىم. تەكرار ۋەدە ئېلىپ، ھەممەيلەننى گۇۋاھ قىلىپ، ئاندىن ماڭا لوق گۆشتىن ئىككى قۇلاق كېسىپ بېرەتتى.

بىلەتتىمكى، كېيىن ئانام بەرىبىر ماڭا نېرىنسىز ئاش بەرمەيتى. كىچىكلەر بىر ئاز پىتنە قىلىشىپ غۇتۇلدىسىمۇ، چاپسانلا ئۇنتۇشاتتى.

— مۈشۈكمۇ، سەن؟ — دەيتى ئانام، — نېمە دېگەن گۆشكە ئامراقتۇ، بۇ؟

كاتتا بايرامدەك بۇ كۈنلىرىمىزدىن كېيىن يەنە ئۇزاققىچە دائىمىي تامىقىمىز بولغان سۈيقاش، زاڭ، ئۇماچلىرىمىز قايناشقا باشلايتى. ئانام بەزەن:

— بۇرۇنلاردا نى تاماقلىرىمىز بولۇدۇغان، ئۇنتۇپ كەتتۇققۇ، ئەمدى ئۇنداق تاماقنى ئېتىپ باق دېسىمۇ ئېتەلمىسەك كېرەك، — دەپ ئۇھسىنىپ قوياتتى.

  

ئۆچرەتتە كۆپ چاغلاردا ماڭا يولۇقۇدۇغان توختاخۇن ئانامنىڭ رامىزاندا ئىپتارغا چاقىرىدىغان مىھمىنى ئىدى. ھىچكىم ناماز ئوقۇمايدىغان، روزا تۇتمايدىغان بولۇشۇپ كەتكەن بۇ ئاڭلىق جەمىيىتىمىزدە ئانام ئىپتار بېرىشنىڭ ساۋابىنى ئالاي دېسە روزا تۇتقان ئادەم تاپالمايتى. توختاخۇن پاراۋانلىقنىڭ ئىشچىسى بولغاچقا ئورمانلارغا سۇ قويۇشتىن ئاشخانا ئەتراپىدىكى جۇگۇ-يىتىملەرنىڭ ھەممىسىدە چېلىقىپ تۇراتتى. سۇ ياقىلاپ بىزنىڭ مەھەللىدىن ئۆتۈۋاتقاندىلا ئانامغا يولۇقۇپ قالسا:

— بۈگۈن رامىزاننىڭ قانچىسى، ئاچا؟ — دەپ سوراپ قوياتتى.

— بۈگۈن يەتتىسى، قاندا دەيسىز، توختاخۇن؟

— شۇڭا دەيمە، كەم تۇتۇپ قالدىممىكى دەپ شۈبە قىلىپ سورۇغۇنۇم، — دەيتى بۇ يوقسۇل.

ئانام ئۇنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يوشۇرۇن بىشارەت بېرىش تىپىدىكى گەپلىرىگە قاراپلا توختاخۇننى روزا تۇتۇدۇكەن دەپ ئويلاپ قالغان بولسا كېرەك، ئىپتارغا چاقىرىدىغان بولۇۋالغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە توختاخۇن بىر مەھەللىمۇ ئەمەس، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن باردى-كەلدىمۇ قىلمايدىغان تۇرۇپ، پەقەت روزا تۇتۇۋاتقان باشقا ئادەم تاپالمىغاچقىلا ئۇنى ئىپتارغا چاقىراتتى. كونا بىرىنچى كان دېيىلىدىغان، جەنۇپ تەرىپىمىزدىكى جىلغىنىڭ باشلىنىش تەرىپىدە، ھازىرقى كان رايونىنىڭ ئۇدۇلىدا بولغان بۇ مەھەللە پۈتۈنلەي يېرىم گەمە شەكىللىك تاش ئۆيلەر ئىدى. جىلغىنىڭ يېيىق يەرلىرىگە، تاغنىڭ يانتۇ يانباغرىنى كەسلەپ، تاققا يۆلەپ سېلىنغان بۇ ئۆيلەرنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى تاش تام كۆرۈنۈپ تۇراتتى؛ ئارقىسى تاغنىڭ كەسلەنگەن يېرىنى تام ئورنىدا ئىشلەتكەن ياكى شۇ يەرگە يۆلەپلا تام ئېتىلگەچكە، ئۆگزىلىرى تاغنىڭ يانتۇ يانباغرى بىلەن تۇتۇشۇپ، بىر گەۋدە بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ جىلغىدا تاشلاندۇق كان قۇدۇقلىرى نۇرغۇن بولۇپ، بۇلار ئازاتلىقتىن بۇرۇن ئېچىلغان كۆمۈرلۈك ئىكەن. كېيىن بۇ كۆمۈر شىرىسى يوق، كۆيمەيدىغان كۆمۈركەن دېيىلىپ، تاشلىنىپ كەتكەن ئىكەن. ھازىر بولسا ھەممە يەردە كۆمۈر توپىسى بولغاچقا، شەھرىمىزدىكى ئەڭ بىچارە، ئەڭ كۆرۈمسىز مەھەللە ھىساپلىناتتى. بۇ يەردە ئاساسەن كۆمۈركان رايونىدا ئىشلەيدىغانلار ئولتۇراتتى. بۇلار ئىچىدىغان سۈيىنى تاكى كۆمۈركان ئاشخانىسى يېنىدىكى چايخانىدىن توشۇپ كېلىشەتتى.

توختاخۇننىڭ يەتتە بالىسى بارىدى. ئەيتاۋۇر ئەڭ چوڭىمۇ مەندىن كىچىكرەك، قالغانلىرى تەدرىجىي كىچىكلەپ، ئەڭ كىچىكى ئىككى ياش ئەتراپىدا كېلەتتى. قارىغاندا بۇ ئايال يىلىغا بىردىن تۇغۇۋەرگەندەك قىلاتتى. بالىلارنىڭ تۇرقىمۇ دادىسىنىڭكىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتى. ئۇلارنىڭ يېڭى بىر نەرسە كىيگەنلىكىنى خاتىرىلىيەلمەيمەن. ئەيتاۋۇر ئەخلەتتىن تېرىۋېلىنغاندەك، پارچە پۇرات لاتىلارنىڭ قۇراقلىرىدەك بىرنېمىلەرنى كېيىشەتتى. ئايالىنى كەمدىن كەم كۆرگىلى بولاتتى. ئايالىمۇ خۇددى شۇ تىپتىن بولۇپ، بەكمۇ مەينەت، بۇجۇمبۇش خوتۇنلۇقىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس ئىدى.

مېنىڭ پاكىزلىقىممۇ تايىنلىق بولۇشىغا قارىماي، توختاخۇندىن بەكمۇ نەپرەتلىنەتتىم. ئۇنى مەينەت دەپلا ئەمەس، يالغانچىلىقىدىنمۇ يامان كۆرسەم كېرەك. مەن ئۇنىڭ رامازان كۈنلىرىدىمۇ قولىغا چۈشكەن نەرسىنى يەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەندەك ئىدىم. شۇڭا ئانامنىڭ ئۇنى ئىپتارغا چاقىرىشىغا قارشىلىق قىلىپ:

— ساراڭ بولما، ئانا، مۇشۇ ئادەم روزا تۇتامدۇ، بۇ بىر كاززاپ، — دەپ تۇرۇۋالاتتىم.

— مەيلى، — دەيتى ئانام ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇۋېلىپ، — تۇتمىغان بولسا گۇناھى ئۆزىگە.

— ئۇ قوساق بېقىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ، — دەيتىم تىرەجەپ.

— ساڭا نېمە كۈچ كېلىۋاتىدۇ؟

شۇنداق قىلىپ توختاخۇن بەرىبىر ئىپتارغا كېلەتتى. ئۇنىڭ ئاشۇ دىۋانىنىڭ جەندىسىگە ئوخشاش ئۈستىۋېشىغا، مۇغەمبەر چىرايىغا قارىغۇممۇ كەلمەيتى. داستىخان ئۈستىدە ئانام ئۇنىڭدىن ھال-ئەھۋال سوراپ تىنمايتى. ئۇنىڭ دايىملا ئۆچرەتتە ماڭا ئۇچرۇشۇپ قالۇدۇغانلىقىدىن خەۋىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئۆپكە-ھېسىپلارنى قانداق قىلىدىغانلىقىغا قىزىقىپ:

— مەزلۇمىڭىز خېلى قاملاشتۇرۇپ قىپ بېرەمدۇ؟ — دەپ سورايتى.

جاۋاپتىن مەلۇم بولاتتىكى، ئايالى كۆرۈنگۈنىدەكلا بۇجۇمبۇش بولۇپ، ئۆپكىنى ھىچ قۇيالمايدىكەن، قارا ئۆپكە قىلىپ قورۇپ يېيىشىدىكەن. ئۈچەينىمۇ قۇيالمىغاچقا ئەشمە ئۈچەي قىلىپلا پۇشۇرۇدۇكەن. دېمەك كالا-پاقالچاقنىمۇ چالا ئۈكلەپ، يۇڭ ئارىلاش يېيىشسە كېرەك.

ئانام ئۇنىڭغا ئىپتار بېرىپ، يەنە ئەنئەنىلەرگىمۇ تولۇق رىئايە قىلغان ھالدا، بىر جۈپ نان ئالدۇراتتى. بىزمۇ كەمدىن-كەم كۆرۈدۇغان توقاچ ناندىن ئىككىنى قولتۇقلاپ، خوشلۇشۇپ چىقىپ كېتىۋاتقىنىدا ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن قاراپ تۇراتتىم.

دادام بۇنىڭغا قارشىمۇ ئەمەستى، شۇنداقلا قوللىغۇچىمۇ ئەمەستى. ئۇ پەقەت چېقىشىپ:

— توختاخۇن ئاناڭنىڭ دوستى، — دەپ قوياتتى.

ئانام جاۋابەن غەزەپلىك ئالىيىپ قارايتى-دە، جايىدىن نېرى كېتىش بىلەن قارشىلىقىنى بىلدۈرەتتى.

توختاخۇننىڭ كونكرېت ئىش ئورنى يوق، كان رايونىدىكى يۇندا ئېرىقلىرىنى تازىلاشتىن تاكى ئورمانلارغا سۇ قويۇشقىچە كەڭ بىر تېرىتورىيىدە، ئاندىن قىلىدىغان ئىشىنىڭ تۈرىمۇ كۆپ بولغاچقا ئۇنىڭ قەيەردە، قايسى ئىشنى قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق بولمايتى. بۇ قولايلىق ئەسلىدىمۇ ناھايىتى ھورۇن بولغان بۇ ئادەمنى تېخىمۇ ھارامزادە قىلىۋەتكەندەك قىلاتتى. بەزىدە ئېرىقلار توسۇلۇپ قېلىپ، مەھەللىلەرگە سۇ تېشىپ كېتەتتى، بۇنىڭغا قارايدىغانغا ئادەم تېپىلمايتى. ئەمما توختاخۇن ھە دېسىلا ئاشخانا ئەتراپىدا تەمتىرەپ يۈرۈپ، ئاشپەزلەرگە ئىسسىق كۆرۈنۈش كويىدا ۋەزىپىسى بولمىغان ئىشلارغا ياردەملىشىپ، نەتىجىدە بىرەر لوقما يەيدىغان نەرسە ھەل قىلىپ، قوساق بېقىپ يۈرەتتى.

بىر قېتىم دادام يېڭى ئىشچى قوبۇل قىلىشقا بارغاندا تۇققانلىرىمىزنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى تىزىمغا ئېلىپ ئاچىققان ئىكەن. بۇ يىگىتنىڭ كان قۇدۇقلىرى بار يەرنى كۆرگۈسى كېلىپ، تاقەتسىزلىنىپ كەتتى.

— ئالدىرىمىساڭمۇ شۇنىڭ تېگىدە ئىشلەيسەن، باغرىڭ قانىدۇ ئەتىلا، — دەپ ئانامنىڭ تەنبىھ بېرىشىگىمۇ قارىماي، ھەدەپ قايسى تەرەپتە، يىراقمۇ، يېقىنمۇ دەۋەرگەچكە، ئانام ماڭا، — ئاش پىشقىچە ما ئاكاڭغا خاڭنى كۆسۈتۈپ كەل، — دەپ بۇيرىدى.

مەن بۇ يېڭى ئىشچىنى باشلاپ، كوكۇس يېنىدىكى يول بىلەن كان رايونى تەرەپكە ئاپاردىم. كان رايونىنىڭ سىمۋوللۇق دەرۋازىسىغا يېقىن كەلگىنىمىزدە دەرۋازىنىڭ سول بېقىنىدىلا بولغان يولداشلارنىڭ ئاشخانىسىنىڭ ئارقىسىدىكى ئوچاق تەرەپتە ئىككى يولداش چوچقا سويۇۋاتقان ئىكەن. توختاخۇن بولسا ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا پاي-پېتەك بولۇپ قارىشىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. تۇققىنىمىز يېڭىدىن يېزىدىن چىققاچقا بۇ ھال ئۇنىڭغا بەكمۇ يامان تەسىر قىلىپ، ھۆ بولۇپ تەتۈر قارىۋالدى. مەنمۇ يۈزۈمنى ئۆرۈپ تۇراتتىم، توختاخۇن:

— خاپا بومماي بى ياردەم قىلىۋەتسىلە بوپتىكەن، شۇنى ئېسىشقا ماۋۇلارنىڭ كۈچى يەتمەيۋاتىدا، كۆتۈرۈشۈپ ئېسىشىپ بەگەن بوسىلا، — دەپ ئىلتىماس قىلىپ قالدى.

— ساراڭمۇ، سىز؟ توڭگۇزنى كۆتۈرۈشۈپ بېرەمدىم؟! — دەپ ۋارقىرىدى، تۇققۇنۇم.

مەن بولسام ئاغزىمنى بۇزۇپلا تىللىدىم. گەرچە مەن ئانامنىڭ ناماز ئوقۇيدۇغان خۇراپىيلىقىغا قارشى بولساممۇ، چوچقا دېگەن ئىنقىلابىي ھايۋان ھىساپلانسىمۇ، نېمىشقىدۇر چوچقىغا قاراپ سالساممۇ كۆڭلۈم ئېلىشاتتى. ئەمما كان رايونىدىكى ئاشخانا، كىنوخانا يېنىدىكى ئاشخانىلارغا يېقىن يەردە چوچقاخانا بولغاچقا بۇ ئەتراپلارغا كەلسەملا چوچقىلار يولۇقاتتى. بۇ ئاجايىپ ھايۋان ئاشخانىلارنىڭ تام تۈۋىدىن تاشقىرى چىقىپ تۇرۇدۇغان يۇندا تۇرۇبىلىرىدىن ئېقىپ چىقىدىغان، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن پاتقاقلىق ھاسىل قىلىدىغان قاپقارا لاي پاتقاقلارنى تۇمشۇقى بىلەن قوش ھەيدىگەندەك ئۆرۈپ، ئاستىدىن نەچچە يىللار بۇرۇن قالغان سۆڭەكلەرنى تېپىپ كورۇسلۇتۇپ يېيىشلىرى، ھەمىشە دېگۈدەك ئاشۇ چىدىغۇسىز سېسىق پۇرايدىغان يۇندا پاتقاقلىقلىرىدا قېزىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگىنىنى كۆرۈشكە توغرا كېلەتتى. ئۈستىۋېشىمۇ دايىملا ئاشۇ قارالايدىن تون كىيگەندەك پاسكىنا بولاتتى. مۇشۇنداق بىر ھايۋاننىڭ ئىنقىلابىي ھايۋان بولۇشىمۇ غەلىتە.

ئانام ئىپتارغا چاقىرىپ ساۋاپ ئېلىشتىن ئۈمىت قىلىدىغان بۇ توختاخۇننىڭ بۇ قىلىقى مېنىڭ شۇنچىلىك ئوغامنى قايناتتىكى، ئانامنىڭ ساددىلىقىغا، بەلكىم ئىلاجىسىزلىقىغا ئىچىم ئاغرىم كەتتى. خۇددى ئالدانغىنى ئانام ئەمەس، مەندەك تە بولۇپ، توختاخۇننى راسا تىللىدىم. بەلكىم بۇ بىچارە مۇشۇ قارىشىپ بېرىشلەردىن بىرەر پاچاق ياكى ئىچباغرىدىن بىرەر نەرسە بېرىپ قالسا دېگەننى ئۈمىت قىلىپمىدىكىن؟

ئەمما شۇ يىلىمۇ ئانام بۇ بىردىن بىر رامازان تۇتقۇچىسىنى ئىپتارغا چاقىرىشتىن يانمىدى. مەن ھېلىقى تۇققۇنىمىزنىڭ ئىسمىنى شىپى كەلتۈرۈپ، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم دەپ قاخشىساممۇ، ئانام مېنىڭ سۆزلۈرۈمنى مويىغا ئالماستىن، يەنىلا ئۇنى ئىپتارغا چاقىردى. ئۇمۇ خۇددى تەقۋا بىرسىدەك ھىچ خىجالەت بولماستىن داپ يۈزلۈك بىلەن ئىپتار قىلىپ، ئىككى توقاچنى قولتۇقلاپ چىقىپ كەتتى. مېنىڭ ئۆچلۈكۈم ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

  

ئۆچرەتداشلىرىمدىن ئالاھىدە بولغان بىرى ئابدۇرۇسۇلاخۇن پاكار بويلۇق، چاساقاللىق، كەڭ ۋە ياپىلاق يۈزلۈك ئادەم ئىدى. ئۇ بىرەر يەردە ئىشلىمەيتى. چۈنكى ئۇ قاچانلاردىدۇر ئىش ئۈستىدە ھادىسىگە يولۇققان ۋە بىر پۇتى يوتىسىدىن كېسىۋېتىلگەچكە نەپىقە بىلەن ياشايتى. كېسىلگەن پۇتىغا بولسا تۈگمەننىڭ خامپىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ياغاچ پۇت تاقاپ، لىككوك-لىككوك قىلىپ ماڭاتتى. ئۆچرەتلەردە ئولتۇرغان چاغلىرىدا پۇتىنى ئېلىۋېتىپ، يېنىغا قويۇۋالاتتى. مەن ئۆچرەتلەردە يانمۇ-يان بولۇپ قالغان چاغلاردا ئۇنىڭ كېسىك يوتىسىغا قورقۇنۇچ بىلەن قاراپ قوياتتىم. ئۇنىڭ كېسىك يوتىسىنىڭ ئۇچى — ياغاچ پۇتقا كىرگۈزۈۋالىدىغان يېرى خروممۇ، چەممۇ بىر نەرسىلەر بىلەن قاپلانغاندەك ئىدى. بىر ئاز دومبايغان ھالەتتە بولۇپ، ياغاچ پۇتنىڭ يوقۇرۇسىدىكى ئوچۇق يەرگە تىقىپ، ئاندىن چەم ياكى خرۇمدىن قىلىنغان ھالقا تاسمىنى يوقۇرى تارتىپ قويغاندا، ياغاچ پۇتنىڭ ئۆسۈك تاختىسى بىر ئاز قىسىلىپ، يوتىنىڭ ئۇچى تەرەپتىكى دومبايغان يەرنى قىسىپ تۇرغاچقا چۈشۈپ قالمايتى. بۇ ياغاچ پۇت كېيىنكى چاغلاردا مەيدانغا كەلگەن تەرەققىي قىلغان سۈنئىي پۇتلاردەك ئەمەس، تۆرت چاسا، تەدىرىجىي كىچىكلەپ، ئاخىرىدا دامكا ئۇرىغىدەك چوڭلۇقتىكى يۇمۇلاق توچكا بولۇپ تۈگەيدىغان، ئىچىدىكى بوشلۇقى ئەسكى لاتا-پىتىلەر بىلەن تولدۇرۇلغان بىرنەرسە ئىدى.

بۇ ئادەمنىڭ ئاغزى يامان ئىدى. بىزدەك بالىلارنى كۆرسىلا:

— ئەم-ئۇم، ھە تو... قچىلار! — دەپ بەك سەت ئاتايتى.

ھەممىدىنمۇ يامان يېرى ئۇ ئاشۇ كۈنلەردە ئېغىزغا ئالسا باش كېتىدىغان خاتا گەپلەرنىمۇ قىلىۋېرەتتى:

— ئەم-ئۇم، ھە، كامۇنىزىمنىڭ تو...قچىلىرى! — دەيتى ئۇ.

مەن بۇ ئادەمنى نېمىشقا قولغا ئالمايدىغانلىقىغا ھەيران ئىدىم. شۇغۇنىسى ئۇنىڭ بۇنداق سەت گەپلىرىنى چاپسانلا ئۇنتۇپ قېلىشىمغا سەۋەپ بولۇدۇغىنى، ئۇنىڭ ھەمىشەملىك ئۆچرەتلەردە قىستىلىپ يۈرۈپ، بەزىدە بەك قىس توۋارلار سېتىۋاتقان ئۆچرەتلەردە قىلچە رەھىم-شەپقەت قىلىنماستىن قىستاپ چىقىرىۋېتىلگەنلىرىنى، زىكرى قىلىنغاندەك، قوي تۇتۇش كۆرەشلىرىدە ھەتتا كىچىك بالىلاردىنمۇ بەكرەك ئاجىز كېلىپ، بويۇن قىسىپ قېلىشلىرىنى كۆرگۈنۈمدە ئۇنىڭ قىسقا چار ساقاللىق ياپىلاق يۈزىنىڭ بىچارىلىك بىلەن كىرتىيىشلىرى، ئاغزىنىڭ ئىلاجىسىزلىق بىلەن غەلىتە كۈلۈمسىرەشلىرى ئىدى. بەزىدە ئۇ ئەسكى سۆۋەتكە سودىلىقىنى ئېلىپ، بىر بىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىپ، »لىككوك-لىككوك« قىلىپ كېتىۋاتقىنىغا ئارقىسىدىن ئاجايىپ بىر خىل روھىم ئېزىلگەن كەيپىياتتا قاراپ قالاتتىم.

ئۇ چاغلاردا ماۋجۇشى « سىنىپىي كۆرەش تۇتقا، تۇتقا تۇتۇلسا ھەممە ئىش يۈرۈشۈپ كېتىدۇ» دەپ تەلىم بەرگەچكە، سىنىپىي كۆرەش ھەقىقەتەنمۇ تۇتقا ئىدى. شۇڭلاشقا بىز ھەممە ئىشلارنىڭ يۈرۈشۈپ كېتىۋاتقىنىدىنمۇ پەقەتلا گۇمانلانمايتۇق. سىنىپىي كۆرەشنىڭ تۇتقا بولغىنى شۇنىڭدىن تېخىمۇ مەلۇم ئىدىكى، سىنىپىي ھۇشيارلىقىمىز ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن، ھەر تاشنىڭ تېگىدىن سىنىپىي دۈشمەن چىقىدىغاندەك روھىي جىددىيلىك ئىچىدە ياشايتۇق. ئوتتۇرىدا كېزىدىغان ئەپقاچتى پاراڭلارمۇ سىنىپىي كۆرەشكە ئائىت، سىنىپىي دۈشمەنلەرگە ئائىت بولاتتى. يەنى، بىزنىڭ بەختىمىزنى كۆرەلمەيدىغان چەتئەل جاھانگىرلىرى، ئۇلارنىڭ ئىچىمىزدىكى گۇماشتىلىرى، سىنىپى يات ئۇنسۇرلار ھەر زامان بەختىمىزنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، بىزنى يەنە قاراڭغۇ زۇلمەتلىك كونا جەمىيەت قوينىغا قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچ چوڭ تاغنىڭ ئېزىشىگە تاشلاپ بېرىش ئۈچۈن توختىماي ھەركەت قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتۇق. «سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدۇ، دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ» دېيىشەتتۇق دائىما.

ئارىدا ھېيتگاھ جامىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇدۇغان كور دىۋانىلەردىن بىرىنىڭ ئەنگىلىيە جاسۇسى چىقىپ قالغانلىقى، يىللاردىن قارىغۇ بولۇۋېلىپ، كۆز بويىغانلىقى ھەققىدە بىر كوچا پارىڭى يېتىپ كەلدى. ئارقىدىنلا مۇشۇ تىپتىكى چەتئەل ئىشپيونلىرى ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇلغانلىقى، ھەتتا بەزىلىرى كۆز ئالمىسى ئورنىدىكى بوشلۇققا راتسىيە ئاپاراتى قاچىلىۋالغانلىقى؛ بىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تېڭىقى يېشىلمەيدىغان بىر يېرىدە ئەسلىدە تېلىگېرامما ئاپاراتى ساقلىغانلىقى قاتارلىق، تىپى ئوخشۇشۇپ كېتىدىغان خەۋەرلەر تارقىغاندا مەندە مۇشۇ ئابدۇرۇسۇلاخۇننىڭ ياغاچ پۇتىنىڭ ئىچىدىمۇ ئاپارات بارمىكىنە؟ دېگەن گۇمان تۇغۇلغان ئىدى. شۇغۇنىسى بۇنى ھىچكىمگە دېيەلمىگەن ئىدىم. نېمىشكە دېۋەتمىگىنىمگە بەكمۇ ئۆكۈندۈرۈدۇغان ئىش كۆپ ئۆتمەيلا يۈز بەردى:

ئابدۇرۇسۇلاخۇن خېلى ئۇزاق يوق بولۇپ كەتكەن ئىدى. بەزىلەر ئۇنى يۇرتىغا كېتىپتۇ دېيىشىپ يۈرەتتى. كېيىن دەل مېنىڭ گۇمان قىلغىنىمدەك بولۇپ چىقىپتۇ! ئۇ ئەسلىدە ئامېرىكا جاسۇسى ئىكەن ئەمەسما! ياغاچ پۇتىنىڭ ئىچىگە تامامەن ئاپارات ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەتتا تاپانچا يوشۇرۇلغان ئىكەن! مېنى مەھرۇملۇقنىڭ ھەسرىتى ئۇزاققىچە قىينىدى. چۈنكى، ئەسلىدە بۇ مېنىڭ بايقىشىم بولۇشى كېرەك ئىدى، جۈرئەتسىزلىكىمدىن بۇنى ئاغزىمدىن چىقىرالماي، ئەنە، خەق بايقاپتۇ!

بەلكىم مانا شۇ ئۆكۈنۈشتىن بولسا كېرەك، كېيىن مەن بىر ئەكسىئىنقىلابىي شۇئارنى كۆرۈپ قالغىنىمدا دەرھال تەشكىلگە مەلۇم قىلغان ئىدىم. ھە، راست بۇنىمۇ توغرىدىن تەشكىلگە دېيەلمەپتىمەن، ئاۋال يولداشلارغا تەككەن مەرەمساخاننىڭ ئوغلى گاڭغا دېدىم، گاڭ سىلىڭبۇغا كىرىپ، ئۇ يەردە باشلىقلارغا دېگەنىدى.

ئەسلىدە ئىش بۇنداق بولغان ئىدى: بىز يولداشلارنىڭ بالىلرى ئارىلاش بۈك-بۈك ئويناۋاتقان ئىدۇق. سىلىڭبۇ، ئۈزۈندە ئابدىسى، يازلىق كىنوخانا ئەتراپىدا يۈگرۈشۈپ يۈرەتتۇق. بىر كەمدە مەن سىلىڭبۇنىڭ ئارقىسىدا، يازلىق كىنوخانىنىڭ قورا تېمىنىڭ توتاشقان يېرىدىكى بۇلۇڭدا يوشۇرۇنۇپ تۇراتتىم، تامدا غۇۋا يېزىلغان خانسۇچە ئۇلۇق داھىمىزنى يوقالسۇن دېگەن مەزمۇندىكى شۇئارنى كۆرۈپ قالدىم. تامنىڭ گەجلەنگەن يۈزىگە بىر نەرسە بىلەن جىجىپ يېزىلغان بولۇپ، قاتتىق نەرسە بىلەن تام يۈزىدە ئويمان سىزىق چىقىرىپ يېزىلغان ئىدى. كېيىن بۇ تام قايتا ئاقلانغاچقا ئويمان سىزىق بۇرۇنقىدىن سەل تولۇپ، تېخىمۇ ئېنىقسىزلىشىپ كېتىپتۇ. ئەمما يېقىندىن تامامەن روشەن كۆرۈنەتتى.

گەرچە بەختىمىزنىڭ تۈۋرۈكى بولغان داھىنى يوقۇتۇش ھەققىدىكى شۇئار يامان ئىش بولسىمۇ، بىراق بۇنى مېنىڭ بايقاپ قېلىشىم مېنى بەكمۇ قاتتىق ھاياجانغا سېلىۋەتكەن ئىدى. بۇ ھاياجاندا مەلۇم خۇشاللىق ئېلىمېنتلىرىمۇ بارلىقىنى يوشۇرمايمەن، چۈنكى مەن سىنىپىي ھۇشيارلىقى يوقۇرى ئۆسمۈر بولۇپ، مەلۇم شەرەپلىك ناملارغا مۇيەسسەر بولۇپ قېلىشىم مۈمكىن ئىدى. بۇ ھاياجاندا يەنە قورقۇنۇچمۇ بارىدى. چۈنكى بۇ ئىش ئۆزەمگە ئارتىلىپ قالسا، ئەڭ ئەۋۋەل مەندىن گۇمانلانسا قانداق قىلىمەن؟ دېگەندەك قورقۇش ئىدى. ئەمما، بۇ بەك ئاجىز ئىھتىماللىق ئىدى. چۈنكى مەن ئاشۇ خەتلەرنى يېزىشنى بىلسەممۇ، ئۇنچىۋالا ئۆلچەملىك، تەكشى يازالمايتىم. بۇنىڭدىكى [①]打倒 دېگەن ئىككى خەتتىن كېيىنكىسى ماڭا بەك قىيىن خەت بولۇپ تۇيۇلاتتى ۋە ئۇنى شۇنچە قېتىرقىنىپ يازساممۇ تاس قالاتتىم «بىرمو يەرگە» يازغىلى. باشقىلىرىنى خېلى تۈزۈك يازالايتىم. ئۇ چاغلاردا «سادىق» دېگەن سۆزنىڭ خانسۇچىسىنى قىزىل قەغەزدىن قىيىپ، دەرىزە ئەينىكىگە چاپلاشمۇ مودا ئىدى. ئومۇمەن مودا شۇئارلارنىڭ قىسقا جۈملىلىك بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى خانسۇچە يازالايتىم. شۇڭا ماۋۇ ئەكسىيەتچى شۇئارنى تونۇيالىشىم تامامەن مۈمكىن ئىش ئىدى.

ئەمدى مەن چاپقان بويى بېرىپ گاڭنى تاپتىم. ئۇ مېنى تۇتۇۋېلىپ:

— ھە مانا تۇتتۇم، — دېدى.

— تۇتۇشۇڭنى قويۇپ تۇرە! جۈر، ساڭا بىرنېمە كۆسۈتۈمەن، — دېدىم ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ. ئۇ مېنى قەستەن ئويۇننى بۇزۇۋاتامدىكىن دەپ گۇمانسىراپ، بىر ئاز تىرەجىگەن بولسىمۇ، ئۇنى تەستە ئىشەندۈرۈپ، سۆرىگەنچە ئاشۇ ئارقا تەرەپكە ئاپاردىم. بۇ يەرگە ئۇ يىلدىن، بۇ يىلغا بىرەر ئادەم ئېزىپمۇ بېرىپ قالمايدىغان ئارقا بۇلۇڭ ئىدى. يولدىن ئۆتۈۋاتقانلارنى ئېرىق بويىدىكى تاغ تېرەكلىرى توسۇپ تۇرغاچقا كۆرۈنمەيتى. بۇ خىلۋەت يەرگە شۇئار يېزىلىشى ھەقىقەتەنمۇ ماۋجۇشىنىڭ دانا سۆزلىرىنى دەلىللەيتى.

گاڭ شۇئارنى پىچىرلاپ ئوقۇدى. ئاندىن شۇملۇق نەزىرىدە ماڭا قارىۋىدى، يۈرۈكۈم قارتتىدە قىلىپ قالدى. «مانا دېمىدىممۇ، مەندىن كۆرۈدۇغاندەك قىلىدۇ» دەپ ئويلۇدۇم. كېيىن ئۇ «جۈ» دېدى - دە سىلىڭبۇغا قاراپ چاپتى. مەنمۇ ئۇنىڭغا يېتىشتىم. بۇ چاغلاردا ئۆزى توك رايون ئىشچىسى بولغان، ئەمما مۇشۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە كۆرە، ئىسيانچىلىق بىلەن باشلىق بولۇۋالغان ياش يولداش سىلىبۇدا بولاتتى. ئۇ مەلۇماتنى ئاڭلاپ دەرھال بىرنەچچە يولداشنى باشلاپ ئارقىدىكى بۇلۇڭغا كەلدى.

مەندە بۇنى گاڭ ئۆز خىزمىتى قىلىپ كۆرسەتمىگىيدى دېگەن ئەندىشە بىلەن بىرگە، شۇنداق قىلسىمۇ قىلسۇنا، مەن دۈشمەن بولۇپ قالماي، دېگەن ئەندىشە دەممۇ-دەم يەڭگۈشلىنىپ تۇردى.

— قانداق كۆرۈپ قالدىڭ؟ — دەپ سورىدىكى باشلىق يولداشلار.

— بۇ كۆرۈپتۇ، — دېدى گاڭ مېنى كۆرسۈتۈپ.

— ھە، بۇمۇ؟ — دېگەن گۇمانلىق سوئالدىن چۆچۈپ، دەسلەپ ئىسمىم تىلغا ئېلىنغاندا رەڭگىمگە يۈگۈرگەن خۇشاللىق دەقىقە ئىچىدە ئۆچۈپ، ئورنىنى ئەنسىزلىك قاپلىۋالدى. ئاندىن گاڭدىن، — سورا، قانداق كۆرۈپتۇ، — دەپ تەلەپ قىلدى.

— قاندا كۆردۈڭ، سوراۋاتىدۇ.

— ھە، شۇ، سەن، باشقا باللا بۈك-بۈك ئويناۋاتاتتۇققۇ، مەن مۇشۇ يەگە بۈكۈۋالغانتىم، تامغا قارىسام تۇرۇپتىكەن،... — سۆزلۈرۈم ئۆزۈمگىمۇ بەك ئىشەنچسىزدەك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ھال مېنى تېخىمۇ قورقۇتتى.

— ئۇ خانسۇچە بىلەمدۇ؟ قاندا تونۇدى بۇ خەتلەرنى؟

— قاندا ئوقۇدى دەۋاتىدۇ.

— سەنمۇ بىلىسەنغۇ، مەن ماۋجۇشى دېگەن خەتنى يازالايمەن، ئوقۇيالايمەن،... — دېدىم كالپۇكلۇرۇم تىترەپ، خۇددى خۇدۇكۇم باردەك قورقۇنۇچقا پاتقان ھالدا.

يولداشلاردىن بىرى يەردىن بىر تال تاش ئېلىپ، تاشنىڭ قىرى بىلەن تامغا جىجىدى. بۇ جىجاشتىن قالغان ئىز ھەم چوڭقۇر، ھەم ئېنىق بولۇپ، بايىقى شۇئاردىن تامامەن پەرقلىق ئىدى.

— بۇنى تامنى ئاقلاشتىن بۇرۇن يېزىپتۇ، — دېدى ئۇ ئۆزى قىلغان تەجرىبىسىنى چۈشەندۈرۈپ. بۇنى ھەركىم بىلەلىگۈدەك ئاددىي ئىش ئىدى.

— تامنى كىم ئاقلىغان؟

شۇندا مەلۇم بولدىكى، كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارلاردىن ئىككىسى ئاقلىغان ئىكەن!

— يۈرۈڭلا، ئىشخانىغا! — دېدى ئىسيانچى باشلىق، — سەنمۇ كەل، — دېدى ماڭا يەنە گۇمانلىق نەزەردە قاراپ.

قورققان ھالدا كەلدىم. ئاۋال مېنى يازالايدىغان خەتلىرىمنى يېزىپ بېقىشقا بۇيرۇدى. يېزىپ بەردىم. بۇ چاغدا بىرلىرىنى ھېلىقى ئىككى «جىن-شەيتان» — كاپىتالىزىم يولىغا ماڭغان ھوقۇقدارنى تېپىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ئىكەن، ھايال بولماي ئۇلار ئېلىپ كېلىندى. ئۇلارنى ئىچكىرى ئەكىرىپ كېتىپ سوراق قىلىشتى. ئۇلارغىمۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا «يوقالسۇن» دېگەن خەت يازدۇرۇلدى. ئايرىم بەتكە «ماۋجۇشى» دېگەن خەتلەرنىمۇ يازدۇردى. چۈنكى بۇ خەتلەرنى ئۇلاپ يېزىشقا بولمايتى؛ شۇئارنى بۇ يەردە تەكرار يازغان بولۇپ قالاتتى.

بىكارچى ئۇيغۇرلاردىن بۇ يەردە بىليارد ئوينىغىلى كېلىدىغانلاردىن بىرنەچچىسىمۇ بارىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ماڭا ھەۋەس بىلەن قاراشتى. شۇنداقلا، ئۆز باھالىرىنى شۇ شەكىلدە بايان قىلىشتى:

— ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشىسىمۇ مۇشۇ خەقتىن چىقىدىكەن، يامىنىمۇ مۇشۇ خەقتىن چىقىدىكەن، قاراڭلا، پارتىيەنىڭ ئاق نېنى قوسىقىنى ئېسىپ، شۇئار يېزىپ جۈگىنىنى! — دېيىشتى ئۇلار، گەرچە بۇ چاغلاردا «ئاق نېنى» دەپ كەتكۈدەك ئاق نان بەك كەمدىن كەم كۆرۈلسىمۇ، بۇ بىر خىل ئادەت سۆزى ئىدى.

بۇ ماڭا ھەقىقەتەنمۇ توغرا باھادەك تۇيۇلغان ئىدى. راست ئەمەسمۇ، مەسىلەن، ماۋجۇشى، مۇشۇلاردىن، ئادەمنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەمەسمۇ؛ مەسىلەن، لىيۇ شاۋچى، ھە، مانا شۇ شۇئارنى يازغان ئادەممۇ مۇشۇ خەقتىن، ئادەمنىڭ ئەڭ ئەسكىسى ئەمەسمۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم.

ئاخشىمى ئۆيدە دادام كەلگەن پەيتتە بۇ ۋەقەنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم، شۇنچە ئىنقىلابىي كادىر بولغان دادام بۇ توغرۇلۇق خۇددى «تۇزغا بېرىپ كەلدىم» دېگەن گەپنى ئاڭلىغاندەكلا پىسەنت قىلماي ئۆتكۈزۈۋەتتى. بۇ ھال ماڭا بەكمۇ ھار كەلدى. مەنچە بولغاندا دادام بۇ ئىشقا جىددىي مۇئامىلە قىلىشى، مېنىڭ سىنىپىي ھۇشيارلىقىمنى ماختىشى، دۈشمەننىڭ ھەر دايىم بەختىمىزگە قەست قىلىش كويىدا بولۇدۇغانلىقى توغرىسىدا بىر ئاز سۆزلىشى كېرەك ئىدى. بەلكىم دىققەت قىلمىدىمىكىن؟

مېنىڭ مانا شۇ شۇئارنى دەرھال مەلۇم قىلىشىمغا تۈرتكە بولغان ئابدۇرۇسۇلاخۇن ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ يالغانلىقىمۇ كۆپ ئۆتمەي بىلىندى. شەھرىمىزنىڭ ئىگىز-پەس، تاشلىق كوچىلىرىدا ئۇنىڭ لىككوك-لىككوك قىلىپ ماڭغان قەدەم تاۋۇشلىرى يەنە ئىشتىلىدىغان بولۇپ قالدى.

مەن ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىشپيۇنلۇقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنىپ، كېيىن جازا مۇددىتىنى تۈگۈتۈپ چىققانلىقى، ياكى بۇ سۆزنىڭ ئەسلىدىن ئاساسسىز يالغان گەپ ئىكەنلىكىنى بىلىشكە تىرىشىپ، ئۇنىڭ ياپىلاق بەشىرىسىگە ئوغۇرلۇقچە تىكىلىپ قارىغانلىقىم ئېسىمدە. ئۇ ماڭا دەسلەپ خوپ ياۋىشىپ قالغاندەك بىلىنگەن ئىدى. ئەمما ئۇ مېنىڭ تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىمنى بىلىپ قالدىمۇ:

— ھە؟ ئەم-ئۇم، تو...اقچى؟ قارايسەنغۇ؟ — دېگىنىدە، ئۇنىڭ يەنىلا شۇ بۇرۇنقى ئابدۇرۇسۇلاخۇن ئىكەنلىكىگە جەزم قلدىم. ھېلىقى گەپلەر يالغان بولمىغان، ئۇ مەلۇم ۋاقىت قاماقتا ياتقان بولسا ئىدى، ئۇ تامامەن باشقا تۈردىكى ئادەمگە ئايلانغان، قورققاق، يوۋاشلىشىپ قالغان بولاتتى.

بەختىمىزگە سۈيقەست قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلىملىك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەملەرمىدى؟ «بۇرژۇئازىيە ئىلىم نوپۇزلۇقلىرى» دېيىلىدىغانلار شۇلاردۇر بەلكىم. ئىش قىلىپ، ھەرقانداق بىر دۈشمەنلىك ھەركەتلىرى سېزىلسە، بۇ ئىشنى ئەقىللىق ئادەملەرنىڭ قىلغانلىقى بىلىنەتتى. مەسىلەن، رەسساملار، ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنى سىزاتتى، ئەمما دۈشمەنلىكلىرىنى بىلىندۈرمەي ئاشۇ رەسىمنىڭ ئارقا مەنزىرىلىرىگە، ئاللىقانداق شەكىللەردە يوشۇراتتى. بۇنىڭغا ئائىت كەچمىشلىرىمىزمۇ بارىدى.

بىركۈنى كان ئاستىدا گاز تەكشۈرەيدىغان قوشنىمىز ئابلەتكام ئۆيىمىزگە كىرىپ، «پاتىھە» ھىسابىدا قولىنى يۈزى ئالدىدا مۇنداقلا موللاق ئاتقۇزۇپ، دۇئانىڭ شەكلىنى بېرىۋېتىپلا ئورنىدىن تۇردى-دە، تامدىكى سانسىز شەكىللەردىكى ماۋجۇشى رەسىملىرىدىن بىرىگە يېقىن كېلىپ:

— قاراڭلار، بۇ نېمە؟ — دېدى، ماۋجۇشىنىڭ تىيەنئەنمىن راۋىقىدا تۆۋەندىكى مىليونلىغان «قىزىل قوغدىغۇچى»لارغا قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغان ھەربىيچە كىيىمدىكى رەسىمنىڭ ئارقىسىدىكى داغسىمان قارا ئىزنالارنى كۆرسۈتۈپ.

بىز ھەممىمىز تەڭلا ئولاشتۇق. ئەمما ھىچنېمە كۆرەلمىدۇق. ئۇ يەردە بىر نەرسىنىڭ سايىسىدىن شەكىللەر ھاسىل بولغاندەكمۇ قىلاتتى.

— مانا، بۇ ئاغزى، بۇ شىككى كۆزى، مانا ماۋۇ ئالدى پۇتى، كۆردۈڭلاما؟ — ئابلەتكام كۆرسەتكەن ئاغزى دېگىنى، يۇمۇلاقراق كەلگەن كىچىك قارا داغ، كۆزى دەپ كۆرسەتكەنلىرىمۇ يۇمۇلاقراق بىر جۈپ قارا داغ ئىدى. جايلىشىش ئورنىدىن قارىغاندا ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم جانلىق مەخلۇققا ئوخشاپ كېتەتتى. ئالدى پۇتى دەپ كۆرسەتكىنىمۇ سۇس داغدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، كۆپرەك تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايانمىغاندا، ھىچنەرسىنى قىياس قىلغىلى بولمايتى. ھەقىقەتەنمۇ مەلۇم بىر خىل تۆرت پۇتلۇق ھايۋان خۇددى ماۋجۇشىغا ئوخشاشلا قولىنى كۆتۈرۈپ تۇراتتى.

زىكرى قىلىنغىنىدەك، مەن «تاپقىنىغا بودەك ئالار» دېگەندەكلا تاپقىنىمغا رەسىم ئالاتتىممىكىن، ياكى رەسىملىك ژۇرناللار، گېزىتلەردىن قىيىپ توپلايتىممىكىن، تۆرت تامنىڭ يۈزى كۆرۈنمەيدىغان رەسىملەرگە تولغان بولۇپ، ھەتتا بەزىلىرى ئۈستى-ئۈستىگە چاپلانغان ماۋجۇشى رەسىملىرى ئىدى. شۇڭا، ھېلىقى قول كۆتۈرۈپ تۇرغان رەسىمنىڭ رەڭسىز ۋە رەڭلىك ئىككى خىل نۇسقىسى تەڭ مەۋجۇت ئىدى. ئابلەتكام رەڭسىز نۇسقىدا بۇنىڭ تېخىمۇ روشەن بىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، رەڭسىزنى ئىزدىگەندەك قىلىۋىدى، مەن دەرھال رەڭسىز رەسىمنى كۆرسەتتىم.

— ئەمدى بۇنىڭغا قاراڭلا، — دېدى ئابلەتكام.

رەڭسىز نۇسقىسىدا ھېلىقى مەخلۇق ھەقىقەتەنمۇ خېلى روشەن كۆرۈنۈدىكەن. تەسەۋۋۇر كۈچىگە تايانمىسىمۇ مانا مەن دەپلا بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئەمما بۇ بىرەر ھايۋانغا ئوخشايدۇ دېيىش بىر ئاز تەس بولۇدۇغان مەخلۇق ئىدى. كېيىنكى زامانلاردا ئامېرىكا فانتازىيە فىلىملىرىدا تاشقى پىلانت ئادەملىرى دەپ تەسۋىرلەنگەن يوغان باش، كىچىك ۋۇجۇت، بېشىنىڭمۇ ئۈستى كەڭ، ئىڭىكى يىڭىچكە، خۇددى ئۈچ بۇلۇڭ شەكلىدە، ئاندىن كۆزلىرىمۇ يوغان قارا توچكا بولغان مەخلۇققا بەكرەك ئوخشايتى.

بۇ ھال بىزلەرنى بىر ھازا سەراسىمىگە سېلىۋەتكەنلىكى ئېنىق يادىمدا. كۆردۈڭلارمۇ، بەختىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى نەقەدەر پۇختا!؟ ئۇلار قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەملەر سۈپىتىدە ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنى سىزالىغۇدەك تالانتقا ئىگە ئىكەن، ئەمما دۈشمەنلىكىنى مۇشۇنداق ئۇسۇلدا ئىپادىلەپتۇ. نېمىشقا ساپلا مۇشۇنداق، بىرنېمە بىلىدىغانلاردىن چاتاق چىقىدىغاندۇ؟ دېمەك ماۋجۇشىنىڭ كۆپ ئوقۇغانسېرى ئەكسىيەتچىلىشىپ كېتىدىغانلىققا دائىر سۆزلىرى راست ئىكەن-دە؟ پورۇلېتارىياتنىڭ ئەڭ ئىنقىلابىي سىنىپ بولۇشى دەل ئۇنىڭ ئوقۇمىغانلىقى، قارا ئەمگەكچىلىكىدەمىدۇ؟ چوقۇم شۇنداق بولسا كېرەك.

بۇ رەسىمدە يوشۇرۇلغان دۈشمەنلىك ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرنى مەكتەپكە — ساۋاقداشلار ئارىسىغا توشۇشقا ئالدىرىدىم. سىنىپىمىزدا ھېلىقى رەسىمنىڭ رەڭلىكىدىن بىرى بارىدى. بۇ رەسىمدە ماۋجۇشىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئالدى پۇتىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر مەخلۇق بارلىقى ھەققىدىكى بۇ ئۇچۇرنى دېيىشىم بىلەنلا، بالىلار رەسىمگە ئولۇشۇپ، سىنچىلاشقا باشلىدى. بەزى تەسەۋۋۇر كۈچى كۈچلۈك، ئازراق بەلگىلەردىن تەسەۋۋۇرىدا مەلۇم شەكىلنى ھاسىل قىلالايدىغانلىرى دەرھال بۇنى تەستىقلاشتى. ئەمما، بەزىلەر ھىچنەرسە يوق، ئۇ سايىدىن باشقا نەرسە ئەمەس دەپ تۇرۇۋېلىشتى.

شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە مەلۇم شەكىلنى كۆرگەنلىكىگە ئىشەنگەنلەرمۇ قايتىدىن گۇمانغا ئىتتىرىلىپ، تەكرار سىنچىلاشتى. كېيىنكى قېتىمدا ئۇلارمۇ ھىچنەرسە كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتىپ مېنى قورقۇتۇۋەتتى. راست دېگەندەك مەن سىنچىلىساممۇ بىرنەرسە باردەك قىلمايتى. بۇ خۇددى كېچە قاراڭغۇلۇقىدا بىر نۇقتىغا قاراۋەرسە بىرنەرسىلەر كۆرۈنگەن، يەنە قاراۋەرسە ھىچنەرسە يوقتەك بىلىنگەنگىلا ئوخشايتى.

— ئووو! خاتالاشتى! خاتالاشتى! — دەپ چوقان سېلىشتى بالىلار. ئۇ چاغلار ئەنە شۇنداق «قالپاقچىلىق» مودا بولغاچمىكىن، ھەركىم باشقىسىغا قالپاق كەيدۈرۈشكە، خاتالاشتۇرۇپ، خامتالاشقا تاشلاشقا ئارانلا تۇراتتى.

ماڭا سادىق كونا دوستلۇرۇمدىن بىرى — مەمەت ساۋۇت ئىزچىل بىر شەكىل كۆرۈۋاتقانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ماڭا مەدەت بەردى. مەن بالىلارنىڭ ماڭا ئېسىلىۋېلىپ، كۆرەشكە تارتىشىدىن قورقۇپ تۇرساممۇ بۇنى ئابلەتكام دېگەن قوشنىمىزدىن ئاڭلىدىم، دەپلا ئۇنى سېتىپ، ئۆزەمنى قۇتقۇزۇشنى ئۆلۈم قەدەر ھار ئالغىنىم ئۈچۈن، بۇ ئىشنىڭ ئايىغىدىن ئۆزەم چىقىشتا چىڭ تۇردۇم. ئاخىرىدا بۇ شەكىلنىڭ رەڭسىز رەسىمدە تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈنۈدۇغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى پەسكارىغا چۈشۈردۈم. مەمەت ساۋۇت ماڭا ھەمرا بولدى، ئىككىمىز ئاشۇ مەكتەپكە ئەڭ ئۇزاقتا بولغان مەھەللىگە كېلىپ، ئۆيدىكى تامدىن رەڭسىز رەسىمنى قومۇرۇپ ئېلىپ، مەكتەپكە ئاپاردىم. بۇنىڭ بىلەن بالىلار خېلى خوپ قايىل بولۇشۇپ، مېنى خاتالاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشىدىن توختاپ قېلىشتى. «ئۇھ!» دەپ يېنىك تىندىم. بۇ چاغلاردا خاتالىشىپ قېلىشقا «يىپ بىلەن موم كەتمەيدىغان» تۇرسا قانداقمۇ قورقماي. ئانامنىڭ «ئەجىلىڭدە ئۆلمەيدىغان» دېگىنىنى ئىسپات قىلىپ، دائىما پالاكەتلەر ئىچىدىلا بولۇشۇم، دائىملا ئەنسىزچىلىك ئىچىدە ياشىشىم ھىچ ئاخىرلاشمىدىغۇ!

ئەمدى بۇنداق يېنىكلىكلەرنى قىلماسلىققا ئۆز-ئۆزەمگە ۋەدىلەر قىلدىم. شۇغۇنىسى ئۈگەنگەن خۇي دېگەنگە بىر نېمە توغرا كەلسۇنمۇ. شۇندىن كېيىنمۇ ھامان بىرەر پاراكەنچىلىك تېرىپ، ئاندىن شۇ پاراكەندىچىلىك ئىچىدە جان ۋەسۋەسىسى بىلەن ياشاشنى داۋام قىلاتتىم.

بىز بۇ تۈپەيلى ھېلىقى رەسىمنى تامدىن ئېلىۋەتمىدۇق. چۈنكى يەنىلا ماۋجۇشىنىڭ رەسىمى بار تۇرسا قانداقمۇ ۋاز كېچەيلى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق چاتاق مۇشۇ بىر رەسىم بىلەنلا تۈگۈسىكەن، ئەپسۇسكى باشقا رەسىملەردىمۇ نۇرغۇن دۈشمەنلىك مەزمۇنلىرى يوشۇرۇنغانلىقى سۆزلۈنەتتى. مەسىلەن: ماۋجۇشىنىڭ قىش كۈنلىرىدىن بىرىدە مەلۇم بىر قار قاپلىغان دالىدا يانتۇ تۇرغان رەسىمى بارىدى. ماۋجۇشى يارىشىملىق «پاختەك تۈكى»سارجىدىن پەلتۇ بىلەن، بوينىغا يۇڭ شارپا ئورىۋالغان، بېشىدا شەپكە، يانتۇ تۇرغان ئىدى. ئالدى تەرىپىدە ئۇزاق ئارقا مەنزىرىدە بىر تۈپ يېشىل قارىغاي، ئارقا تەرىپىدە قاخشال بولغان قىيىن ياكى ئاق تېرەك كەبى بىر دەرەخ كۆزگە چېلىقاتتى. ئەكسىيەتچى رەسسامنىڭ بۇنداق سىزىشىدىكى مەخسەتمۇ ئىنتايىن قەبىھ بولۇپ، ئالدى تەرەپكە يېشىل دەرەخ، كەينى تەرەپكە قاخشال دەرەخنى سىزىشى، «ئالدىڭدا ھە دەيمەن، ئارقاڭدىن قۇرۇتۇمەن» دېگىنىمىش! ۋاھ، دۈشمەنلەر نەقەدەر قەبىھ-ھە! بىز سىنىپىي ھۇشيارلىقىمىزنى ھەسسىلەپ ئاشۇرمىساق بولمايدىغانلىقى مانا شۇنىڭدىن مەلۇم ئىدى.

ئاشۇ ئىنقىلابىي قىزغىنلىقىمىز كۆتۈرۈلگەن يىللاردا يەنە بىر ئالاھىدە ۋەقە بولغان ئىدى. سوۋېتتىن قېچىپ كەلگەن بىر قازاق جاي-جايلاردا تەسىرات سۆزلەپ، بىزنىڭ بۇ شەھەرگىمۇ كەلگەن ئىدى. تەلىيىمىزگە يېرىم ئوقۇپ، يېرىم ئىشلەش مەكتىپىنىڭ بىر مۇئەللىمى قازاق ئىدى، مانا شۇ ئادەم تەرجىمانلىق قىلدى. سوۋېتتىن قېچىپ كەلگەن بۇ ئادەم بىزگە ئەڭ ئالدى بىلەن شۇنداق تەسىراتنى بېرەتتى: دېمەك، بىزنىڭ ۋەتىنىمىزلا ھەقىقىي بەختنىڭ كانى، پانىينىڭ جەننىتى. شۇڭا باشقا مەملىكەتلەردە ياشاشقا ئامالسىز قالغان بەختسىزلەر مەملىكىتىمىزگە كېلىپ، بەختكە ئېرىشىدۇ.

بۇ تەسىرات بىرىنىڭ قېچىپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاش بىلەنلا شەكىللىنەتتى. تېخى ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باققاندا، ئۇ يەردە بولۇدۇغان زۇلۇملار، بەختسىزلىكلەر روشەن سېلىشتۇرما بولۇشىدا گەپ يوق. چۈنكى بۇ مېنىڭ بىلىشىمدە بىرىنچى قېتىم بىزگە بىرىنىڭ قېچىپ كېلىشى بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئالغىنىمىز ھازىرغىچە بىز تەرەپتىن ئۇ ياققا قېچىپ كەتكەنلەر ياكى قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ تۇتۇلۇپ قالغانلار ھەققىدە ئىدى. مەسىلەن، ئاشۇ كونا قوشنىمىز ۋە ساۋاقدىشىم مەمەت ساۋۇتنىڭ دادىسى ساۋۇتھاجى دېگەن كېلىشكەن شاپ بۇرۇتلۇق ئادەم بەك بەيۋەچچى بولۇدۇغان، 60-يىللارنىڭ باشلىرىدىلا ئۇنىڭ ئۆيىدە رادىئو بارىدى. كېيىن ئۇنىڭ چەتنىڭ رادىئوسىنى ئاڭلاش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكى، ئاندىن بىر گورۇھ ئادەم بىلەن سوۋېتكە قاچماقچى بولۇپ تىل بىرىكتۈرگەنلىكى مەلۇم بولۇپ، قولغا ئېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭسىزمۇ دايىملا قاچماقچى بولۇپ تۇتۇلۇپ قالغانلار ھەققىدىلا ئاڭلايتۇق. ئادەملەر بەختتىن بەختسىزلىك تەرەپكىمۇ قاچامدىغاندۇ؟ مانا ئەمدى تامامەن ئوڭ ئىش بولۇۋاتاتتى. بىرى بەختسىزلىكتىن بەخت تەرەپكە قېچىپ كەلگەن ئىدى.

قىشلىق كىنوخانىدا ئۇدا بىرنەچچە كۈن قېچىپ كەلگەن قازاقنىڭ تەسىرات سۆزلىشى داۋام قىلدى. ئورۇنلار ئۆزلىرىگە تەۋە ئىشچى –خىزمەتچىلەرنى نۆۋەت بىلەن ئېلىپ كېلىپ، بەختلىك ئىكەنلىكىمىزنىڭ ئىككىنچى تەرەپتىن تەسۋىرلىنىشىنى ئاڭلاتقۇزۇشتى. مەن بىر قېتىم دادام بىلەن كېلىپ، يەنە بىر قېتىم مەكتەپتىن كېلىپ، ئاڭلىدىم. شۇغۇنىسى ئۇ تەسۋىرلەۋاتقان تۇمۇش شارائىتلىرى بىزدە بولمىغاچمىكىن، ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىدىن روشەن بىر شەكىل قۇرالمىدىم. بىرلا ئېسىمدە قالغىنى، خرۇششېۋ ھاكىمىيىتىدىن كېيىن ھەر خىل باج –سېلىقلارنىڭ ئاۋۇپ كەتكەنلىكى، ماشىنىسى بارلاردىن ماشىنا بېجى دەپ ئالدىدىغانلىقى، بويتاقلاردىن «بويتاقلار بېجى» دەپ ئالىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى «ماشىنىسى بارلار »، دېگىنى مېنى تەئەججۈپكە بوغۇپ قويدى دېيىشكە بولاتتى. شەخسلەرنىڭ قانداقسىگە ماشىنىسى بولۇدۇ؟ بۇ ئۇ قەدەر چوڭ نەرسە ئىدىكى، بىزدە پەقەت بەك كاتتا باشلىقلارلا مىنىدىغان، ئەمما مۈلك ھوقۇقى دۆلەتكە ئائىت بولۇدۇغان نەرسە ئىدى. مەن بۇنى كىمدىن قايسى شەكىلدە سورۇشۇمنى بىلەلمەي، ئۇزاققىچە مېڭەم مەشغۇل بولۇپ يۈردۈم. كېيىن بەزى ئادەملەردىن ۋاسىتىلىك ھالدا يېقىن كېلىدىغان جاۋاپلار ئالدىم. ئۇلارنىڭ رىۋىزىئونىزىمچى بولۇشى دەل مانا شۇنداق ئىشلاردىمىش! يەنى، سوتسيالىزم دېگەندە خۇسۇسىي مۈلك بولمايدىغان تۇرسا، سوۋېتتە بۇ پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، خۇسۇسىي مۈلككە كەڭ يول قويۇۋەتكەنمىش!

شۇنداق دېگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا چېگىت چاقاتتى. ئەگەر يول قويمىدى دېگەن تەقدىردە، ماشىنىغۇ ئالالمايدۇ، ئەمما ئاشۇ پۇل يانچۇقتا بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟ دېمەك ئۇنچىۋالا پۇلنىڭ بولۇشى زادى قانداق گەپ؟ ماشىنا ئالالمىسا تۇرۇۋەرسۇن-دە، جىق-جىق گۆش ئېلىپ يېسىمۇ، ئەڭ ياخشى پېچىنىلەردىن ئېلىپ يېسىمۇ بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟

مېنى يېنىكلەشتۈرۈدۇغان ئاقىۋەت كېلىپ چىقتى: بۇ قېچىپ كەلگۈچى يالغان قېچىپ كەلگۈچى، ئەمەلىيەتتە جاسۇس ئىكەن. ئۇنىڭ سۈنئىي چىشىنىڭ ئىچى كاۋاك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە سىگنال يوللىغۇچ بارىكەن. ئۇ قايسى بىر ناھىيىدە تەسىرات سۆزلەپ يۈرگەندە سېزىلىپ، قولغا ئېلىنىپتۇ!

  

ئۆچرەتداشلاردىن يەنە بىر ئايال بارىدى. ئەللىكلەرگە يېقىنلاشقان ئايال بولۇپ، بىلىشىمچە تۇل ئايال ئىدى. ئىشلىمەيتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئېرىنىڭ نەپىقىسىگە تايىنىپ ياشايتى. بەزىدە زېرىكىشتىن ۋاقىتلىق ئىشلاردا كۈنلۈك ئىشلەپمۇ قالاتتى. مانا شۇ تۇل ئايال پەقەت ئۆپكە-ھېسىپ ئۈچۈن ئۆچرەتكە كېلەتتى. بەزىدە بىرەر كاللا-پاقالچاقنىلا ئالىدىغان بىرىنى تاپالىسا ئىشى بەكمۇ ئوڭ بولاتتى. ئۇ ھالدا ئۇ قوي تۇتۇش خاپىلىقىدىن قۇتۇلاتتى-دە، كاللا ئالۇدۇغان ئەر كىشىگە تايىناتتى. بولمىسا ئادەم ئاز بولسا ئۇنىڭغا تېگەتتى؛ ئادەم كۆپ بولسا قۇرۇق سۆۋىتىنى كۆتۈرۈپ، قاغىنىپ، كىمنىدۇر تىللاپ، كوتۇلدۇغىنىچە كېتىۋاتقىنىغا قارىساملا يۈرەكلىرىم زىرىلداپ كېتەتتى.

چۈنكى، مەن ئۇنىڭ يالغۇزلۇقىنى بىلگەن، پەقەت يالغۇز بولغانلىقى ئۈچۈنلا كىشىلەرنىڭ ئۇنى بوزەك قىلىش، مەسخىرە قىلىش تۇتۇمىدا مۇئامىلە قىلىشلىرىنى كۆرگەن بىرىنچى مىنۇتلاردىن باشلاپلا، ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيتى. دۇكان ئېچىلىشتىن نەچچە سائەت بۇرۇندىن باشلىنىدىغان ئۆچرەتلەردە كىشىلەر زېرىكىشلىرىنى بېسىش ئۈچۈن ھامان مەسخىرىگە بىرەر نىشان تاپاتتى. ئاندىن ئۇنى مەسخىرە قىلىپ كۈلۈشۈش بىلەن، بەختىيار ۋاقىت كەچۈرۈشەتتى.

— ھە، ھېلىمىخان، ھېسىپنىڭ توم بېشىدىن يېگۈلىرى كەپقاپتىكەنما؟ — دەيتى ئۇنى سالاملاش ئورنىدا ئۇ كەلگەن ھامان.

— ھە، شۇندا، — دەيتى ئۇ ۋاقىتسىز قورۇلغان چىرايىنى ئېچىپ، چاخچاق تەرىقىسىدە قۇتۇلمىسا مەسخىرىلەرگە چىداش مۈمكىن ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە.

— يىڭىچكىسى بولسىمۇ جان دەيتىغۇ، بىچارە، — دەپ گەپ قاتاتتى يەنە بىرى، — شۇ تاپ سۈيى قېچىپ، قاق بولۇپ قالغاندۇ.

باشقا ئاياللارمۇ كۈلۈشۈپ بېرەتتى. مەن باشقا ئاياللارغا دېيىلمەيدىغان گەپلەرنى بۇ ئايالغا دېيىشكەنلىرىدە، بەلكىم بۇ ئايالدا »بىرەر تاسقام« بارمىكىنە؟ دەپمۇ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ئۇنداقمۇ ئەمەسكەن. ئۆزى ناھايىتى ئوڭلۇق، پاكىز ئايالكەن. پەقەتلا ھىمايىچىسى يوق، ئېرى يوق، بالىلىرى يوق بولۇشتەك ئاجىزلىقىدىنلا ئۇنى ئانىي تېپىشىدىكەن. ئۇ ئېرىدىن بەك ياشلا تۇل قاپتۇكەن. شۇنداق بولسىمۇ ئېرىگە بولغان ساداقىتى تۈپەيلى تەكرار ئەرگە تەگمەي قېرىپتۇ. بىر قېتىم ئۇنى ئاياللار توپىدا كۆرگۈنۈمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇنغان سۆزلەرگە قۇلاق مىھمىنى بولۇپ قالغانىدىم.

ئاياللارنىڭ بەزىسى ياراتماسلىق ئىپادىسىدە تۇمشۇق پۈرۈشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئېسىللىكىنى نامايان قىلىپ تۇرسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئەر كىشىلەردەك چىدىغۇسىز گەپلەرنى قىلمايتى. كۆپلىرى نورمال مۇئامىلىدە، ھىسىداشلىق تۇتۇمىدا بولغاچقا ھېلىمخان كەچمىشلىرىدىن بىر ئاز ئاڭلاتقان ئىدى.

— «ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ» دېگەن گەپ بارغۇ، ھېلىمىخان، شۇ چاغدىلا ئەرگە تېگىۋاغان بوسىلىرى، بىرتە-يېرىم باللىرى بولۇپ قالاتى، يالغۇزلۇق دېگەن بەك يامان ئىش جۇما، چىك چىك...

— راست، دەيلا، مەن باشتا مۇرەببىمنىڭ قارىسىنى تۇتۇمەن دەپ كەلگەن لايىقلانى قايتۇرۇۋېرىپتىمەن، كېيىن ھىچكىم كەلمەس بولدى، يالغۇزچۇلۇقتا ئايال كىشى دېگەن تېخىمۇ پات قېرىيدىغان ئوخشايدۇ، ئىتتىكلا قورۇق باسقىلى تۇردى، ئەمدى كىم ماڭا قارايدۇ، دەپ ئولتادۇق، مانا، — دېدى تۇل ئايال ھەسرەت بىلەن، — ئايال كىشى دېگەن بەك ئاجىز بولۇدۇكەن، بەك ئاجىز بولۇدۇكەن، بىلگەن بولسام بالدۇرراق، «ئېسىمنىڭ بارىدا ئېتىكىمنى ياپاركەنمەن».

— ھە، ئاينىكا، پۇشمانلىرى باكەن-دە، خېنىم؟

— دېگەنلىرىنى قارىسىلا، بوممامدىغان، بوممامدىغان! بىر دېمىسىلە! يالغۇز دەپ ھەممە ئادەم كۆزىگە ئىلمەيدىكەن، ھەممە ئادەمنىڭ بوزەك قىلىپ باققۇسى كېلىدىكەن، مانا شۇندا...

— شۇ، «بوزەكنى بوزەك قىلمىساڭ، قىيامەتتە سورىقى بار» دەپ بوزەكنى تاپسا بوزەك قىلىدۇ.

— ئەدناسى ئىشۇ دوك ئۇستام، — دېدى ھېلىمىخان مىسال بېرىش ئۈچۈن، — بىر قېتىم گۆش ئاخىرلاشقاندىراق بېرىپ قاپتىكەنمەن، گوش چانىغان كۆتەكنىڭ ئەتراپىدا، پەشخۇندا چېچىلىپ كەتكەن تىماقتەك ئۇششاقلانى يىغىپ، دۆلەپ قويۇپتىكەن، بىرسىنىڭ ئىشتى يا مۈشۈكىگە ئالغاچ كېتىشكە نىيەت قىلغان بولسا كېرەك، مەن كەپ قاپتىمەن، شۇنىڭ بىلەن، «ۋاي ھېلىمىخان، قارىسىلا، مانا ماۋۇسى سۆڭەكسىز نەقلا گوش، توغراپ ئاۋارىمۇ بولمايلا، مۇشۇنىلا ئالماملا، ئۆزىمۇ ساق بىر كلو چىقىدىكەن، تارتىپ باقتىم» دېسە بۇ ئادەم مېنى ئەخمەق ئەتمەس، دەپ ماقۇل بولۇپتىمەن. ئۆيگە ئاپىرىپ ئىشلىتىدىغان چاغدا قارىسام ھەممىسىلا سۆڭەكنىڭ ئۇششاق شىخ-شىخلىرىكەن، ئۇنىڭدىكى گوشنى يەيمەن دېسە ئادەمنىڭ بوغۇزىغا سۆڭەك تۇرۇپ قېلىپ ئۆلگۈدەك، مانا شۇنىڭ بىلەن ئىشلىتەلمەي تاشلىۋەتتىم. ئۇغۇ بىر كوي ژىگىرمە پۇڭنىڭ ئىشى. ئەمما بوزەك بولغۇنۇمنى ئويلاپ راسا يىغلىدىم،...

ئەنە شۇنداق سۆھبەتلەردىن خەۋىرىم بولۇپ قالغاچقىلا، ئۇنىڭ ئەركەكلەر قىلغان ئەدەپسىز گەپلەرگە گويا گەپ تەسىر قىلمايدىغاندەك، ھىسسىز، روھسىز ياغاچتەك، ھەممىگە «ھە» دېيىشلىرىنىڭ ئىلاجىسلىقتىن تاپقان تاقابىل تۇرۇش چارىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇراتتىم، بۇ ھال مېنى ھەقىقەتەنمۇ ئېزىۋېتەتتى.

— ئا گەپنى ئاڭلىلىما، ھېلىمىخان، — دەپ ئاگاھلاندۇرۇشاتتى، ئەگەر ئۇ ئاڭلىمىغان بولۇۋېلىپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن ئەدەپسىز گەپلەر بولسا، — يىڭىچكىسى بولسىمۇ جان دەيدۇ، دەۋاتىدا.

— بولسىغۇ، نېمە بولسا مەيلىتى، — دەپ كۈلۈپ قويدى ئايال.

— ھە، مانا ماۋۇ گەپلىرى جىڭ گەپ بولدى، ئانچە - مۇنچە نەمدەپ تۇرمىسىمۇ بوممايدا، قۇرۇق قالۇدا، جۇما.

— ئانچە-مۇنچە قىچىقىنى بېسىپ تۇرۇدۇغاندۇق؟ بەك ئۇزۇن ژىل بولاپ كەتتى، شۇنىڭ ھەممىسىدىمۇ روزا تۇتۇپ ئۆتمىگەندۇق، ھېلىمىخان؟

— ئوووو، ماڭا چىم قارايدا، قېرىغاندا.

— ئ ! ئىش كۆگەن ژىگىتلە قارىمىغان بىلەن كۆزى ئېچىلمىغان چۆجە ىورازلار با ئەمەسما، قانداغ نېمىدۇ؟ دەپ قىزىقىپ ژۈگەن، يېڭىدىن جىگدە پۇرىغان باللا، ھە، شۇنداغلىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ قويۇدۇغان بوسىلا، سىلى خوش قول تەگمىگەننى ئۈزدۈم، دەپ، ئاۋۇلا خوش، كۆمىگەننى كۆرۈۋالدىم دەپ، مانا شۇندا...

— ھەجەپ يول كۆسۈتۈپ كەتتىلىيا، ماڭا؟ قاندا رەھمەت ئېيتسام بولا سىلىگە؟ بوسا ئۆزلىرى تېپىشتۇرۇپ قويسىلىغۇ تېخىمۇ ئوبدان بولىتى، بىلگەندىكىن.

ئەمدى چوقان ئەركەكنىڭ گەپتە چۈشكىنى ئۈچۈن كۆتۈرۈلدى. چۈنكى «تېپىشتۇرۇش» دېگەننىڭ نورمالدا قانداق سۈپەتتىكىلەرنىڭ ئىشى ئىكەنلىكىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئەمەسمۇ، بۇنىسى جالاپتىنمۇ ئۆتە رەسۋاسى-دە، شۇڭا ئەركەكنىڭ ئاغزى يۇمۇلاتتى.

ئەمما بىرسى جىمىققانغىلا گەپ تۈگەپ كەتمەيتى. يەنە بىرى بىر بۇرجەكتىن گەپ تېشىشكە ئۇرۇناتتى:

— بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ، شۇ، ھېلىمىخان، قانداق قىلىمىز. سىلى بىكار تۇرۇۋەرگەندىكىن زېرىكىدىغانلا، شۇندا گەپ، — دەيتى.

— خۇداغا شۈكرى، باشلىرى قاتمىسىمۇ بولۇدۇ، — دەيتى ئۇ يەنىلا كۈلۈپ، — سىلىنى بىژ ئەدەم سوراقچى قويمىغاندۇ؟ ئىگىسىمىتىلا-يا؟ نېمە بوسىمۇ ئۆزەم بىلىمەن، — چۈشەنمىگەن ئادەم ئۇنى گەپ تەسىر قىلماس بولۇپ كەتكەن تازىمۇ داپشاق ئايالكەن دەپ قالغۇدەك پوزىتسىيە بىلەن. بىر ياقتىن قارىسا ئۇ مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن يالغۇزلۇقتىكى ئىچ پۇشقىغا ئەمەك تېپىۋاتامدۇغاندۇ دەپمۇ ئويلاپ قالاتتى.

— بۇنچە ئۇزۇن ژىل ئىچىدە ھىچ لۆمشىمىدى، دېسىلە كىچىك بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ، ھېلىمىخان، — دەيتى يەنە بىرى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ.

— ئاشۇندا خاپ (خاپا) قىپ قاسا مۇش بىلەن ئىككىنى قويۇپ جىمىقتۇرامەن دەپ، نىيەت قىلىپ قويغانتىم، ئەمما ئۇندامۇ بوممىدىغۇ، — دەيتى ھېلىمىخان يەنە شۇنداق ئوچۇق - يورۇقلۇق بىلەن.

ئۇنىڭ گېپى كۈلكە تېپىشقا زورۇقۇپ ئۇرۇنۇۋاتقانلارنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ، قاقاقلاپ كۈلۈشەتتى. باشقا ئاياللارمۇ قوشۇلۇپ كۈلۈشەتتى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ ئاۋۇ ئايالغا ئوخشىمايدىغانلىقىنى سەزدۈرۈپ قويۇش ئىھتىياجى بىلەنلا:

— ۋىييى، قېلىنلىقىنى! — دېيىشكەچ كۈلەتتى.

ھېلىمىخان تە بولۇش پوزىتسىيىسىدە بولماي، سۇنىڭ ئېقىشىغا تۇتۇم تۇتۇشى بۇ مەۋزۇنىڭ قىززىقىنى چاپسانلا تۈگۈتەتتى-دە، كۈلكىلەر بېسىقىپ، ئادەتتىكى پاراڭلىرىغا چۈشەتتى؛ يېڭى ئەمەك تېپىشقا ئۇرۇنۇپ، بىرەرىدىن قۇسۇر ئىزدەشكە ئۆتەتتى.

بۇ ئايال ئۆچرەتكە كەلسىلا ئاللاھتىن ئۇنىڭغا بىرەر كاللا-پاقالچاق ئالىدىغان يېرىمچىدىن بىرنى ئۇچقاشتۇرۇشنى تىلەيتىم ياكى قويلارنىڭ جىقراق بولۇپ، ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇشىنى، مۇشۇ ئايالغىمۇ ئىستىگەن نەرسىسى تېگىشىنى تىلەيتىم. ئۆزەمنىڭ قوي تۇتالماي قېلىش ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىم تامامەن ئۇنتۇلاتتى.

ئەمما بەزىدە مەندە بىزارلىقمۇ باش كۆتۈرەتتى. چۈنكى بۇ ئايالنىڭ شاللاق گەپلەرگە شاللاقچە ئىنكاس قايتۇرۇشلىرى تازىمۇ تېتىقسىزلىق بولۇپ تۇيۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇرۇن ماڭا ھىس قىلدۇرغان بىچارىلىكى، خارلانغان بىر مەزلۇم ئوبرازىنى كۇمپەيكۇم قىلىۋېتەتتى. بۇنداق چاغلاردا ئومۇمىي كۈلكىگە قوشۇلۇپ كۈلگەن چاغلىرىم بولاتتى. ئەمما بۇ يەردىن ئايرىلىپ ئۆيگە كېتىۋاتقىنىمدا ياكى ئۇنىڭ ھىچنېمە تەگمەي قۇرۇق قول قايتىپ كېتىۋاتقىنىغا قاراپ قالغان چاغلاردا بولسا، ئاشۇنداق بىر بىچارە ئايالنى مەسخىرە قىلىشقا ھەسسىدار بولغۇنۇمدىن گۇناھكارلىق ھىسسى ۋۇجۇدۇمنى قاماللاپ ئېلىپ، روھىمنى قىينايتى.

ئۆچرەتلەردە ئۇچرايدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنىڭلا بىر ئۆزگۈچىلىكى بارىدى. ئەمما ھەممىنى ئەسكە ئېلىشمۇ، ھەممىسى ھەققىدە توختۇلۇشمۇ تەس ئىش. مېنىڭ ئاشۇ ئۆپكە-ھېسىپ ئۆچرىتى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىم ئاشۇنچىلىك.

گەرچە جاپاسى بەك كۆپ بولسىمۇ يەنىلا سېغىنىپ تۇراتتۇق، يەنىلا ئۆچرەتكە ئەۋەتىلەتتىم. ھەتتا كوكۇستا كاللا ئۈكلەشنىڭ بىر خىل قىزىققۇچىلىكى باردەك تۇيۇلۇپ كېتەتتى. كاللا-پاقالچاق يېگۈچىلەر ئۈچۈن بۇ كوكۇس مەيدانى ئاجايىپ قولايلىقلارنى بەخش ئەتكەن بولۇپ، ئۇزاقتىكى دوختۇرخانا مەھەللىسىدە ئولتۇرۇدۇغانلار، پولات پروكاتلاش سېخلىرى تەرەپتە، پولات زاۋودى تەرەپتە ئولتۇرۇدۇغانلار ئۈچۈنمۇ بەك قىيىن بولاتتى. بىز بۇ ئەۋزەللىكىمىزدىن تولۇق پايدىلىناتتۇق.

شۇ ئېسىمدە بار، مېنىڭ بەش ياشتىن بۇرۇنقى ھاياتىمدىمۇ كوكۇسقا ئائىت نۇرغۇن ئەستىلىكلىرىم بارىدى. زىكرى قىلىنغىنىدەك، ئىككى تەرىپىمىزدىكى ساينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر سېرىمدىن ئېتىزلىقلار بارىدى. ۋە ئائىلىمىزگە قاراشلىق بىرنەچچە كاندەك ئېتىزىمىزغا قىزىلچا تېرىغان چاغلىرىمىزدا قىزىلچىنى ئادالاپ، قەلەمچە قىلىپ، سۇدا ئۇزاقتىن-ئۇزاق قاينىتاتتۇق. قايناتقانسېرى سۈيى قويۇقلۇشۇش بىلەن بىرگە قوڭۇررەڭگە ئايلىناتتى ۋە بىرنەرسىدە ئىلىپ كۆتۈرسە خۇددى ھەسەلگە ئوخشاش سوزۇلۇپ، قۇيرۇقى ئۈزۈلمەيدىغان قويۇق شەربەت ھاسىل بولاتتى. ئەنە شۇ چاغدا قەلەمچىلەر سۈزۈۋېلىناتتى، شەربەت بولسا ئاغزى يوغان مۇراببا بودۇلكىلىرىغا قاچىلىنىپ، ساقلىناتتى. ئەتتىگەنلىرى ناشتىدا ناننى مىلەپ يەيتۇق. سۈزۈۋېلىنغان قەلەمچىلەرنى قىيما ئورنىدا خېمىر ئىچىگە سېلىپ، قازان نېنى پىشۇراتتۇق. بۇمۇ تاتلىق نان بولاتتى.

ئەمما، كۆپ چاغلاردا مەكەچامغۇر تېرىلاتتى. چۈنكى شەھرىمىز تەۋەسىدىكى بارلىق ئوتياشلىقلارغا ئەڭ كۆپ تېرىلىدىغىنى كۈزلۈك يەسسىۋىلەك ۋە مەكەچامغۇر ئىدى. شۇڭا مەكەچامغۇرلار قېزىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېتىزلىقلارنى تەكرار تىنتىپ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، كۆمۈلۈپ قالغانلارنى قېزىپ تاپاتتۇق-دە، ئۇتتۇر كوكۇسقا يۈگرەيتۇق. «ئوتى پىشقان» كوكۇسلارنىڭ ئۈستىگە ياپقان توپىسىنى بىر ئاز ئېچىپ، شۇ يەرگە كۆمەتتۇق. بەكمۇ شېرىن پىشاتتى. ھەتتا قاتكۆك كۆتەكلىرىنىمۇ مانا شۇ كوكۇستا پۇشۇرۇپ يېيىشكە بولاتتى. ئېغىزۋاشلىرىمىز قارا قۇرۇم باسقان، ئەمما رەڭگى-روھىمىزدىن بەختىيارلىق پارلىغان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىمدە ئانام ئاغزىمنىڭ چۆرىلىرىدىكى قارىلارغا قاراپ كۈلۈپ كېتىپ:

— ئى ئېغىزلىرىڭنى ژۇيۇپ كەلمىدىڭمۇ، قەلەندەنىڭ بالىسى! — دەپ ئەيپلەيتى.

ئاشۇ چاغلاردىمۇ بۈگۈنكىدەكلا بەختلىكمىدۇق؟ بۇنى تازا ئاڭقىرالمايمەن، ئەمما ئۇ چاغدا ھەرھالدا خىلمۇ-خىل تاماقلار ئېتىلەتتى. بۈگۈنكىدەك ئۇنچە كۆپ سۇيۇقئاش، ئۇماچ ئەتكىنىمىزنى خاتىرىلىيەلمەيمەن. ھەتتا ئۇ چاغلاردا ھېيتلاردا بىرمۇنچە پۇلۇم بولۇپمۇ قالۇدۇغان. ماڭا بىر قېتىم ئارقىسىدا ئىككى تال لېنتىسى لەپىلدەپ تۇرۇدۇغان چېكىلىكسىز دېڭىز ئارمىيە شەپكىسى ئېلىپ بەرگەن ئىدى. ئومۇمەن يېڭى كىيىمدىن تەلىيىم يوقمىدىكىن، شۇ كۈنىلا «چاتراق مۇما» دەپ ئۆزىمىز ئات قويۇۋالغان A شەكىللىك سىمياغاچقا بېرىپ ئىلانگۈچ سېلىپ ئوينىماقچى بولغان ئىدۇق، ئاغامچىمىز قىسقا بولغاچقا ئىككى تەرەپكە تۈپ-تۈزلا ئاران باغلاندى. ھىچ ساڭگىلىماي تۈپ-تۈز تۇرغان ئاغامچىدا ئولتۇرۇپ قانداق ئۇچقۇلى بولۇدۇ دېمەستىن، ئاچىلىرىم گۆدەكلىكتە مېنى ئولتۇرغۇزۇپلا بىرلا ئىتتىرىشكەن ئىدى، ئوڭدامغا چۈشتۈم. دەل ئارقىدىكى يوغان تاشقا ئارقا مېڭەم تېگىپ بېشىم يېرىلدى. ماترۇس شەپكەمنىڭ ئۈستىدىن بۇلدۇقشۇپ قان ئېتىلىپ چىقتى. ھۆڭرەپ يىغلىغان پېتى ئۆيگە قايتتىم. بېشىمنى تاڭدۇردۇق. شەپكە كىيگۈسىز بولۇپ كەتكەچكە تاشلىۋېتىشكە توغرا كەلدى.

بەلكىم بەخت باشقا، ئۇنى ھىس قىلىش باشقا ئىش بولسا كېرەك. ئاشۇ چاغلاردىكى ماددىي ئەۋزەللىكلەرگە قارىماي، مېنىڭ بەختنى ھىس قىلمىغىنىمغا قاراپ ئەنە شۇنداق دېگۈم كېلىدۇ. چۈنكى ھازىر بەختنى تولۇق ھىس قىلالايدىغان بولغان ئىدىم. چۈنكى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇيتۇم، ئۈگۈتۈلگەنلەرنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈۋالاتتىم.

ئەسلىدە مەن ئۆچرەتلەر ھەققىدە گەپ قىلماقچى ئىدىمغۇ؟ ئېزىپ كېتىپتىمەن. ئۆچرەتلەر پەقەت ئۆپكە-ھېسىپ ئۈچۈنلا ئەمەس ئىدى. «تۇتقا تۇتۇلۇۋاتقان» بولغاچمىكىن، تۇتقا قىلىنمايدىغان نەرسىلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈنمىگەچكە، بىلەتلەر ئاۋۇپ كەتكەن، شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا يېتىشمىگەچكە، پالان نەرسە كەپتۇ، دېيىلگەن ھامان دۇكانلاردا ئادەملەر مىغىلداپ، ئۆچرەت پويېزلاردەك سوزۇلۇپ كېتەتتى.

مەكتەپتىن قايتقان چاغلىرىمىزدا داۋانغا يامىشىشتىن ئاۋال چوقۇم دۇككاننى بىر چارلاپ چىقاتتۇق. مەيلى پۇلۇمىز بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ھەر نەرسىگە تەكرار قاراپ، يەيدىغان نەرسىلەردىن تارتىپ تاكى ئويۇنچۇقلارغىچە دىتلاپ تۇراتتۇق. پۇلۇم بولۇپ قالسا ئالىمەن دېگەن بۇنداق پىلانلىرىمىز دايىملا ئۆزگۈرۈپ تۇرسىمۇ، چوڭ تۈرلىرى بويىچە مەلۇم مۇقۇملۇققىمۇ ئىگە ئىدى. بىر زامان مەن تاپقىنىمغا قەلەمتۇراش ئېلىپ يۈردۈم. كېيىن تاپانچا ۋە مىلتىق ئويۇنچۇقلارنى ئالدىم. ئاندىن قولچىراققا ئىشتىياق تۇغۇلۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل يىغدىم.

بىركۈنى مەكتەپتىن قايتىپ دۇككاننى كېزىشكە كىرگىنىمدە ناھايىتى غولغۇن بىر ئۆچرەتكە يولۇقتۇم. ئۆچرەتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى كۆمۈركان ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئىشچىلار ئىدى. زىكرى قىلىنغىنىدەك، كان ئاستىدا پۈتۈنلەي بىز خەقتىن ئىشچىلار ئىشلەيتى. بۇ ئۆچرەتلەرنىڭمۇ ھەممىسىدە يولداشلارنى چېلىقتۇرغىلى بولمايتى. ئۇلار بەلكىم بۇنداق قالايمىقان توپنىڭ ئىچىدە قىستىلىپ يۈرۈشنى خالىمايدىغاندۇ ياكى ئۇلار ئارقا تەرەپتىن ئاسان يول بىلەن ئالامدىكىن؟ ھىچ زامان ئۆچرەتلەردە ئۇلاردىن بىرەر ئادەمنى چېلىقتۇرغىلى بولمايتى. بۈگۈنكى مانا مۇشۇ ئۆچرەتتىمۇ ئۇلار يوق، ساپلا قاراچاپان ئۇيغۇرلار ئىكەن. نېمە سېتىلىۋاتىدىكىن دەپ قىزىقىپ ئۆچرەتتىن چىققانلارغا قارىدىم.

كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقىنى ماۋجۇشىنىڭ گەژ ھەيكىلى ئىكەن! گەژ بەك چۈرۈك، بوش بولغاچقا بەك كۆپ بىراك بولۇپ كېتىپتۇمىش، شۇڭا باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىۋاتقان ئىكەن. بۇ كىچىككىنە يېرىم گەۋدە ھەيكەل بولسىمۇ، ئۆيلەردە ئۇنىڭ بولۇشى بەكمۇ مەمنۇن بولارلىق ئىش ئىدى. باھاسىنى سورۇۋىدىم، پەقەت 20 تىيىن ئىكەن! دەل شۇكۈنى يېنىمدا 20 تىيىن پۇلۇم بارىدى. ھىچ ئىككىلەنمەستىن ئۆچرەتكە تۇردۇم. «ماڭا! ماڭا!» دېگەن قىيا-چىيالار بۇ يوغان دۇكاننىڭ ئىچىنى بىر ئالغان ئىدى. دۇكان L شەكىللىك بولۇپ، بەش بۆلۈمگە بۆلۈنگەن، بەش پىركازچىك ئىشلەيتى. ساۋاقداشلىرىمدىن بىرىنىڭ ئانىسى، ئىككىسىنىڭ دادىسى پىركازچىك ئىدى. قالغان ئىككىسى يولداشلاردىن ئىدى. بۈگۈنكى ھەيكەل سېتىۋاتقان بۆلۈمدىكىسى ئايال يولداشلاردىن بىرى ئىدى.

ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتقان كۈزەتكەنلىرىمدىن مەلۇم بولدىكى، ھەيكەللەر ئايرىم ئوراپ قاچىلانمىغان، ھەممىسى بىراقلا بىر قاچا قىلىنغان، پەقەت قىيىلغان قەغەزلەردىن مۇھاپىزەت ماتىرىيالى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ، قىيىندا قەغەزگە ئوراپلا قاچىلىغاچقا ھەر بەش ھەيكەلدىن بىرى ساق چىقاتتى. شۇڭا ساتقۇچى بىر خېرىدارنى يولغا سېلىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ساق ھەيكەل ئىزدەيتى. بەزىلىرىدىكى ئۇششاق پۇچۇلغان يەرلەرنى كۆرمەي قېلىپ، خېرىدار كۆرۈپ قالسا ئۇ قايتۇرۇپ باشقىنى ئالىمەن دەپ، پىركازچىك يولداش بەرمەيمەن دەپ تالاش-تارتىشمۇ بولۇپ تۇراتتى.

نىھايەت مەن ئىككى سائەتلىك جاپالىق قىستىلىشلاردىن كېيىن ئالدىغا يېتىپ بارغىنىمدا شۇنى كۆردۈمكى، يولداش ئازراق سۇنۇق ھەيكەللەرنى ئەخلەت ساندۇقىغا پىرقىرىتىپ تاشلاۋاتاتتى. ھەر بىر ھەيكەلنى قىيىلغان قەغەزلەر ئىچىدىن تىمسىقلاپ تېپىپ ئېلىپ بىرلا ئۆرۈپ-چۆرۈيتى-دە، سۇنۇق بولسا ئەخلەتلەر ئۈچۈن ئايرىلغان يەششىككە تاشلايتى؛ ساق بولسا خېرىدارغا بېرەتتى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە بىرىنىڭ ئاستى تەرەپتە ئازراق پۇچۇقى بارىكەن، بەك كۆزگە چېلىققۇدەك يەردىمۇ ئەمەستى.

— ئازراق پۇچۇقكەن، ئېلىۋېرەمسەن، باشقىنى بېرەمدىم؟ — دەپ سورىدى يولداش. 20 تىيىننى قانچىلىك تەستە تاپىدىغانلىقىمنى دېسەمغۇ ئەڭ ساقنى تېپىپ بەر دېسەممۇ بولاتتى، بىراق، مەن ئالمايمەن دېسەملا ئۇنى پىرقىرىتىپ ئەخلەتكە تاشلايتى. مانا بۇ ھال مېنى ئازاپلايتى. شۇڭا:

— بولدى ئېلىۋېرىمەن، — دېدىم.

ئۆچرەتتىكى قىستاڭچىلىقتىن ھەيكەلنى ساق ئاچىقىشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. خۇاڭ جىگۇاڭچە روھ بىلەن كۆكسۈمدە قوغداپ، جەينەكلىرىم بىلەن مۇداپىئە قىلىپ، تەردىن مىچىلدىغان ھالدا ئالامان ئىچىدىن چىقىپ كەلدىم. تەكشۈرۈپ كۆرۈۋىدىم، ساق ئىكەن. ئەمدى ئاياق ئاستىمىزدا، پۈتۈن دۇكانغا يېيىلىپ كەتكەن قەغەز قىيىندىلىرىدىن چوڭ بىر تۇتام يىغىپ ئېلىپ،ئۇنىڭ بىلەن ئورىۋالدىم. ئاندىن بەختىيارلىققا چۆمۈلگەن ھالدا ئۆيۈمنىڭ يولىدىكى داۋانغا ياماشتىم.

بەك مەمنۇن ئىدىم. ئۆيىمىزدە كەم بولۇۋاتقان ئەڭ موھىم بىرنەرسىگە ئېرىشكەننىڭ مەمنۇنلۇقى قەلبىمدە مەۋج ئۇراتتى. بۇ چاغلاردا بەزى يولداشلارنىڭ ئۆيىدە چوڭ مىس ھەيكەللەرنى كۆرگەن ئىدىم ياكى مىس بولمىسىمۇ ھەل بېرىلگەن ھەيكەللەر ئىدى. يەنە بەزىلەرنىڭ ئۆيىدە ئېمىزگىنىڭ ماتىرىيالىغا ئوخشايدىغان ئاق رېزىنكىدەك بىر نېمىدىن ياسالغان يۇمشاق تىپلىق ھەيكەللەر بارىدى. بۇنى قاچانلاردا ساتقان ئىدىكىن، ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان ئىكەنمەن. باشقا بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھەپىلىشىپ، چېلىقىپ قالسا سېتىۋېلىپ، ئۆيىنى زىننەتلەشكە تىرىشاتتى. بالىلارنىڭ ئىشى ئەمەستى. ئەمما بىزنىڭ ئۆيدە مەندىن باشقا ھىچكىم بۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەيتى ياكى بۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا پۇل بېرىپ، مېنى ئۆچرەتلەرگە يوللىمايتى. مەن ئۆزەم خەژلەيدىغان پۇلۇمدىن ۋاز كېچىپ سېتىۋېلىشىم كېرەك ئىدى.

بۇ كۈندىكى مەمنۇنلۇقۇم مانا شۇ باشقىلاردا بۇرۇنلا بار بولغان، ئەمما بىزدە كەم بولۇۋاتقان بىر مۇھىمماتنى تولۇقلىۋالغىنىم ئۈچۈن ئىدى. گەرچە باشقىلارنىڭكىدەك چوڭ، قىممەتباھا بولمىسىمۇ، ھەرھالدا بىزنىڭ ئۆيىمىزدىمۇ ئۇلۇغ داھىمىز ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى بار بولۇدۇغان بولدى. كۆڭلۈمدە ئانام بىلەن ئۇچرۇشۇدۇغان مەنزىرە جانلانسىلا ھاياجانلىنىپ، ئۆيگە ئالدىرايتىم. ئانام مېنى بىر قۇچاق قەغەز قىيىندىلار بىلەن كۆرگىنىدە ھەيران بولۇپ سورايتى، مەن بولسام قىيىندىلارنى ئاۋايلاپ ئېلىپ، ماۋجۇشىنىڭ بېشىنى چىقىراتتىم. ئانام ھەيران قالاتتى.

ئۆيگە كېلىپ ئىشىكنى ئېچىشىم ھامانلا بوشۇشۇپ كەتتىم. ئىشىك ئېچىلىشى ھامان كۆرۈنۈشى كۈتۈلگەن ئانام ئۆيدە يوقكەن. بۇ كۆڭۈلسىز باشلىنىش بولسىمۇ، ھەيكەلنى قويۇپ قويماستىن يەنە شۇنداق قىيىندىلار بىلەن ئورىغان ھالدا ئانامنىڭ كىرىش ئىھتىماللىقى كۈچلۈك بولغان قوشنىلاردىن بىرىنىڭ ئۆيىگە كىردىم. ئانام بۇ يەردىكەن. ئۇ مېنى كۆردى، ئەمما قولۇمدىكىگە دىققەتمۇ قىلماستىن:

— مېنى نېمە قىلىتىڭ؟ ئىمەمتىڭ؟ ئىشك ئوچۇقتىغۇ؟ — دېدى. كۆڭلۈمدە زاھىر بولۇپ مېنى ھاياجانغا سالغان كۆرۈنۈشلەر بەربات بولغان ئىدى. مەن تېخىچە ئانامنىڭ «قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟» دەپ سورىشىنى تاما قىلىپ تۇرغاچقا ھەيكەلنى كۆرسەتمەيۋاتاتتىم. مېنىڭ بېزىرىپ تۇرۇشۇمغا چىشى قېرىشقان ئانام:

— ما بالام مېنى ئېمىدىغان ئوخشايدۇ، مەن چىقاي، — دەپ خوشلۇشۇپ يېنىپ چىقتى. كارىدوردا ئۆي تەرەپكە كېلىۋاتقىچىمۇ قولۇمدىكىگە دىققەت قىلاي دېمىدى. ئۇنى ھەيران قالدۇرۇش پىلانىمنىڭ مۇشۇنداق پىسەنتسىزلىك ئىچىدە ئەھمىيىتىنى يوقۇتۇۋاتقىنى بەكمۇ ئەلەم قىلدى.

ئۆيگە كىرگەندىن كېيىنلا ئۇ:

— ھە، نېمە خۇپىيە گېپىڭ باتى؟ نېمە ئۇ ئەخلەت؟ تاشلا سۆۋەتكە، — دېدى.

مۇشۇ گەپكە ھەيكەلنىڭ يۈزىنى ئاچىمەنمۇ؟ ئەمدى بۇنىڭدىن باشقىسىمۇ بولمايتى. ئۆيدىمۇ كەچكىچە مۇشۇنداق تۇتۇپ تۇرۇۋەرگىلى بولمايتى. ئاچتىم.

— نەدىن تاپتىڭ ئۇ بۇتنى؟ — دېدى ئانام ئېرەڭشىمەستىن.

— ئااا! بۇت ئەمەس، ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى!

— بۇت شۇ، ناماز ئوقۇيدۇغان ئۆيگە رەسىممۇ بوممايدۇ دەيتى، ئەمدى كېلىپ بۇتنى كۆتۈرۈپ كەگىنىنى، نەدىن تاپتىڭ ئۇنى؟

— تاپمىدىم، ئالدىم، — بىر ئاز زەردەم ئۆرلەۋاتاتتى.

— پۇلغا؟

— ھە، پۇلغا، پۇلغا بومماي نېمىگە ئالىتىمكى!

— ۋاي ساراڭ، قەلەندەنىڭ بالىسى! پۇلنى بۇزۇپ ئېپ جۈگەن نېمىسىنى! نەچچە پۇلغا ئالدىڭ؟

— شىككى موچەنگە.

— گېلىڭغا بىر نېمە ئېلىپ يېسەڭچۇ، ئەقلى يوق، بەغەرەز! بولاپتۇ، قوي، يوغان ئىش قىپسەن، شۇنىڭغا مېنى ئوتتاغىلى قويماي ھەيدەپ چىققانمىتىڭ؟ تازا بىر ھاماقەت ئادەم بولامسەن نېمە؟

مېنىڭ شېرىن تەسەۋۋۇرلۇرۇمغا تۈپتىن زىت بولغان بۇ نەتىجە مېنى شۇنچىلىك ئېزىۋەتتىكى، ئانامنىڭ شۇ خۇراپىيلىقىغا نەپرەتلىنىپ كەتتىم. دادامدىن ماختاش ئاڭلاشنى كۈتۈشنىڭمۇ ئورنى يوق ئىدى. ئۇ بۇ ئۆيدە خۇددى يات يەردىن كېلىپ قالغاندەكلا تۇراتتى، بەك ئاز چېلىقاتتى. ئۆيدە نېمە كۆپۈيۈپ، نېمە ئازلاۋاتىدۇ، ھىچنەرسىگە كۆڭۈل بۆلمەيتى. پەقەت خىزمەت، خىزمەت!

بوھران ئۆتۈپ كەتتى. ھەيكەل نېمىلىكىم بولمىسۇن شىرەمىزنىڭ تۆرىگە تىكلەندى. ئەمما بەك يۇمشاق بولغاچقا تۇتسىمۇ ئۇۋۇلۇپ ئاران تۇراتتى. تەلىيىمىزگە قوشنىلىرىمىزنىڭ خېلى كۆپى بۇ خىل ھەيكەلنى سېتىۋالغان ئىكەن. شۇلاردىن بىرى بىر يەردىن ئاق سىر تېپىپ كەپتۇ. ئاق سىردا سىرلىۋەتسە ھەيكەل ھەم پارقىراق ھالەتكە كېلىدىكەن، ھەم بىر ئاز قاتتىق قاسراق ھاسىل بولۇپ، ئۇۋۇلۇپ تۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇكەن. بىزمۇ قوشنىمىزنىڭ سايىسىدە سىرلىۋالدۇق. ئەمدى چاڭ بېسىپ قالسا سۈرتسىمۇ بولاتتى، خوپ ئېچىلىپ، پارقىراپ كېتەتتى.

ئۆي ياساشقا خۇشتار بولۇدۇغان قىزۋالا خەق ئەمەسمۇ، كىچىك ئاچام دايىملا يوقسۇز ئەشيالىرىمىزنى مودىغا كۆرە رەتلەشكە، ئەسكى-تۈسكىلەرنى چىرايلىقراق يوپۇقلار بىلەن چۈمكەشكە تىرىشىپ تۇرۇدۇغان بولغاچقا، ھەيكەلنىڭ بىر ئاز يامان ئەمەس ئائىلىلەردىمۇ بار ئىكەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن، بىزنىڭمۇ قاتاردىن قالمىغانلىقىمىزنىڭ پەرقىگە يېتىپ، مېنىڭ قىلغان بۇ ئىشىمنى ماختىغان ئىدى. بۇ ھەيكەلنى سېتىۋېلىپ خېلى زامان ئۆتكەندە ئېرىشكەن مۇكاپاتىم بولدى.

ئۆچرەتلەر، ئۆچرەتلەر! يەنە شۇ ئۆچرەتلەر ھەققىدە گەپ قىلاي، ئەمما نېمىنىڭ ئۆچرىتى يوقتى دەيسىز؟ بۇ تۈگۈمەس ئۆچرەتلەرنىڭ ھەممىسىنىلا يېزىپ بولۇش مۈمكىنمىدى؟ بىراق مەن ئالاھىدە بولغانلىرىنىلا يازماقچىغۇ. مانا شۇلاردىن بىرى ئىزناكقا ئۆچرەت. يەنى ماۋجۇشىنىڭ باش سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن مىس ياكى ئاليۇمىندىن ئىشلەنگەن ئىزناكلار. بىزنىڭ بۇنداق ماۋجۇشىنىڭ باش سۈرىتىگە تويماسلىقىمىز كېيىنكىلەر تەرىپىدىن قانداق چۈشۈنۈلۈدۇ، بەلگىسىز، ئەمما ئۇ چاغلاردا بۇ خۇددى بىر ئاچارچىلىققا ئوخشايتى. تام يۈزى قالماي ھەممە يەردە بولغاندىن باشقا خالالارنىڭ تاشقى تاملىرى، سىمياغاچلىرى، تۈز يزلۈك قىياتاشلار،... قاتارلىق تەييار سەھنىلەرنىڭ باش سۈرەت بىلەن بىزەلەىنى يەتمەي، مەخسۇس ئابىدە تاملار، ئۈزۈندە تاختىلىرى،... ھىچ بوشلۇق قالمىغان ئىدى. ھۆججەتلەر، تەشۋىق ۋاراقلىرىنىڭ باش تەرىپىگە باش سۈرەت سۇرۇخ بىلەن تامغا شەكلىدە ئۇرۇلغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مەندەكلەر تامغا ئويۇش ھۈنىرىنى ئۈگۈنۈپ، ھەر خىل چوڭلۇقتىكى، ھەر خىل قىياپەتلەردىكى باش سۈرەتلەرنىڭ تامغىلىرى بىلەن بىر كىچىك يەششىكنى تولدۇرۇۋالغانلىقىمۇ ئەنە شۇ ئاچارچىلىقنىڭ مەھسۇلى ئىدى. مانا شۇ باش سۈرەت ئاشىقلىقى تۈپەيلى تامغا ئويۇشنى ئۈگەنگىنىمدىن كېيىن، تامغا ئويۇشقا ئەڭ باپ كېلىدىغان ئۈژمە ياغىچى، ئامۇت ياغىچى ئىزدەپ، ھەر ياغاچنى كېسىپ باقىدىغان بولغان ئىدىم. مەكتەپلەردە بولسا كونا پارتىلاردىن قانچىلىرىنى بۇزۇۋەتكەندۇق.

مانا شۇ قىزغىن يىللارنىڭ يەنە بىر تەۋەررۈكى ئىزناكلار ئىدى. ئىزناكقا بولغان مۇھەببەتتىن كېلىپ چىققان «يۇلۇپ قاچار»لىقمۇ ئەيپ سانالمىغان، ئەكسىچە بىزگە پۇختا بولۇشنى ئۈگۈتۈپ، بىز ئۇنى بىرەر پارچە لاتىغا قاتار قاداپ، لاتىنى يۆگەپ ئېلىپ يۈرۈدۇغان بولغانىدۇق. ھەر پۇرسەتتە لاتىنى ئېچىپ بۇ دەپى-دۇنيالىرىمىزنى كۆزدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆز-ئۆزىمىزنى مەمنۇن قىلىۋەتكەندىن كېيىن، قايتىدىن ئوراپ سېلىۋالاتتۇق. ئۆيدە، مەكتەپتە دايىملا مانا شۇنداق قلاتتۇق. ئۆزئارا سېلىشتۇراتتۇق، كىمنىڭ ئەڭ كۆپ؟ كىمنىڭ ئەڭ ئېسىل؟ دېگەن نۇقتىلاردىن مۇسابىقە، بەسلىشىش ھاۋاسى ئېسەتتى. قىزىل ئارقا كۆرۈنۈشلۈك بولغانلىرى، ئەڭ چوڭ بولغانلىرى ئەڭ مۆتىۋەر سانىلاتتى.

ئاۋاللىرى مەكتەپ بويىچىمۇ مېنىڭ ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئېسىل سانىلاتتى. كېيىن بەزى تەتىللەردە يۇرتىغا بېرىپ كەلگەنلەر قەشقەردىن بەك ئېسىللىرىنى ئېلىپ چىقىپ، مېنى ئۇزاق ئارقىدا قويۇشتى. شۇنداق بولسىمۇ مېنىڭ تىرىشچانلىقىم سۇنمىغانىدى. قانداق قىلىپ بولمىسۇن مەندە بولمىغان تۈردىكىلەردىن تېپىشقا جان پىدا قىلىدىغان ئىرادەم بارىدى. تەلىيىمىزگە قوشنىمىز ئابلەتكام بىر ئارا شەندوڭ ئۆلكىسىدىكى مەلۇم كۆمۈركانغا ئىكىسكۇرسىيەگە بېرىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ قوشنىلار ۋە تۇققانلىرى ئۈچۈن سوۋغات سۈپىتىدە پەقەتلا ئىزناك ئېلىپ كەپتىكەن. ئانامغۇ ئۇنى مىڭنى قاغىدى، ئاياللارنىڭ كىيگۈلۈكلىرى بەك تېپىلماس بولغان يىللار بولغاچقا، ئانام قىزلىرى ئۈچۈن ئەتىۋارلىق رەختلەرنى ئېلىپ كېلىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا كېرەك. ئەمما ماڭا بۇ ئادەم بەك ئەقىللىق ئادەم بولۇپ كۆرۈنگەن ئىدى. ئۇ ئېلىپ كەلگەن ئىزناكلار ئىچىدە پوسپۇرلۇقلىرى بارىدى. بەك يوغانلىرى، باش سۈرەت ئاستىدا كېسىشتۈرۈلگەن تاللار بولغىنى، سۈنئىي ھەمرا ئەكلەنگىنى،... ماڭا بۇ ئىزناكلاردىن بىرنەچچىسى تەگدى. دادام بۇ مەھەللىدىلا ئەمەس، شەرىمىزدىمۇ كاتتا ئادەم بولغاچقا، ئىزناكنىڭ ئەڭ ياخشىسى سوۋغات قىلىنىشى كۆزگە كۆرۈنۈپلا تۇرغان ئىش، مەنمۇ ئۆز ئالدىمغا بىر تال ئالدىم. ئانام ئۈچۈنمۇ بىر تال بېرىلدى. مانا شۇنداق قىلىپ، مەن يەنە مەكتەپتە بىرىنچىلىكىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالدىم. بىرلا كەمتۈكۈم بارىدى: بۇرۇنلاردا ئىشلەنگەن مىس ئىزناكتىن بىرى بارىدى. ئۇنىڭ ھازىرقى زاماندا قىزىل ئارقا كۆرۈنۈشلۈك قىلىپ ئىشلەنگەن نۇسقىسىمۇ بارىدى، ئەمما بۇنىسى مەندە يوق ئىدى. سېرىق بولغاچقا ئۇ ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمايتى.

ئەنە شۇنداق ھالقىلىق پەيتلەردە سودا سارىيىمىزغا ئىزناك كەلگەنلىك خەۋىرى ئىشتىلدى! ئۆيدىكىلەرنى بىلىسىلەر، يەنە شۇ مەن كۈچىمىسەم ئۇلارنىڭ نېمە ئىشى؟ كەلگەن ئىزناك چوڭ ۋە ئالاھىدە ئەمەس، ئەڭ كىچىك، يۇمۇلاق شەكىللىك، ئاددىيلا باش سۈرەت بولۇپ، يۇمۇلاق گەردىشىنىڭ ئىچى قىپ قىزىل يالتىراپ تۇراتتى. مېنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىم دەل بۇنىسى ئىدى. كىشىلەر ئادەتتە كۆكسىگە بۇنى تاقايتى. چۈنكى بەك چوڭلىرىنى تاقىغىلى بولمايتى، ئۇنداقلىرى ئېغىر بولغاچقا مەيدە يانچۇقنى پەسكە ساڭگىلىتىۋېتەتتى. تاقاشقا ئەڭ مۇۋاپىق بولغان بۇ خىلى ئەڭ كىلاسسىك مودا ئىدى.

ئەسلىدىغۇ پۇلۇم بولسا بىر چاڭگال ئېلىۋالغان بولسام دەيتىم، ئەمما نە ئامال، مەندە بىرقانچە موچەندىن ئارتۇق پۇل بولمايدىغان تۇرسا،... بار موچەنلىرىمگە قانچىسى كېلىدىكىن، قاراپ باقاي دەپ ئۆچرەتكە تۇردۇم. بىزنىڭ بۇ خەلقنىڭ قىزغىنلىقىنى ئەيپلەي دېسە تېخى، ئەيپلىمەي دېسە تېخى. مەندەك كىچىكلەر بۇنداق قىستاڭچىلىق ئىچىدە تىرىك قېلىشىمۇ بىر مۆجىزە. قىزغىنلىق مانا شۇ تەرىقىدە.

ساۋاقدىشىمنىڭ ئاكىسى بولغان ئەمەت بىر قېتىم سىڭلىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئالۋىڭى ئۈچۈن بىر شېئىر يېزىپ بېرىپتىكەن، مانا شۇ شېئىرنىڭ نەقراتتەك تەكرارلىنىدىغان مىسراسىدا مۇشۇنداق قىزغىنلىقىمىزنىڭ سەۋەبى بەك ئوچۇق بايان قىلىنىپتىكەن:

  

سىز بىز ئۈچۈنلا تۇغۇلغانسىز، ماۋجۇشى!
  

دەل شۇنداق! نەقەدەر توغرا ئىدى بۇ سۆز! قاراڭلار ماۋۇ ئۆچرەتنى! گەرچە بۇنداق ئۆچرەتتە بىرنەرسە ئېلىش ماڭا بەك مۈشكۈل كەلسىمۇ، كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىقىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمايتىم. چۈنكى مەن بۇ قىزغىنلىقنىڭ سەۋەبىنى ئەڭ چۈشەنگەنلەردىن بىرى ئىدىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماۋجۇشى كەلتۈرگەن جەمىيەتتىن بەختىنى تاپقانلىقنىڭ ئىپادىسى ئىدى. مانا شۇ بەختنىڭ قەدرىگە يەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى ئىدى. «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق كولىغۇچىنى ئۇنۇتما» دەيدىغان بىر تېكستىمىز بولۇدۇغان 3- سىنىپتا. خۇددى شۇنداق، تەشنا بولغان چېغىمىزدا بىزگە سۇ بەرگەن نىجاتكارنى ئۇنۇتمىغانلىقنىڭ بەلگىسى ئىدى بۇ. شۇڭا ئۆچرەتتە قىينىلىۋاتساممۇ خەلقىمىزنىڭ ئۈستۈن ئىنقىلابىي روھىدىن تەسىرلىنىشتىن كەم قالمىدىم.

  

يېنىمدىكى بار پۇلۇمغا كىچىك ئىزناكتىن ئۈچى كەلدى! ئەمدى بىرىنى ئۆزەم تاقىساممۇ بىرنى زاپاس قويۇمەن، ھېلىقى ئىزناكلار توپلامىمغا قاتىمەن. بىرسىنى قانداق قىلاي؟ ھە، بىرىنى كۆسۈمگە، بىرىنى شەپكەمگە تاقايمەن، بىرى زاپاس قالۇدۇ. بۇمۇ بولۇدۇغان پىلان بولدى. ئاخشىمى بەختىيارلىقىمنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولغان ھېلىقى لاتىنى تەكرار-تەكرار ئېچىپ، يېپىپ، ئۆز-ئۆزەمنى ھوزۇرلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇنۇمدا، ئانامنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالدىم.

— نېمەڭ ئۇ دىۋانىنىڭ ساپايىسىدەك جالداڭلىتىپ...؟ — دېدى ئانام ئۆزىگە خاس جاھىللىقى، ساددىلىقى، قاراقوساقلىقىنى نامايان قىلىپ.

— ئىزناك، بۇ دېگەن!

— نېمە قىلىسەن ئۇنچىۋالانى؟ بىرسى بوسا يەتمەمتى؟ يانچۇقۇڭنى ئېغىلاشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ جۈگىچە قويۇپ قوي، چاپاننى ژىتىسەن، بوممىسا.

— ياق، قوياپ قويمايمە، يېنىمدىن ئارىمايمە، بۇ دېگەننى...

— ۋاي ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان قەلەندەنىڭ بالىسى!

ھەرقېتىم مانا شۇ ئۆچرەتلەردە ئىزناك ئالغىنىم ياكى ھەيكەل ئالغىنىم يادىمغا كەلگەندە بۇ قىزغىنلىقتىكى ئىنقىلابىي ئاممىنىڭ ھەممىسى بىز خەقتىن بولۇشى يادىمغا يەنە بىر ئەستىلىكنى كەلتۈرۈدۇ. قارىماققا ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر ئوخشاشلىق باردەك قىلمىسىمۇ، نېمىشكىدۇر ماڭا بۇلار بىر تىپتىن بولۇپ تۇيۇلۇدۇ:

يىگىتلىك چاغلىرىمنىڭمۇ ئاخىرىدىراق چاغلاردا ۋىلايەت مەركىزىدىكى چوڭ كىتاپخانىدا باشلىق بولۇپ تۇرغان يۇرتلۇقىمىزنىڭ قىلغان غەلىتە ئىشى ئىدى بۇ. بۇ ئادەم ھۆججەتتە كۆرسۈتۈلگىنى بويىچە مۇئاۋىن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۈستىدە بولۇشقا تېگىشلىك باشلىق بولمىغاچقا، بىرىنچى قول باشلىق ئورنىدا ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇنداق ۋەزىيەتنى تىلەپمۇ تاپالمايدۇ، كىم بىرىنىڭ ئاستىدا بولۇشنى خالىسۇن. ئەمما بۇ ئادەم ھەر كۈنىلا باج ئىدارىسىغا قاتناپ يۈرەتتى ۋە ھېرىپ ئېچىپ كېلىپ، توپىمىزدا پاراڭغا قېتىلاتتى. ئۇنىڭ نەگە بېرىپ نەدىن كەلگەنلىكى سورالسىلا ھال ئېيتىپ:

— باجخانىدىكى لاۋجاڭنىڭ ئۆيىگە باردىم، — دېگەن جاۋاپ چىقاتتى. بۇ ئوخشاش جاۋاپ ئۇزاق داۋام قىلدى.

— نېمە ئىشىڭىز بارىدى؟ مىھمانغا چاقىرمىغان بولغىيدى، بۇ مىھماندوست خەق؟ — دەيتى يىگىتلەر بىر-بىرىدىن گەپدان بولغاچ بۇ كىچىك باشلىقنى مەسخىرە قىلىشقا ئۇرۇنۇپ.

— ياق، مىھمانغا مېنى چاقىرمايدۇ، بولسا مەن مىھمان قىلسام بولاتتى. مەن خېلىدىن بېرى ئۇنىڭغا خىزمەت ئىشلەۋاتىمەن.

— ئوھھۇۇۇۇ! — دەپ ھۇشقۇيتۇشاتتى ياشلار، — يولداشلارغا قانداق خىزمەت ئىشلەۋاتىسىز؟ ئىدىيىۋىي خىزمەتمۇ؟ سىياسىي ئىدىيىۋىي خىزمەتمۇ؟...

— ئۇنى كىتاپخانىغا كېلىپ، مەن بىلەن بىرگە ئىشلەشكە ماقۇل كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەۋاتىمەن.

— ھوي، بۇ قانداق بولۇدۇ؟ ئۇ دېگەن بىرىنچى قول باشلىق تۇرسا، بۇ يەرگە كەلسىمۇ بىرىنچى بولۇدۇ ئەمەسمۇ؟

— شۇ، شۇندا بولغىن، بىرلىكتە ئىشلەيلى دەپ تەكلىپ قىلىۋاتىمەن.

— قاندا ئادەمسىز؟ ئۈستىڭىزگە بىرىنى تەكلىپ قىلغان دېگەن قاندا گەپ؟ خەق بىرىنىڭ تېگىدىن قۇتۇلالماي ھەيران، سىز تۆپىڭىزگە بىرىنى چىقىرالماي ھەيرانمۇ نېمە؟

— شۇنى دەيمىنا! ساراڭمۇ سىز؟ بۇ خەققە تەكلىپ كەتمەيلا چىقىۋېرىدىغان تۇرسا،...

— چىقىپلاۋالسا كۆرۈدۇغىنىڭىز با.

— لاۋجاڭنى مەن ئوبدان بىلىمەن، لاۋجاڭ باشقىلىرىغا ئوخشىمايدۇ.

— ئوخشىمايدىغىنى قانداق؟

— بىز خەقنى بەك ياخشى چۈشۈنۈدۇ، بەك دوستانە...

— ھە، مانا دەل «ھارۋىدا توشقان ئالۇدۇ»غانلىرىدىن دېگەن گەپ، بۇنىسى تېخىمۇ...

— ياق، سىلە بىلمەيسىلە،...

— سىز بىلىدىكەنسىز، ئۆزى تەكلىپ قىلىپ تۆپىسىگە چىقىرىۋالغاننى سىزدىن كۆردۇق، ھەقىقەتەنمۇ بىلىدىغاندەك قىلىسىز.

قىسمەتنىڭ ئويۇنىمىدۇر، ياكى ھايات بەزىدە ئەدەبىي ئەسەرلەردەك تۈگۈنلەرنىڭ يېشىمى، يىپ ئۇچلىرىنى ئاشۇنداق ئۇچراشتۇرامدۇ؟ ئاخىرقى نەتىجىدە يۇتلۇقىمىز مۇرادىغا يېتىپ، لاۋجاڭنى ئۈستىگە ئەكىلىۋالدى. بىرىنچى كۈنىدىكى يىغىندا ئىكەن، بىرسى مېنى بۇ ئادەمنى چاقىرىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ئىدى. مەلۇم بىر ئەرباپ بىلەن كۆرۈشۈشكە بارماقچىدۇق. ئۇزاق ساقلىدىم. خېلى كېچىكىپ چىقتى. چىقتى-دە، ۋايساشنى باشلىدى:

— ئادەم ئەمەسكەن، بىلمەپتىكەنمەن،...

— بۇ قانداق قاخشاش؟ سىز بىلمىگەن بىلەن ھەممە ئادەم بىلەتتى ئەمەسمۇ؟ سىزگە بۇلارنىڭ ھەممىسى دېيىلگەن، — دېدىم تەسەللىي ئورنىغا قىلچە شەپقەتسىزلىك بىلەن.

ئۇنى زادىلا ئېغىز ئاچۇرمۇدۇم. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ تەبىئىتى بولۇدۇغان بولسا بۇنى مەندەك ئۆتمۈشىدىن خەۋەردار ئادەم ئالدىدا دېمەسلىكى كېرەك بىر ئىش. مانا شۇ ئىش راستىنلا ئوخشامتى؟

  

ئاشۇ كۈنلەردىن بىر ئاز كېيىن، ئاز دېگەندىمۇ بىر باتاليۇن ئازاتلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرى شەرىمىزگە كېلىپ، بىر بۆلۈكى ئاشۇ پوستەك بېسىپ ياتقان سىمونت زاۋودىنىڭ ھىچ ئېچىلماس بولغان دەرۋازىسى ئىچىگە — قىزىل خىشتىن سېلىنغا ئىككى قەۋەتلىك ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى بىناغا ماكانلاشتى؛ بىر بۆلۈكى پولات زاۋودىنىڭ تاشلاندۇق ئۆيلىرىدە ماكانلاشتى. بۇلارنىڭ بىردىنلا پەيدا بولۇشى تۈرلۈك مۇلاھىزىلەرگە سەۋەپ بولدى. مېنىڭ ھەمىشىلا بىر ئۇرۇش پارتلىشىدىن تاميىم بولغاچقا، سوۋېتنىڭ تاجاۋۇزى مۇقەررەرلىشىپ قالغانمىكىن دەپ خۇشاللىنىشقا باشلىغان ئىدىم.

ئەسكەرلەر سىمونت زاۋودىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا، كۆۋرۈكتە كېچە كۈندۈز پوستتا تۇراتتى. ئۆزى تۇرۇۋاتقان گازارما ئالدىدا پوست تۇرۇشقۇ ئەسكەرلەرنىڭ ئادىتى، ئەمما ھېلىقى مەشھۇر ئاسما كۆۋرۈكتە پوستقا تۇرۇشى كىشىلەرنى ھەرخىل گۇمانلارغا يېتەكلىدى. بەزىلەر دەريانىڭ ئۇ تەرىپى چېگرا رايون ھىساپلىنىپ، ئۇ ياققا ئۆتۈدۇغانلاردىن يول خېتى سورايدىكەن دېيىشتى. ئەمما ھەركىم بۇرۇنقىدەكلا ئۆتۈشۈپ يۈرۈشتى، ئەسكەرلەردىن رۇخسەت سوراشقا توغرا كەلمىدى. ھىچكىمنى توسمىسا، ھىچكىمنى تەكشۈرمىسە، كۆۋرۈكنى نېمىشقا ساقلايدىغاندۇ؟

ساۋاقداشلارنىڭ ئىچىدىكى خانسۇچە سۆزلەشكە بىر ئاز تىلى كېلىدىغانلىرى تېز ئارىدىلا ئەسكەرلەردىن دوست تۇتۇشتى. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ پوست نۆۋىتىدە دەرۋازا ئالدىدا، زېرىكسە يول بويىدىكى ئىگىز دۆمبەنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىنىدا شاكىچىكلەرنىڭ ئاستا-ئاستا يېقىنلىشىشى بىلەن روياپقا چىققاندەك قىلاتتى. زېرىكەرلىك پوست نۆۋىتىدە يېقىنلىشىۋاتقان بالىلارنى گەپكە سېلىپ ئىچ پۇشقى قىلىش ئۈچۈن بەزى يۇمشاق مىجەزلىكلىرى (كىم بىلىدۇ بەلكىم دەل ھېلىقى «ھارۋىدا توشقان ئالۇدۇ»غانلىرى) بالىلارنى يېنىغا چاقىرىش بىلەن باشلانغان بۇ دوستلۇق، چاپسانلا بالىلار ئىچىدە ئەسكەرلەردىن دوست تۇتۇشنى مودىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى.

دوستى بولغانلار دوستلىرىنى قىزغىنىشاتتى. مەن خانسۇچىنى ھىچ سۆزلىيەلمەيتىم. خەتنى ھەممە تەڭتۇشلىرىمدىن جىق بىلسەممۇ تىلىم زادىلا كەلمەيتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھەللەم بەك يىراقتا. شۇڭا دوست تۇتۇشتا خوپ ئارقىدا قالدىم. شۇنداقتىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشتىن بوشاشماي، كۆپ ھاللاردا كىنوغا بەك بالدۇر ئاتلىنىپ، سىمۇنت زاۋودى ئالدىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈدۇغان، بۇ ۋاقىتتا بىرەر قاراۋۇل ئەسكەرگە يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنۇدۇغان بولدۇم. مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى. ئۆزەمدە ھەۋەس بولغىنى بىلەن مىجەزىم ماس كەلمەيتى. ئاخىرى بىر كۈنى بىرنەچچە كىچىك ساۋاقداشلارنىڭ بىر ئەسكەر بىلەن دۆڭ ئۈستىدە ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ مەنمۇ توپقا قوشۇلدۇم. شۇنداقلا بۇ خېلى كۆپ باللانىڭ ئورتاق دوستىغا مەنمۇ شېرىك بولۇۋالدىم.

قاراۋۇلدا قورالدىن باشقا دۇربۇن بارىدى. بالىلارنىڭ كۆپۈنچىسى دۇربۇنغا قىزىقىپ كېلىشەتتى. ئەسكەر دۇربۇننى تۇتقۇزۇپ ئۇلارنى خۇرسەن قىلاتتى. ئەمما مېنىڭ كۆزۈم قورالدا بولاتتى. دۇربۇننى بىرلا كۆرسەم يېتەتتى. قارايدىغان نە بار؟ ئىگىز قىزىلتاغ ئۈستىدىكى ئۆلچەش نۇقتىسىنى بىلدۈرىدىغان مۇما ياغاچ، يەنىچۇ؟ دەريانىڭ بېشى تەرەپتە كۆرۈنۈدۇغان بەك ئىگىز ۋە كۆكۈچ رەڭلىك تاغنىڭ چوققىسى... بۇلارنى تەكرار كۆرۈشنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەن ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپلا دۇربۇننى تۇتقىلى ئۇنۇمۇدۇم. ماڭا يېرىم ئاپتومات دېيىلگەن مىلتىق قىزىقارلىق تۇيۇلاتتى. ئەمما ئەسكەرنىڭ كۆرسەتكۈسى بولسىمۇ گازارمىدىكىلەردىن بىرەرسى كۆرۈپ قالسا تەنقىتكە قالماي دەپ قورقۇدۇغانلىقىنى سەزدىم.

پوست نۆۋىتى بەزىدە كۆۋرۈكتە بولغىنىدا گازارمىدىن ئۇزاقتا بولغاچقا بۇ يەردە تېخىمۇ ئازادە بولاتتۇق. ئۆزىنى تۇڭگان دەپ تونۇشتۇرغان بۇ ئەسكەر بىز بىلەن دوست بولۇۋېلىش ئۈچۈنلا ئاشۇنداق دەۋالغاندەك تۇيۇلاتتى. مەن باشقا شېرىك دوستلارنىڭ يوق پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇۋېلىش ئۇرۇنۇشىغا چۈشتۈم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەسكەرگە بىرەر نەرسە سوۋغات قىلىشىم كېرەك ئىدى. نېمە بەرسەم بولار؟ ئەسكەر دېگەنغۇ «ئاممىنىڭ يىپ-يىڭنىسىنىمۇ ئالماسلىق» ئىنتىزامى بىلەن يېتىشكەچكە خەلقتىن بىر نەرسە ئالمايدۇ، ئۇ ئالۇدۇغان، رەت قىلالمايدىغان نەرسە بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەقلىمگە دەرھاللا ئىزناكلار كەلدى. ھېلىقى ئانام «دىۋانىنىڭ ساپايىسىدەك» دەيدىغان لاتامنى يېيىپ، ئەسكەرگە سوۋغات تاللاشقا باشلىدىم. ھىچبىرىگە چىدىمايتىم. ئەمما ئەسكەرمۇ موھىمتى. قانداق قىلسام بولار؟ بۇنى! دەيتىم بىرىنى قارار قىلىپ. ئەمما ئۇ ئەڭ ياخشى ئىزنىكىم بولغاچ چىدىماي قالاتتىم. بۇنى! دەيتىم، ئەمما ئۇ ئەسكەرگە بەكلا كىچىك كەپ قالۇدۇغاندەك تۇيۇلۇپ، ۋاز كېچەتتىم. نىھايەت ئاخىرىدا ئابلەتكامنىڭ شەندوڭ سوۋغاتلىرى ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى ئىزناكنى چىقىرىۋالدىم. كىنوغا بالدۇرلا ئاتلاندىم. بۇ دەل ئەسكەرنىڭ پوست نۆۋىتى ئىدى. ئۇ ئالدىنقى قېتىم ئېيتىپ بەرگەنىدى. ئەمما بارغىچە ئىزناكنى نەچچە قېتىم ئېلىپ قاراپ، چىدىماسلىق قىلىپ، بەرمەيدىغانمۇ بولدۇم. بۇ قارارسىزلىق ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە داۋام قىلدى. مەن باشقا بالىلارنىڭمۇ ئىزناك سوۋغات قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلەتتىم، ئەمما مېنىڭكىسى ئۇلارنىڭ بەرگەنلىرىدىن ئۈستۈن بولمىسا، بەرگىنىمنىڭ پايدىسى بولمايتى. شۇڭا ئاخىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئاخىرقى ئىككىلىنىشلىرىمنى يېڭىپ، كۆزۈمنى يۇمۇپلا ئىزناكنى چىقاردىم. ئۇنىڭغا تۇتتۇم.

ئەسكەر دوستۇم ئۆزەڭدە قالسۇن، رەھمەت دەپ، رەت قىلدى. مەن بۇنى ئەسكەرلەرنىڭ ئېسىل ئەخلاق پەزىلىتىدىن دەپ تەپسىر قىلىپ، يەنىلا زورلۇدۇم. ئەسكەرنىڭ ئىپادىسىدە بىر خىل مەسخىرىلىك ئىپادىلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم، ئەمما بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىككە تىرىشتىم. ئەمدى ئۇنىڭ ماڭا ئەڭ يېقىن بولماسلىقى مۈمكىن ئەمەس دېگەن خۇلاسىگە كەلدىم ۋە بۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنەتتىم. ئۇ ماڭا يېزىپ چۈشەندۈرۈش يولى ئارقىلىق، قايسى كۈنى قايسى سائەتتە پوست نۆۋىتى كۆۋرۈكتە بولۇدۇغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. ئاندىن مەن كىنوخانا تەرەپكە ئاتلاندىم.

ئۇنىڭ كېيىنكى نۆۋىتىدە بىز كۆۋرۈكنىڭ قارشى تەرىپىدە ئىگىزلىكنى كەسكەن يولنىڭ غەربىي جەنۇپ ياقىسىدىكى دۆڭنىڭ ئۈستىدە ئۇچراشتۇق. ئازادە، يالغۇز ئىدۇق. ئۇ ماڭا دۇربۇننى تەڭلىۋىدى، مەن دۇربۇنغا قىزىقمايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇ بۇنى بۇرۇنمۇ سەل –پەل ھىس قىلغانىدى. شۇڭا قولىدىكى قورالنى ماڭا كۆرسۈتۈپ زاتورىنى تارتىپ، تەپكىسىنى باسقاندىن كېيىن ماڭا بەردى. بۇ ماڭا ئاددىي ئىش ئىدى. مەنمۇ ئوخشاش قىلىقنى تەكرارلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ باشقا فونكىسىيەلىرىنى كۆرسۈتۈشىنى سورۇدۇم. ئوق سېلىش، قورالنى چۇۋۇپ قوراشتۇرۇش قاتارلىقلارغا قىزىقاتتىم. ئۇ مېنى باشقا بالىلاردىن قانداقتۇر بىر يېرى پەرقلىق كۆرۈشكە باشلىدى. بۇنى ئۇنىڭ ماڭا ئەستايىدىللىق بىلەن قورالنى چۇۋۇپ كۆرسەتكىنىدىن بىلىشكە بولاتتى. چىقىرىلغان زاتورنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە زەڭ سېلىپ قاراپ كەتكىنىمگە قاراپ تۇرغان ئەسكەر ماڭا ھەيران ئىدى. مەن قورالدىكى ھەربىر نەرسىنىڭ زىننەت ئۈچۈن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ بىرەر رولى بارلىقىنى بۇرۇندىن بىلەتتىم. ئەمدىلىكتە ئەسكەردىن ھەربىر نەرسىنىڭ رولىنى سورۇدۇم. تىل بىلمىسەممۇ ئىشارەتلەر، ئىنجىقلاپ، زورۇقۇپ تەلەپپۇز قىلىشلار، بەزىدە بىلگەن خەتلىرىمنى يېزىش ئارقىلىق ئۇقۇشاتتۇق.

مەن تاكى باشقا شېرىك دوستلار كېلىشكە باشلىغانغا قەدەر ئويناپ ئاندىن قايتتىم. كۆڭلۈم بەكلا قانائەت تاپتى. شۇندا مەن باشقا بالىلارنىڭ ئاۋارىلىقىغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ئۇلار پەقەت دۇربۇن كۆرۈشەتتى. بىللە ئولتۇرۇپ گەپلەشكىنىگىلا خوش ئىدى. ئىزناكنى سوۋغا قىلغىنىمغىمۇ رازى بولدۇم. ھەتتا كېيىن ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئۆزەم ئالغان ئىزناكتىن بىرىنىمۇ بەردىم. بۇ بەك يېڭى بولغىنى ئۈچۈن بەكمۇ يالتايتى. ئۆزى كىچىك، ئاددىي بولسىمۇ، كىلاسسىك شەكىل ئىدى.

بۇ ئەسكەرلەر قانداق تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولسا، شۇنداق تۇيۇقسىز غايىپ بولدى. سوۋېتنىڭ تاجاۋۇزىمۇ بولمىدى. كېيىن ئۇقساق، قەشقەردىكى ئاخۇنۇپ، مىجىت گورۇھىدىكىلەرنىڭ ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىپ، چەتئەلگە قاچماقچى بولغانلىق ئۇچۇرىغا ئاساسەن، بۇ يول بىلەن مېڭىش ئىھتىماللىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، بۇ يەردە كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تۇرۇپتىكەنمىش. كۆپ ئۆتمەيلا ئاخۇنۇپ، مىجىت گورۇھىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىدىن تەييارلانغان بىر كۆرگەزمە قىشلىق كىنوخانىمىزدا ئېچىلىپ، ئۇدا بىرقانچە كۈن ئۆرەتلەر بىلەن، گورۇھ-گورۇھ ئادەملەرگە كۆرسۈتۈلدى. مانا شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلدىكى قېچىشقا ئۇرۇنۇپ، تەييارلىق قىلغانلىرى، ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن قەيەرلەردە ھازىرلىقتا بولغانلىرى، پەرەزلىرى سۆزلەنگەندە پەم ئەتتىم دېسەممۇ بولۇدۇ.

مانا شۇ كۆرگەزمىنىڭ بېشىدا ئۇزاقتىن ئۇزاق تارىخ بايانلىرى بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇسىيەنىڭ تارىختىن بېرىكى تاجاۋۇزچۇلۇق ھەركەتلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۈيۈك بىر بۆلۈكىنى چاررۇسىيىنىڭ قاچانلاردا بېسىۋالغانلىقى، بۇ بېسىۋېلىنغان زېمىننىڭ تۆرت فرانسىيىگە، 14 چېخسلوۋاكىيەگە تەڭ كېلىدىغانلىقى سۆزلىنەتتى. ئېنىق ئېسىمدە بۇ زېمىننىڭ جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ئىكەنلىكى پولاتتەك پاكىتلار بىلەن دەلىللەنگەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر شائىرى لى بەي بالقاش كۆلىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا تۇغۇلغان ئىكەن. مەن بۇنىڭدىن خېلى كۆپ تارىخىي بىلىم ۋە سىنىپىي كۆرەش تەربىيىسى ئالغان ئىدىم. بۇنى شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولاتتىكى، كۆرگەزمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىقىش بۆلۈمىدە قويۇلغان زىيارەتچىلەر ئۈچۈن تەسىرات دەپتىرىگە مۇئەللىملەر، دوستلار ئارىسىدا مەنلا تەسىرات يازغان ئىدىم. كۆزلىرىمدە دەخلىگە ئۇچراشقا تاس-تاماس قالغان بەختىمىزنىڭ ئاخىرقى ھىساپتا قوغدۇلۇپ قالغانلىقىغا قارىتا تەسىرلىشىتىن كېلىۋاتقان بەختىيارلىق يېشى پارلاپ تۇراتتى.

  

2012- يىلى 9-دىكابىردىن 22-دىكابىرگىچە بىرىنچى ئارگىنال پۈتتى.
  



打倒[①] (داداۋ ) — يوقۇتۇش، يوقۇتايلى، مەنىسىدە، — ئا.

hayat zor, ama bende kolay sa

15

تېما

3

دوست

7634

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  63
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1622
تۆھپە : 1255
توردىكى ۋاقتى: 1308
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 17:13:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏نادىرلاشنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن،
ئالىم بولۇش ئاسان، ئادەم بولۇش تەس.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

22

تېما

0

دوست

9928

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   98.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  545
يازما سانى: 434
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2135
تۆھپە : 1610
توردىكى ۋاقتى: 1003
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 18:17:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . كىچىك ۋاقتىمدا مېنىڭمۇ بىرسى بارتى شۇ ئىزناكتىن ، مەنمۇ پوچى تاقىۋالىدىغان ، دەل شۇ كىچىك ، يۇمىلاق ، ئارقىدىكى قىزىل رەڭ ،چاپانغا تاقايدىغىنى .ئاجايىپ يىللاركەنتۇق جۇمۇ شۇ چاغلار.....

0

تېما

0

دوست

1825

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6456
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 433
تۆھپە : 263
توردىكى ۋاقتى: 177
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 21:47:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ يىللار ۋە شۇ  يىللاردىكى ئادەملەرنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرى روشەن يورۇتۇلۇپ بېرىلىپتۇ ، باش قەھرىماننىڭ ئانىسىغا ياردەملىشىپ كاللا  پاقالچاق ئۈكلىگەن ،ئۈچەي-قېرىن تازىلىغان بايانلىرىنى ئۇقۇپ ئۆزۈمنىڭمۇ ئاپامغا ياردەملەشكەن چاغلىرىم ئېسىمگە كىلىۋالدى قېرىننىڭ پۇرىغىغا چىدىيالماي بەك ۋايسايتتىم.  باش قەھرىماننىڭ ئىچكى ھىسياتى بەك چىن تەسۋىرلىنىپتۇ، ئەسەر تىلىمۇ گۈزەل ،جانلىق چىقىپتۇ .                                                                                                                              سىز بىز ئۈچۈنلا تۇغۇلغانسىز، ماۋجۇشى!
بۇ جۈملىنى ئوقۇپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتىم.

0

تېما

0

دوست

263

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   87.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12587
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 67
توردىكى ۋاقتى: 42
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 23:02:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏‏ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تىگىشلىك ئىكەن !!

14

تېما

1

دوست

2734

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   24.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5441
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 593
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 06:25:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلارنىڭ كۈتۈلگەن يەردىن چىقماسلىقى، ئىستەلگەن نۇقتىدا چۈشۈنۈلمەسلىكتىنمىدۇ؟ ياكىيېتەرلىك ساندا كۆرۈلمەسلىكتىنمىدۇ؟ ياكى ئەسەر ئورگىنالى ھىچنەرسىگە ئەرزىمەمدۇ؟ بۇلار ھەققىدە ئويلۇنۇپ قالدىم.

1

تېما

0

دوست

1715

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   71.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7788
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 374
تۆھپە : 276
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 14:28:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنچىلىك قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم.قەلەم تۇلپارىڭىز ھېرىپ قالمىسۇن.ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تىىگىشلىك تىما ئىكەن.
ھەممىمىز ئۆز-ئۆزىمىزگە گۆر كولاۋاتىمىز-خالاس !

0

تېما

1

دوست

1509

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   50.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12409
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 216
تۆھپە : 301
توردىكى ۋاقتى: 86
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 23:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق  ئنقىلابى تۇرمۇشنى، يۈكسەك تەرەققى قىلغان كومنىزىمنى،  ھازىر -پەقەت چاۋشيەندىلا  كۆرگىلى بولشى مۇمكىن. بىز مۇشۇ بۇيۇنچە تەرەققى قىلساق، يەنە 20 يىلدا مۇشۇنداق  كومنىزىمغا يىتشىمىز مۇمكىن. رايىپ شۇەنزاڭ ھىندستانغا بىرىپ كەشمىر ،پەنجاپ قاتارلىق رايۇنلارنى خەرىتگە كىرگۈزگەن. شۇڭا ئۇيەرلەرمۇ ۋەتنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بىز قۇدرەتلىك ئازاتلىق ئارمىيمىزنىڭ ئنقىلابى ئەنئەننى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى مىليۇنلىغان مىنبىڭلارنى ئاتلاندۇرۇپ ،چاقماق تىزلىكدەھۇجۇم قىلىپ، ھىندىستاندىكى كاپتالىستلارنىڭ زۇلمىغا ئۇچراۋاتقان،بىچارە خەلىقنى يېڭى يىلغىچە ئازات قىلپ بۇلشىنى، كۈچلۈك تەلەپ قىلمىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )