- تىزىملاتقان
- 2012-9-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8437
- نادىر
- 1
- يازما
- 431
ئۆسۈش
  68.74%
|
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەرىندىشىم!سىزنىڭ بۇ ئىشىڭىز مەن ئۇچرىغان ئىش ئالدىدا كىچىككىنە ئىش ئىكەن دەپ قارايمەن.راست ئىش مۇنۇ:مەنمۇ بۇ ئىشقا 20 يىل بۇرۇن يولۇققان،17.8 تۇمەندىن ئارتۇق خەنزۇچەخەتلىك كەسپىي كىتابنى ئوزۇم يالغۇز 6 ئايدا ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىپ،20000 دانە باستۇرۇپ،دانەسىنى 25 سومدىن ساتقان.(1 يىل ئىچىدىلا سېتىلىپ بولۇندى)ساتقان كىتاب 50% فۇلىنى مەن ئالىدىغان بولۇپ،مەكتەب ۋە مەن بىلەن ئاغزاكى توختام بولۇپ،گۆدەكلىكىمدىن ئۆزۈمگە بەك ئىشىنىپ ماقۇل بولۇپتىكەنمەن.بۇنىڭدا تەرجىمە قىلغان ئىسمىم تۈگۈل،بىر تىيىنمۇ ئالمىغان ئىدىم،بۇ ئىش ھازىرمۇ ئىدىيەمدىن ئۆتمەيدۇ،ماڭا بىر تەجرىبە ساۋاق بولدى. قېرىندىشىم،ھازىر مۇشۇنداق ئىش بولسا ئالدى بىلەن قانۇنىي توختام تۇزىمەن،جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپ،كىم فۇلىنى بەرمىسە،ياكى تەرجىمان يېنىۋالسا 2 ھەسسە فۇل تۆلەيدۇ دەپ يازغۇزىمەن،ئېشەكمۇ بىر قېتىم كۆۋرۈكىدىن ئۆتكەندە پۇتى بىرەر يەرگە كىرىپ كەتسە شۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتكەندە تاقلاپ ئۆتەرمىش دەپتىكەن،ئەگەر 2 تەرەپتە توختام بولمىسا مەنچە ئاقماسلىقى مۇمكىن،توختام قانۇنىي كۈچكە ئىگە،دۆلەت قانۇنى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ،بۇ نۇقتىنى ئويلىشىڭ،ئەگەر توختام بولسا ئەينە ئاۋۇ سوت مەھكىمەسى بار،ئەگەر توختام بولمىسا لەۋلىرىڭىزنى چىشلەپلا ئولتۇرۇپ قالىسىزدە،ھەممە ئىش تەمام ۋەسسالام بولىدۇ.  |
|