- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 13531
- نادىر
- 1
- يازما
- 554
ئۆسۈش
8.83%
|
يېقىندا ئابدۇقادىر جالالىددىن، يالقۇن روزى، باتۇر روزى قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ بىر يۈرۈش كىتابلىرى پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن يۈرۈشلەشتۈرۈپ نەشىر قىلىندى. نۇرغۇن تورداشلىرىمىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن، مۇنبىرىمىزدىمۇ بۇ ھەقتە ئۇچۇرلار بېرىلگەنىدى. مەندەك يېڭى كىتابخۇمارغا نىسبەتەن باھدىرنامىدىن كېيىنكى يەنە بىر تۇنجى نەشردىكى كىتابلار ھېسابلانغاچقا بىر نەچچە پارچىنى تاللاپ سېتىۋالدىم. "مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى"،"ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا" ناملىق ئىككى كىتابنى ئوقۇپ بولۇپ، "يۈزىمىز، ئۆزىمىز ۋە كۆزىمىز" ناملىق كىتابنى ئوقۇۋېتىپ بىر ئىشنى ھېس قىلىپ قالدىم. كىتابتا ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ ئىدى. مەن دەسلەپتە بىر-ئىككى ئورۇندا خاتالىق كۆرۈلسە ھېچقىسى يوققۇ دەپ ئويلاپ، كىتابنى بىرمۇنچە ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن مەسىلىنىڭ ئانچە يېنىك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدىم. تۆۋەندە ئالدى بىلەن مەن خاتىرلەپ چىققان خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتەي. ئوقۇپ كەلگەن يېرىمدىنلا باشلاپ خاتىرلەنگەن، ئالدى قىسمىنى قايتا تەكشۈرمىدىم.
123-بەت، ئاستىدىن 1-قۇر بىللە___ بللە
136-بەت، ئۈستىدىن1-قۇر پارس___ پ[sup]ا[/sup]رس
144-بەت، 1-ئابزاس 5-قۇر يازغان ئىكەن ___ يازغانئىكەن
160-بەت، ئاستىدىن 6-قۇر دوكتۇر ___ دولتۇر
175-بەت، ئۈستىدىن 6-قۇر ۋاقىپلاندۇرۇش___ ۋاقىتلاندۇرۇش
ئاستىدىن 1-قۇر شەكلى__ شاكلى
187-بەت، ئاستىدىن 3-قۇر ھاشارات مۇتەخەسسىسى __ ھاشارات مۇتەخەسسىس
200-بەت، ئاستىدىن 9-قۇر پەرمان __ پارمان
213-بەت، ئاستىدىن 14-قۇر ماركا__ مەركا
225-بەت، ئۈستىدىن 4-قۇر تەپەككۇر__ تەپەكۇر
236-بەت، 2- ئابزاس 6-قۇر بۇرۇن شى دەپ...__ بۇرۇنشى دەپ...
255-بەت، 4-قۇر داۋاملىشىۋاتىدۇ __ داۋاملشىىۋاتىدۇ
257-بەت، ئۈستىدىن 6-قۇر ئىنسانىي__ ئىنسانبي
286-بەت، 2-ئابزاس 4-قۇر ۋەتىنىڭىز__ ۋەتىنىڭز
288-بەت، ئۈستىدىن4-قۇر مەسىلە __ مەسىلەن
291-بەت، ئۈستىدىن 1-قۇر مەشىقى __ مەشقى
2-قۇر كىمىياگەر __ كىميىاگەر
293-بەت، ئاستىدىن 2-قۇر ئارىسى __ ئارىسىى
311-بەت، ئاستىدىن 8-قۇر يوقىتىش __ يوقتىىش
340-بەت، 3-ئابزاس 1-قۇر مۇھەببەت __ مۇھەببە
344-بەت، ئۈستىدىن 3-قۇر مۇكەممەل __ مۇكەمەل
366-بەت، 2-ئابزاس 8-قۇر ئېلىشىمنىڭ __ ئېلىشىمىڭ
390-بەت، ئاستىدىن 3-قۇر قويماقچى __ قويماىچى
400-بەت، ئۈستىدىن 1-،3-قۇر نىزام __ نىزان
407-بەت، ئۈستىدىن 9-قۇر ئىقتىساد __ ئىقتسىاد
ئاستىدىن 5-قۇر تېخنىكىلىق __ تېخنىكىىلىق
412-بەت، 2-ئابزاس 1-قۇر ئىقتىساد __ ئىقتسىاد
421-بەت، ئۈستىدىن 4-قۇر ئىقتىساد __ ئىقتسىاد
422-بەت، ئاستىدىن 5-قۇر بىئولوگىيە __ بىيولوگىيە
بۇ كىتابتا يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ قوشۇمچە ئۇلىنىشىدا مەسىلە باردەك بىلىندى ماڭا، مەسىلەن:
پىسخىلوگىيەلىك، تەربىيەلەش، تېخنىلوگىيەلىك، ئىستراتىگىيەلىك، پوزىتسىيەدە، ئىنتوناتسىيەڭىز، ئېكىلوگىيەنىڭ، تىراگىدىيەلىك، ئەنگىلىيەلىك قاتارلىق سۆزلەر نىمىشقا پىسخىلوگىيىلىك، تەربىيلەش ... دەپ ئېلىنمايدۇ؟ قارىسام ھەممىسى ئوخشاش بوغۇم بىلەن ئاياغلاشقا سۆزلەركەن، ياكى مۇشۇنداق سۆزلەر شۇنداق ئېلىنامدۇ؟ گىرامماتىكىلىك شەكلى شۇنداقمۇ بۇ توغرىلىق ئىزدەپ باقمىدىم.
مېنىڭ بايقىغانلىرىم موشۇنچىلىك، باشقا كىتابلىرىدا ئوخشاش ئەھۋال بامۇيوق بىلمەيمەن، كېيىنچە كۆرۈپ باقارمەن. بىر پارچە كىتابتا شۇنچە كۆپ ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆرۈلۈشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ھازىر ئەتراپىمىزدا كۆرگەن-ئاڭلىغان ئۇچۇرلاردىن ئوننىڭ ئىچىدىن يەتتە-سەككىزى ئانا تىل، ئۇيغۇر يېزىقى توغرىسىدا بولۇۋاتقان مۇشۇنداق چاغدا مەتبۇئاتلىرىمىز، نەشرىياتلىرىمىز مۇشۇنداق خاتالىققا يول قويسا قانداق بولغىنى؟ بۇ كىتابلار كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قولىغا يەتسە قانداق بولار؟ ئانا تىلىمىزنى قوغداپ قالساق، كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىز ساپ ئانا تىللىق بولسا موشۇ كىتابلارنى كۆرۈپ نىمەدەپ ئويلار؟ ئەگەر يېزىقىمىزنى قوغداپ قالالمىساق، بەلكىم كەلگۈسىدە ئانا تىلىمىزنىڭ يوقۇلىشىنىڭ تارىخىي ئىسپاتى توغرىسىدا موشۇ كىتابلار ساقلانسا بولغىدەك. موشۇ چاغلاردا ئەجداتلىرىمىز كىتابلارنىمۇ تۈزۈك چىقىرالمايدىغان بولۇپ قاپتىكەن، دەپ.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا شىنجاڭ تېلىۋىزىيسىنىڭ كۆڭۈلدىكى سۆز پروگراممىسىدا "تاۋار ئۆي ۋە ئىستىمال" مۇ ئىشقىلىپ شۇنداق بىر تېمىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. ئېكرانغا "توۋار ئۆي" دەپ يوغان چىقىرىپ قويۇپ پاراڭلاشقىلى تۇرۇپتۇ. توۋار__ بېرمىنىڭ بىر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ نامىكەن.
ئاممىۋىي تاراتقۇلىرىمىز، نەشرىياتلىرىمىز باشلامچىلىق قىلىپ مۇشۇنداق خاتالىقلارغا سەل قارىسا... تور يۈزىدىكى قۇرۇق كاپشىشلارنىڭ ھېچقانداق رولى يوقكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
يوقۇرىقى سۆزلۈكلەرنى سېلىشتۇرۇشتا ئوكيانۇس لۇغىتىدىن پايدىلاندىم |
|