- تىزىملاتقان
- 2012-10-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1198
- نادىر
- 0
- يازما
- 1
ئۆسۈش
  19.8%
|
ئۇيغۇر ئالىملىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ مەقسەت،بۈيۈك غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ بىر يەرگە جەم بولۇشى،مول مەزمۇنلۇق لىكسىيەلەرنى سۆزلەپ خەلقىمىزگە مەنىۋىي ئۇزۇق بېرىپ ئۇلارنى توغرا يولغا يىتەكلىشى بىر خاسىيەتلىك قەدەم ۋە جەزمەن شۇنداق بولۇشقا تىگىشلىك ياخشى باشلىنىش بولدى.مەن ۋە بارلىق قېرىنداشلار بۇ باشلىنىشتىن بەكمۇ خۇشال ۋە چەكسىز ئۈمۈدتەدۇرمىز.مەن بۇ خاسىيەتلىك جەمگاھنىڭ مۇبارەك قەدىمىگە ئۆزەمنىڭ ھېس قىلغان بىر نەچچە تۈرلىك پىكىرنى قويماقچىمەن.ئالىملىرىمىز ئويلىشىپ كۆرسە.
1.تۈرلۈك يىغىلىش ۋە پائالىيەتلەردە ئامال بار ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كەيگەن بولساڭلار،تىلىڭلار ساپ ئۆز ئانا تىل بولغان بولسا،چۈنكى سىلەر مىللىتىمىزنىڭ پەخرى،سىلەرنى ئۈلگە قىلىدىغانلار كۆپ.
2.لىكسىيە مەزمۇنى باغداش تورىدا ئاۋام خەلققە ئاشكارا كۆرسىتىلسە(ئالاھىدە چەكلىمە بولمىغاندا)
3.تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ چىقىملىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە ياخشى لاھىيە بولسا تور ئەھلى ئۈستىمىزگە ئالساق.
4.ئىچىدىغان ئىچىملىكلەر ۋە باشقا لازىمەتلىكلەرگە ئامال بار ئۆزىمىزنىڭ كارخانىسىنىڭ ماللىرى ئىشلىتىلسە.
5.نەزىرىيە ساھاسىدىكىلەر بىلەن قول تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەنلەرنىڭ نىسپىتى تەڭشەلسە،مۇمكىن بولغىنىدا قول تۇتۇپ ئىشلىگەن،دىيارىمىزدىن چىققان مۇۋاپپىقىيەت قازانغان كارخانىچىلارنىڭ نىسپىتى يۇقىراراق بولسا. |
|