- تىزىملاتقان
- 2012-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5367
- نادىر
- 0
- يازما
- 219
ئۆسۈش
  7.34%
|
پ د ف ھۆججەتنىڭ قانداق ياسالغانلىقىغا قاراش كېرەك. ئادەتتە ئۇ رەسىم يەنى پ د ئېف ھۆججەتنىڭ ئۆزىمۇ فوتوشۇپ ھۆججىتى بولۇپ،رەسىم بولسا يۇقىرىقىدەك توربەت شەكلىدە ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ. ئەگەر ۋورد ھۆججەتتىن ئايلاندۇرغان بولسا بولىدۇ.
توردىن مەن ئىلگىرى بىرقانچە ئايلاندۇرغۇچنى سىنىغان،ئۇيغۇرچىنى ۋوردنى پ د ف غا ئايلاندۇرسا ئۇنىڭدا مەسىلە يوق،لېكىن كەينىگە ياندۇرسا ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرالايدىغان(ئۇيغۇرچىنى)دېتاللار كەم ئۇچرايدۇ. سەۋەبى،ئۇيغۇرچىنىڭ كود ئۆلچىمى بىلەن دېتالنى ياساشتا قوللانغان ئۆلچەم ئوخشىمايدۇ. خەنزۇچىنى90پىرسەنت ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن. ئۇيغۇرچە پ د ف نى ۋوردقا ئايلاندۇرۇشتا ئەڭ ياخشى ئامال شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن باسما يېزىقنى تۇنۇتۇش سېستىمىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولامدىكىن. ئۇنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەقلىي -ئىقتىدار تەجرىبىخانىسىدىن تاپالايسىز.شۇ مەكتەپتە تۇنۇشلار بولسا دېرىكىنى قىلىپ بېقىڭ. باشقا دېتاللارنى ئىشلىتىپ،سىناپ بەك ئاۋارە بوپ كېتىسىز.مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن. |
|