قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2653|ئىنكاس: 16

جىن تۇتىۋالدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

2

دوست

2002

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   0.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1620
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 390
توردىكى ۋاقتى: 175
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 22:12:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىن تۇتىۋالدىم

ۋاقىت خېلى بىر كەم بولغان بولسىمۇ ھېچ ئۇيقۇم كەلمەي كومپىيوتېر ئېكرانى ئالدىدا يالغۇزدىن يالغۇز ئولتۇرۇپ تور ئارلاپ ئۇنى-بۇنى كۆرۈۋاتاتىم.تۇيۇقسىز سىرىتتىن بىر قىزنىڭ مېنى چاقىرغان تونۇش ئاۋازى ئاڭلاندى :
- جېلىل!
-ھە...،-دېدىم-يۇ، يۈرۈكۈم ئېغىپ كەتتى. كومپىيوتېرنىڭ ۋاقىت كۆرسەتكۈچى كېچە سائەت بىرنى كۆرسۈتۈپ تۇراتتى. بۇ تەڭ كېچىدە مېنى چاقىرغان تونۇش ئاۋاز كىمنىڭ ئاۋازى بولغىيتى؟ئاپلا!ئانام رەھمەتلىك<<كېچىدە بىركىم ئىسمىڭىزنى قىچقارسا،ئۈچ قېتىم قىچقارمىغۇچە< ھە> دېمەڭ،جىن-ئالۋاستىلار ئۇرۇق-تۇغقان،ئەل-ئاغىينىلىرىڭىزنىڭ ئاۋازنى دوراپ چاقىرىدۇ،ئۈچ قېتىم قىچقارغىچە ھە دېمىسىڭىز ،ئۇلار ئۆزلىكىدىن كېكەچلەپ قېلىپ سىزنى چاقىرالماي كېتىدۇ>>دېگەندەك قىلغان. ئەستا،ئەمدى قانداق قىلارمەن!
-ئولتۇرسام بولامدۇ؟!
چۆچۈپ ئارقامغا قارىدىم. رەڭگىنى بىلىۋالغىلى بولمايدىغان،ئەمما سانىۋالغىلى بولغۇدەكلا شالاڭ چاچلىرى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ يەر سۈپۈرۈپ تۇرىدىغان،قاش-كۆزلىرىدىن نۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان،ئىگىز بوي،تولىمۇ كېلىشكەن بىر قىز ئارقامدا قاراپ تۇراتتى.
- سىز...سەن...سەن كىم بولىسەن؟!
- تونىمايۋاتىمسىز يىگىت،مەن سىزنىڭ پەرىشتىڭىز بولىمەن، كېلىڭە بىردەم سىردىشايلى!
شۇ ئەسنادا ھېلىلا تېخى ئون ئادەم بىرلىشىپ ئىتەرسىمۇ ئېچىلمايدىغان بىخەتەر ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىغانلىقىم يادىمدىن كەچتى.
- سەن، سەن ئۆيگە نەدىن كىردىڭ؟
- ھى-ھى،سىز شۇنى بىلمەكچىمۇ؟مەن تور سىمى بىلەن بىرگە ئاۋۇ تۇرۇبىنىڭ ئىچىدىن كىردىم.قانداق يامانمىكەنمەن.
ئۇ ئاۋال كومپىيوتېرغا چېتىلغان تېلېفۇن سىمىنى،ئاندىن سىمنى ئۆيگە ئېلىپ كىرگەن تامغا ئورنىتىلغان بارماقتەك چوڭلىقتىكى سۇلياۋ تۇرۇبىنى كۆرسەتتى.شۇ ھامان مىڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى.
- ئۇ...ئۇ يەردىن قانداق پاتتىڭ؟
- مەن تۇرۇببىدىنلا كىرمىدىم.سىمنىڭ قېپى ئىچىدىكى تور سېگناللىرى بىلەن بىرگە كىردىم.
- تېز...تېز يوقال ئالۋاستى!سېنى كۆرەر كۆزۈم يوق!
- لېكىن مېنىڭ سىزنى كۆرگۈم بار،ئەمدى مېنى چىقىرۋېتەلمەيسىز، مەن ھەر كۈنى كېچىدە يېنىڭىزدا تۇرىمەن.
ئاھ خۇدا،ئۇ قىچارغاندا نېمىشقىمۇ <<ھە>>دېگەندىمەن!كومپىيوتېرنى نېمىشقىمۇ تورغا ئۇلاتقاندىمەن!ئەمدى مەن قانداق بولۇپ قالارمەن،ساراڭ بولۇپ قالارمەنمۇ،گاچچىمۇ؟بۇ جىن مېنىڭ ئۆپكەمنى ئېلىپ چىقىپ كېتەرمۇ،يۈرۈكۈمنى ئېلىپ قېچىپ كېتەرمۇ؟بىرەر ئايەت ئوقۇپ باقسام قانداق بولار؟ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى قاچۇرۇپ،ئۆزەم بىلىدىغان ئايەتلەرنى يادىمغا ئېلىشقا تىرىشتىم.شۇغۇنسى،بىرمۇ ئايەت يادىمغا كەلمىدى.جىن بولسا ھاياسىز بەدەنلىرىنى ماڭا سۈركەپ ئەتىراپىمدا غىلجىڭلاپ يۈرەتتى.ئۇنىڭدىن قۇتۇلىشنى ئويلاۋېتىپ تۇيۇقسىزلا بوۋامنىڭ <<جىننىڭ چېچىدىن بىر تال يۇلىۋېلىپ پىچاق ياكى سۈپۈرگىگە چىگىپ قويسا،جىن ئادەمنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ،نېمە دېسە ئادەمنىڭ بۇيرۇقىنى بەجاندىل ئورۇنلايدۇ>>دېگەن سۆزلىرى ئېسىمگە كەلدى.
مەن پەم بىلەن ئۇنىڭ كونۇپكا تاختىسى ئۈستىگە ساڭگىلاپ تۇرغان چېچىنى خۇددى كىچىكىمدە كېچىدە قونداقتىكى كەپتەرنىڭ پۇتىنى تۇتقاندەك <<كاپ>>قىلىپلا مەھكەم تۇتىۋالدىم.ئۇ ئېچىنىشلىق چىقىراپ  كەينىگە ئۆرۈلۈپ قاچتى. بىر تۇتام يىرىك چاچ قولۇمدا قالدى.شۇندىلا ئۇنىڭ باياتتىن مەن پەقەت كۆرمىگەن ئارقا تەرىپى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى.جىننىڭ بېشىنىڭ ئارقىسى خۇددى ئوتتۇرىدىن يېرىپ ئۇرىقىنى ئېلىۋەتكەن قاپاقنىڭ تىك كەسمە يۈزىگە ئوخشاش كامار بولۇپ مىڭە ۋە مىڭە قېپى دېگەنلەردىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. دۈمبىسى بولسا چوڭ تىراكتورنىڭ تاش دېيىنىڭ ئىچىدەك كامار بولۇپ،يا ئۇمرۇتقا، يا قۇۋۇرغا سۈڭىكى،ياكى ئىچكى ئەزالىرى يوق ئىدى.
جىن گەرچە قاچقان بولسىمۇ،ئىشىك تۈۋىگە بېرىپ يەنە كەينىگە قايرىلدى.ئەمدى ئۇنىڭ چىرايىدا باياتىنقى خوشاللىقنىڭ ئىزناسىمۇ يوق ئىدى. ئۇ كۆزۈمگە تولىمۇ بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى. بوۋامنىڭ ئېيتقانلىرى ھەقىقەتەن راستكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.
تۇرۇپلا مەندىكى باياتىنقى قورقۇنچ ئاللىقاياقلارغا غايىپ بولدى.
- جېلىل مۇئەللىم،چېچىمنى قايتۇرۇپ بېرىڭ!- دېدى ئۇ ئايانچلىق ئاۋازدا.
- بۇ ئۆمرۈمدە ئاران ئېرىشكەن چاچنى قايتۇرۇپ بېرەمدىمەن؟ مۇمكىن ئەمەس!
- مەن سىزگە نېمە دېسىڭىز،شۇنى قىلىپ بېرەي،چېچىمنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز!
- سەن ماڭا نېمە قىلىپ بېرەلەيسەن؟
- نېمە قىلىپ بەر دېسىڭىز،شۇنى قىلىپ بېرەي.
- شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە ئاۋۇ ماتېماتىكا تاپشۇرۇق دەپتەرنى تەكشۈرەلەمسەن؟
- تەكشۈرەلەيمەن!تەكشۈرەلەيمەن!
- ئەمىسە تەكشۈرە!مەن بىر كۆرەي.
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنگۈم كەلمەي،قولۇمدىكى چاچلارنى بوۋامدىن قالغان تەۋەرۈك پىچاقنىڭ سېپىغا يۆگەپ قويۇپ ئۇنىڭ تاپشۇرۇق تەكشۈرشىگە سەپ سالدىم. ئۇ قەلەمنى قولىغا ئېلىپ قىرىق دانە دەپتەردىكى تاپشۇرۇقلارنى بىردەمدىلا شۇنداق توغرا ۋە ئۆلچەملىك تەكشۈرۈپ تۈگۈتىۋەتتى.
- جېنىم ئاكا،ئەمدى چېچىمنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز!
- نېمە قىلىسەن تۆت تال چېچىڭنى؟
- ئەگەر بىر تال چېچىم كەم بولسا،شاھىمىز مېنى جىنلار قەۋمىگە ئاياق باستۇرمايدۇ.شۇڭا...
- ئۇنداق بولسا،مېنىڭ ئۆيۈمگە نېمىشقا كىردىڭ؟
- شۇنچە ۋاقىت چ چ دە مۇڭدۇشۇپتىمىز،بۈگۈن قارىسام،سىز ئۆيىڭىزدە يالغۇز قاپسىز، شۇڭا مەن شۇ كۆڭلۈمنىڭ كەينىگە كىرىپ كىرىپ ساپتىمەن.
- چ چ دە مۇڭدىشىپتىمىز؟ھەي مەن قاچان سېنىڭ بىلەن چ چ دا مۇڭداشتىم؟
- سىز بىلەن چ چ دا دائىم پاراڭلىشىدغان‹‹پەرىشتە››دېگەن مەن شۇ.
- نېمە، چ چ دا سەن ئۆزۈڭنى يېڭى خىزمەتكە چىققان مۇئەللىمە دەپ تونۇشتۇرمىدىڭمۇ؟!
- ئۆزۈمنى  جىن دەپ تونۇشتۇرسام،دوستلىققا قوشاتتىڭىزمۇ مېنى؟!
- نەچچە كۈندىن چ چ دا ئەخمەق قىلغىنىڭ ئاز كېلىپ،ئەمدى ئۆيۈمگە كىردىڭ؟
- ئەمدى ھەرگىز ئۆيۈڭىزگە يېقىن يوللىمايمەن!
- مەن سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قانداق ئىشىنىمەن؟
- ئەمىسە مەن ھازىرلا ،يەتمىش يەتتە مىڭ ئاكا-ئىنى،ھەدە-سىڭىللىرىمنىڭ ھەممىسىنى چاقىراي،ھەمىمىز بىرلىكتە قەسەم قىلىپ بېرەيلى.
- سېنىڭ يەتمىش يەتتە مىڭ ئاكا-ئىنى،ئاچا-سېڭىلىڭ بارما تېخى!
- ياق،ياق،مەن راست گەپ قىلاي،سەكسان سەككىزمىڭ قېرىندىشىم بار!
-سەن ئۇلارنى قانداق چاقىرىپ بولالايسەن؟
- چ چ دا ئۇچۇر يولللىساق،بىردەمدىلا يېتىپ كېلىدۇ.
- مەن سىلەرنىڭ قەسىمىڭلەرگە نېمە دەپ ئىشەنگۈدەكمەن؟
- ئەمىسە،سىزگە دەخلى قىلماسلىق ھەققىدە كېلىشىم تۈزەيلى،ماقۇلمۇ؟
قانداق قىلسام بولار؟ ئۇلار بىلەن كېلىشىم تۈزسەم،ئۇلار ۋەدىسىدە تۇرارمۇ؟ياكى ئەتە تاڭ ئاتقاندا قەغەزگە يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى غەيىپ بولۇپ كېتەرمۇ؟مەنغۇ ئەزەلدىن كېلشىم دېگەن نەرسىگە ئىشەنمەيتىم.
- ھەي جىن،سەن بۈگۈن قايتىپ كېتىپ،ئەتە كەل!مەن مۇنبەردىكى تورداشلىرىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كۆرەي،چېچىڭنى بەرگۈدەك بولسا ئەتە بېرەرمەن.
- ماقۇل.
ئۇ تېخىمۇ ئىگىزلەپ ئىنىچكىرگەن پېتى بېشىچە بىر شۇڭغۇپلا مائوسنىڭ ئاستىغا كىرىپ كۆز ئالدىمدىن غايىپ بولدى. ماڭا ئوخشاش كېچىدە تورغا چىقىدىغان تورداشلار، بولۇپمۇ قىز تورداشلار ھازىر توردا بولساڭلار بۇ جىندىن ھەرگىز قورقماڭلار،ئۇنىڭ چېچى مېنىڭ قولۇمدا !
 

2009-يىل 6-ئاي توقسۇن

1

تېما

0

دوست

1194

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5283
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 174
تۆھپە : 263
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 23:57:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق دېدىم ۋە ئاستا ئويغىنىپ كەتتىم، دەپ ئاخىرلاشتۇرمامسىز، ئادەمنى شۈركەندۈرمەي.

  تەپەككۇرىڭىز قالتىسكەنغۇ؟ كېچىدە تورغا چىقىدىغانلار شۇ بويتاق جىنلار بولىدۇ-دە! ھى ھى ھى ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

17

تېما

0

دوست

7734

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   54.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2959
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1690
تۆھپە : 1243
توردىكى ۋاقتى: 674
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 00:02:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەم ئۇسلۇبىڭىز خېلى يامان ئەمەسكەن .تېخېمۇ تىرىشىڭ.....

4

تېما

0

دوست

2221

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10029
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 228
تۆھپە : 507
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 00:17:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپلەر راست گەپمۇ يا توقۇلمىمۇ؟
ئۇنداق بولسا ھەجەپ يەنە قورقماي تورغا چىقىپ بۇلارنى يېزىپ ئولتۇرۇپسىزغۇ؟
ماۋۇ چ چ دا قىزلارنى كەلتۈرۈپ ئەخمەق قىلىپ ئويناش نىيىتىدە يۈرۈۋاتقانلار ئۆزەڭلارغا سەل ھېزى بولۇڭلار جۇمۇ
ياتنىڭ ياخشىسىدىن ، ئۆزەڭنىڭ ئەسكىسى سۆيۈملۈك !!!

16

تېما

0

دوست

7607

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  846
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1801
تۆھپە : 1101
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 08:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت قىزلارنىڭ ئالىۋاستىغا ئايلىنىپ بولغانلىرىلا چ چ دا باشقىلارغا بىمالال بىمالال <<سۈركىلەلەيدۇ>>.
 كارامەت يېزىپسىز ھىكايەن دىگەننى......
 مۇشۇخىل شەكىلدە يېزىقچىلىقنى داۋاملاشتۇرسىڭىز ھىكايىچىلىقتا يېپ-يېڭى بىر ئۇسلوپ بارلىققا كىلىدۇ جۇمۇ  يازغۇچى ئەپەندىم....  تېخىمۇ تىرىشىڭ.
 مۇھەممەت ئىمىن ھوشۇر ھىكايىلىرىنى ئەسلىتىپ قويدى-دىسە ماۋۇ ھىكايە......

0

تېما

0

دوست

795

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12166
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 187
تۆھپە : 115
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 09:35:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ئىچىدىكى جىن توغرىسىدىكى تەپسىلاتلار بۇرۇن چوڭلار ئېيتقاندەك كۆتى قۇۋاق تۇرمامدۇ ، راستلا جىن كۆرۈپسىز ، ئەمما جىنلار بۇرۇنقىدەك جىق ئەمەسقۇ تاڭ؟!

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

16

دوست

6112

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 1192
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 14:14:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوڭىڭىزمۇ ياكى چۈشىڭىزمۇ پەرىق ئېتەلمىدىم.

0

تېما

0

دوست

1256

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9432
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 225
تۆھپە : 234
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-11 18:28:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى چېچىنى بەرمەڭ . كۈندە ئۇنىڭغا تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى تەكشۈرتۈپ ،ئىشىڭىزغا سالمامسىز ؟ بىكارلىق ئۆي خىزمەتچىسىى كەپتۇ  ئەنە .
كۆپ كۈلمە،كۆپ كۈلۈش دىلنى ئۆلتۈرىدۇ .(ئايەت )
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )