قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1847|ئىنكاس: 13

زوردۇن سابىر بىلەن توماس خاپپىنىڭ دوستلۇقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

20

تېما

0

دوست

1839

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 343
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 08:51:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurxitosman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-1 10:47  



زوردۇن سابىر بىلەن توماس خاپپىنىڭ دوستلۇقى
ئابدۇرېشىت ئوسمان
(غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)



دۇنيادا ئەڭ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىدىغان ئىسملارنىڭ بىرى- دوست، ئەمما، ئىگە بولۇش ئەڭ قېيىن بولغىنىمۇ يەنىلا دوست. دۇنيادا دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەقىقىي، سەمىمىي، ئالىيجاناپ، دوستلۇقتىن تېخىمۇ قىممەتلىك تۇرىدىغان ھېچقانداق نەرسە يوق.
   يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن توماس خاپپىنىڭ دوستلۇقى ئاز تېپىلىدىغان ھەقىقىي، سەمىمىي، ئالىيجاناپ، دوستلۇقتىن ئىبارەت. زوردۇن سابىرنىڭ دوستى توماس خاپپى گىرمانىيىلىك (ئەينى چاغدا غەربىي گىرمانىيە دەپ ئاتالغان) بولۇپ، لىيوبەك شەھىرىنىڭ ھىلسىھۇپ يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئۇ بېرلىن يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستىتىنىڭ قۇرغاق رايۇنلارنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئىلمىي خادىمى。  ئۇ ئىلگىرى بېيجىڭدا ئىككى يىل خەنزۇ تىلى ئۆگەنگەن.توماس خاپپى 1984 –يىلى يازادا تۇرپانغا كەلگەندە تاسادىپى يازغۇچى زوردۇن سابىر بىلەن تونۇشۇپ قالغان. بۇ ھەقتە توماس خاپپى خەنزۇچە‹‹مىللىي يازغۇچىلار›› ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان، كېيىن ئۇيغۇرچە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ 1988 –يىلى 5 –ئاينىڭ 7 –كۈنىدىكى ‹‹بىزنىڭ ئەدىبلىرىمىز›› سەھىپىسىگە بېرىلگەن ‹‹مەن ئىزدەپ يۈرگەن ئادەم›› ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:
  ‹‹1984 –يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى ئىدى، مەن زوردۇن ئەپەندىم بىلەن تۇرپاندا تاسادىپى تونۇشۇپ قالدىم. ئىككەيلەن تۇرپان مېھمانخانىسىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ئاستىدىكى تاش سۇپىدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق. ئەتىراپىمىزنى بىر توپ ئۇششاق بالىلار ئورۇۋىلىشقانىدى ،مەن ئالدىمدا ئولتۇرغان بۇ ئەپەندىمنىڭ يازغۇچى ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ ئۇنىڭدىن:
ــــ  شىنجاڭ دېھقانلىرىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن ئەسەر يېزىۋاتقان يازغۇچىلار بارمۇ؟ مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا تۇرمۇشى سۈرەتلەنگەن ئەسەرلەرنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتاتىم. بۇنداق ئەسەرلەرنى پەن- تېخنىكا ژۇرناللىرى ياكى پەن- تېخنىكا كىتابلىرىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ. خەنزۇ يازغۇچىلارمۇ ئۇنى يېزىپ چىقالمايدۇ ،– دەپ سورىغىنىمدا، زوردۇن ئەپەندىم:
ــــ بۇنداق يازغۇچى بار، مانا مەنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يېزا تۇرمۇشىدىن ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى،- دەپ جاۋاب بەردى.
  ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەپ يۈرگەن ئادىمىمنىڭ كۆز ئالدىمدىلا پەيدا بولىدىغانلىقىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن››.
  تۇماس خاپپى 1985- يىلى يەنە جۇڭگوغا كېلىپ، ئۈرۈمچىدە زوردۇن سابىر بىلەن كۆرۈشۈپ قەدىناس دوستلاردىن بولۇپ قالغان. توماس خاپپى ئەدەبىي تەرجىمان لياڭ شۆجۇڭ ئۇيغۇرچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ، ‹‹ شىنجاڭ مىللىي ئەدەبىياتى›› ژۇرنىلىنىڭ 1980- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلغان ‹‹ خەيرىلىك ئىش ›› ،يەنە شۇ ژۇرنالنىڭ 1980- يىللىق 6- سانىدا ئېلان قىلغان‹‹ سۈبھى ›› قاتارلىق پوۋېسىتلارنى ئوقۇپ، زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىگە قىزىقىپ قالغان. غەربىي گېرمانىيىگە قايتىدىغان چاغدا بۇ ئەسەرلەرنى گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىش ئۆيى بىلەن ئالغاچ كەتكەن. توماس خاپپى غەربىي گېرمانىيىگە قايتىپ كېلىپ،‹‹ ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى›› ناملىق كىتابى بىلەن غەربىي گېرمانىيىدە نام قازانغان فرايبورگ ئونىۋېرىستېتىنىڭ تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىسى شارلىف ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىشىپ گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىشقا باشلىغان . توماس خاپپى دۇستى زۇردۇن سابىرغا خەنزۇچە يازغان سالام خەتلىرىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ :   
                                 1- سالام خەت
‹‹ قەدىرلىك زوردۇن ئەپەندى:
ياخشىمۇسىز ، ئايالىڭىز، بالىلىرىڭىزمۇ ياخشىدۇ؟ خىزمىتىڭىز ئۇتۇقلۇقمۇ ؟!
مەن گېرمانىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىنىستېتۇتتىكى خىزمىتىمنى ئىشلەۋاتىمەن، ئايالىم ۋە بالىلىرىممۇ ياخشى.
شارلىف ئەپەندى ئىككىمىز سىزنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان ‹‹ خەيرىلىك ئىش ›› ناملىق پوۋېسىتىڭىزنى گېرمان تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى باشلىۋەتتۇق. شارلىف ئەپەندى قولىدىكى ‹‹ ئۇيغۇرچە - روسچە لۇغەت ›› تىن ، مەن ‹‹ ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە لۇغەت ›› تىن پايدىلنىۋاتىمىز. سىز ئۇ پوۋېسىتىڭىزدا جانلىق ئاغزاكى تىلنى بەك كۆپ قوللانغان ئىكەنسىز ، بىز بۇ سۆز – ئىبارىلەرنى لۇغەتتىن  تېپىشتا بەك قېينىلىۋاتىمىز.
‹‹ شىنجاڭ مىللىي ئەدەبىياتى ›› دا خەنزۇچە ئېلان قىلىنغان بۇ ئەسىرىڭىزنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا شۇنى ھېس قىلدۇقكى، بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى جانلىق چىقماپتۇ، شۇڭا بىز بۇ ئەسىرىڭىزنى خەنزۇچىدىن گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىشنى توغرا تاپمىدۇق. قېيىنچىلىق ھەقىقەتەن ئېغىر، ئەمما بىز ھەرگىز بەل قويىۋەتمەيمىز. بىز بۇ ئەسىرىڭىزنى گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىشتا مۇنداق ئۇسۇلنى قوللانماقچى بولىۋاتىمىز، سىز تونۇيدىغان ئابدۇرېھىمنىڭ سېڭلىسى غەربىي گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇرۇشلۇق، ئۇ قىزنىڭ ئۆيى شارلىفنىڭ ئۆيىگە خېلى يېقىن،ئۇلار ئىككىسى ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇرچىدىن گېرمانچىغا تەرجىمە قىلغان بولسا ياخشى بولاتتىمىكىن دەيمەن، سىز ماڭا ئۇ قىزنىڭ ئادېرىسىنى ئەۋەتىپ بېرىڭ، مەندىن ئابدۇرېھىمغا سالام ئېيتىڭ.
يەنە بىر ئىش سىزنىڭ غەربىي گېرمانيىگە كېلىشىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمەن، غەربىي گېرمانيىگە كېلىش رەسمىيەتلىرى مۇنداق: سىز غەربىي گېرمانىيىگە كېلىشكە ماقۇل بولسىڭىز، ماڭا خەت يېزىڭ، مەن سىزگە چاقىرىقنامە ئەۋەتىپ بېرىمەن. سىز مۇشۇ چاقىرىقنامىنى ئېلىپ فىدىراتىپ گېرمانيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىغا بېرىپ رەسمىيەت بىجىرىڭ، ئاخىرىدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى سىزگە پاسپۇرت بېرىدۇ. ناۋادا سىز بېيجىڭدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ غەربىي گېرمانىيىگە كەلمەكچى بولسىڭىز سوۋېت ئىتتىپاقى، پولشا، شەرقىي گېرمانىيىلەرنىڭ  چېگراسىدىن ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىسىز، ئىككى ھەپتە بۇرۇن بىلەت زاكاس قىلىڭ .
سىز غەربىي گېرمانىيگە كەلسىڭىز مېنىڭ ئۆيۈمدە تۇرسىڭىزمۇ ياكى شارلىفنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ ئۇنىڭ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى تەرجىمە قىلىشىغا ياردەملەشسىڭىزمۇ بولىدۇ ، سىز بۇ يىل يازدا كەلسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى. ماڭا چوقۇم خەت يېزىڭ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق ، قەلىمىڭىزگە بەركەت، تېنىڭىزگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىڭىزغا خۇشاللىق تىلەيمەن. مەندىن ئايالىڭىز ۋە بالىلىرىڭىزغا ۋە دوستلىرىڭىز مىجىت بىلەن ۋاھىتلارغا سالام ئېيتىڭ . مەن دائىم ئىككىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدە كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزگەن كەنلىرىمىزنى سېغىنىمەن.
ھۆرمەت بىلەن : دوستىڭىز توماس
1986- يىلى 2- ئاينىڭ 16- كۈنى ››   

2- سالام خەت

‹‹ قەدىرلىك دوستۇم زوردۇن ئەپەندى:
ياخشىمۇسىز،ئايالىڭىز ، بالىلىرىڭىزمۇ ياخشىدۇ، مەن ئالدىنقى ئايدا سىزنىڭ خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ناھايتى خۇشال بولدۇم، سىزنىڭ غەربىي گېرمانيىگە كەلمەكچى بولغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، شارلىف ئەپەندى ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن بۇ يىل 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقماقچى. سىز ئەڭ ياخشىسى 6- ئاينىڭ بېشىدا ياكى 8- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا غەربىي گېرمانيىگە كېلىڭ، ئۆزىڭىز ۋاقىتنى بېكىتىڭ. مەن بۇ قېتىم چاقىرىقنامىنى سىزگە ئەۋەتىپ بېرىمەن، سىز پاسپۇرت ۋە چاقىرىقنامىنى ئېلىپ فىدىراتىپ گېرمانىينىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ رەسمىيەت بىجىرىڭ . رەسمىيەت بىجىرىشكە 4-6 ھەپتە كېتىدۇ. جەدىۋەللەرگە ئىسىم ۋە تۇغۇلغان جاي، تۇغۇلغان ۋاقىتلىرىڭىزنى خەنزۇچە تولدۇرۇڭ . ناۋادا سىز پويىزدا كەلمەكچى بولسىڭىز خەلقئارالىق ساياھەت كوپىراتپنىڭ بېيجىڭدىكى تارمىقىغا بېرىپ ئالدىن بىلەت زاكاس قىلىڭ. ناۋادا 6- ئايدا كەلسىڭىز، غەربىي گېرمانىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەر تېخى تەتىلگە قويۇپ بېرىلمىگەن بولىدۇ، مەن سىز كەلگىچە ئونىۋېرستلاردا فرافىسسۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ قوياي، سىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە لېكىسىيە سۆزلەپ بېرەرىسىز . ناۋادا سىز ئايروپىلان بىلەن كەلمەكچى بولسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئايروپىلان بىلەت باھاسى بەك قىممەت، مەيلى دېسىڭىز بېيجىڭدىن ئىستانبۇلغا ، ئاندىن ئىستانبۇلدىن غەربىي گېرمانيىگە كەلسىڭىزمۇ بولىدۇ، شۇ بانادا ئىستانبۇلنىمۇ كۆرۈۋالىسىز .
مەن گۈلى ۋە ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن ئالاقىلاشتىم . ئۇلار شارلىف ئەپەندىگە ياردەملىشىپ سىزنىڭ ھېلىقى پوۋېستىڭىزنى ئوبدان تەرجىمە قېپتۇ، يەنە باشقا ئىشلار بولسا ماڭا خەت يېزىڭ، مەن سىزنى يەنە بىر كۆرۈشكە تولىمۇ تەشنا، مەندىن ئايالىڭىز، بالىلىرىڭىز ۋە دوستلارغا سالام ئېيتىڭ ! سىزگە سالامەتلىك تىلەپ :
دوستىڭىز توماس ››
توماس خاپپى دوستى زوردۇن سابىرنى قايتا – قايتا غەربىي گېرمانيىگە تەكلىپ قىلغان. زوردۇن سابىر دوستى توماس خاپپننىڭ تەكلىپىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان. ئەمما زوردۇن سابىر 1986- يىلى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى غەربىي گېرمانيىگە بارالمىدى. توماس خاپپى 1987- يىلى يەنە دوستى زوردۇن سابىرغا غەربىي گېرمانيىگە كېلىشكە چاقىرىقنامە ئەۋەتتى. توماس خاپپنىڭ دوستى زوردۇن سابىرغا خەنزۇچە يازغان 3- سالام خېتىدە مۇنداق مەزمۇنلار بار :
‹‹ قەدىرلىك دوستۇم زوردۇن ئەپەندى:
ياخشىمۇسىز ! ئايالىڭىز ، بالىلىرىڭىزمۇ ياخشىدۇ ؟ !
ئۆتكەن يىلى 12- ئايدا سىزنىڭ خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، چوڭ قىزىڭىزنىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ بەكلا قايغۇردۇم . سىزگە بۇ ئىش نەقەدەر ئېغىر روھىي ئازاب ئېلىپ كەلگەندۇ. سىزنىڭ بۇ يىل غەربىي گېرمانيىگە كەلمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئۇقۇپ  تولىمۇ خۇشال بولدۇم. مەن دەرھال سىزگە يەنە بىر يېڭى چاقىرىقنامە ئەۋەتىپ بېرەي، مەن بۇ يىل يازغىچە بەك ئالدىراش بولساممۇ يەنىلا سىزنى كۈتىمەن. سىز مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تېزدىن بىجىرىڭ، ئادەتتە غەربىي گېرمانىيە كونسۇلخانىسى ئىككى ئايدا ئاران رەسميىتىڭىزنى تەستىقلايدۇ. ماڭا غەربىي گېرمانيىگە كىلىدىغان ۋاقىتنى ئېنىق دەڭ، مەن، ئايالىم ۋە بالىلىرىم سىزنى كۈتىمىز. شارلىف ئەپەندىمۇ سىزنىڭ كېلىشىڭىزنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتىدۇ.
غەربىي گېرمانيىدە نەشىر قىلىندىغان ‹‹ يېڭى جۇڭگو›› ژورنىلىدا سىزنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدىم ، سىزگە بۇ ژۇرنالنى ئەۋەتىپ بېرەي، كۆرۈپ بېقىڭ.
مەندىن ئايالىڭىز، بالىلىرىڭىز ۋە دوستلارغا سالام ئېيتىڭ، خىزمىتىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق، تېنىڭىزنىڭ سالامەت، تۇرمۇشىڭىزنىڭ  خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتۈشىنى تىلەيمەن.
دوستىڭىز توماس
1987- يىلى 5- ئايىنىڭ 5- كۈنى››
زوردۇن سابىر 1987- يىلى 10- ئايغىچە چەت ئەلگە چىققۇچىلارنىڭ رەسمىيەتلىرىنى بىجىرگۈچى ئورۇنلارغا قاتىراپ يۇرۇپ ئاخىرى بارلىق رەسمىيەت ۋە راسخۇتلارنى تەق قىلىپ غەربىي گېرمانيىدىكى دوستى توماس خاپپىغا خەت يازغان ، دوستى توماس خاپپىمۇ بۇ ئىشقا ناھايتى ئەستايىدىل، جىددىي پوزتسىيە تۇتۇپ، تۆۋەندىكى خەتنى يازغان :
‹‹ قەدىرلىك دوستۇم زوردۇن ئەپەندى :
ياخشىمۇسىز ! سىز يوللىغان تېلگىراممىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ غەربىي گېرمانيىگە كەلمەكچى بولغانلىقىڭىزنى بىلىپ ناھايتى خۇشال بولدۇم. 9- ئاينىڭ 1- كۈندىن 11- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە خەۋەر بېرىۋىتىڭ، مەن سىزنى ياكى پويىز ئىستانسىغا ياكى ئايدۇرۇمغا كۈتۈۋالغىلى چىقىمەن. سىز بېيجىڭدىن بىلەت سېتىۋالىدىغان چاغدا قايتىپ كېلىشنىڭمۇ بېلىتىنى سېتىۋېلىڭ، چۈنكى جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى غەربىي گېرمانيىدە ئوبۇرۇت قىلىنمايدۇ. سېتىۋالغىلى بولغان تەقدىردىمۇ بىلەت بەك قىممەت ، يېنىڭىزدا مەن بولساملا سىزنى ھەرگىز چىقىم قىلدۇرمايمەن، شۇنداقتىمۇ غەربىي گېرمانيىدىن نەرسە – كېرەك سېتىۋالىدىغان ياكى ئۆز ئالدىڭىزغا ساياھەت قىلىدىغان ئويىڭىز بولسا قولىڭىزدىكى خەلق پۇلنى چەت ئەل پۇلىغا ئالماشتۇرۋېلىڭ .
ئەڭ مۇھىمى نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىڭىزنى ئالغاچ كېلىڭ، دوستلىرىڭىزنىڭ نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرى بولسىمۇ ئالغاچ كېلەرسىز ، ‹‹ ئىزدىنىش ›› نىڭ 2- تومى نەشىر قىلىندىمۇ ؟ بەزى ئونىۋېرستلارنىڭ تۈركىي تىللار فاكۇلتىتلىرى بەلكىم سىزنى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەشكە ۋە سۆھبەت يىغىلىشلىرىغا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىن،ئىدىيىڭىزدە تەييارلىق بولسۇن !
دوستۇم زوردۇن ، سىزنىڭ غەربىي گېرمانيىگە ساق – سالامەت يېتىپ كېلىشىڭىزنى تىلەيمەن.
دوستىڭىز توماس
1987- يىلى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى  ››

زوردۇن سابىر 1987- يىلى 10- ئاينىڭ 7- كۈنى پويىز بېلىتى، غەربىي گېرمانىيە كونسۇلخانىسىنىڭ مەخسۇس تامغىسى بېسىلغان پاسپۇرۇت ۋە مۇڭغۇلىيە، سوۋىت ئىتتىپاقى، پولشا، شەرقىي گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ چېگراسىدىن كېرىپ – چىقىشقا بەرگەن رۇخسەت ۋىزىلىرىنى ئېلىپ رەسمىي يولغا چىققان. زوردۇن سابىر مۇسكۋا ۋاگزالىدىن بېلوروسىيە ۋاگزالىغا ئالمىشىپ ماڭىدىغان ئالتە – يەتتە سائەتلىك پۇرسەتتە مۇسكىۋادىكى دوستلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. زوردۇن سابىرنىڭ مۇسكىۋادىكى ئاكام ئاغىنىسى تۇرسۇن سادىقنىڭ ئوغلى رەپقەت زوردۇن سابىرغا ياردەملىشىپ توماس خاپپىغا تېلگىرامما يوللاپ، شەرقىي بېرىلىن ۋگزالىغا يېتىپ بارىدىغان ۋاقتىنى ئەسكەرتكەن ، زوردۇن سابىر ئەۋەتكەن تېلگىراممىنى توماس خاپپى فرانكفورتقا ئىلمىي دوكلاتقا مېڭىش ئالدىدا تاپشۇرۇپ ئېلىپ ، زوردۇن سابىرنى كۈتىۋېلىشنى بېرلىندىكى دوستى دېرىك ئەپەندىگە تاپىلىغان. دېرىك زوردۇن سابىرنى شەرقىي بېرلىن ۋاگزالىدىن غەربىي بېرىلىنغا ئۆتكۈزگەن ھەم توماس خاپپى فىرانكىفورتتىن قايتىپ كەلگىچە زوردۇن سابىرغا ھەمرا بولغان. توماس خاپپى فرانكفورتتىن قايتىپ كىلىپلا دوستى زوردۇن سابىر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنى ئۆز ئۆيى ليوبەك شەھىرى ھېلسىھۇپ يېزىسىغا ئېلىپ كەتكەن. توماس خاپپى ھەر قايسى ئونىۋېرستېت، ئىنىستېتۇتلارنىڭ ئىلمىي خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ دوستى زوردۇن سابىرغا ‹‹11- نۆۋەتلىك 3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىنكى گۈللىنىۋاتقان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ›› دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشكە پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. توماس خاپپى دوستى زوردۇن سابىر خەنزۇچە تەييارلىغان لېكسىيە ئورگىنالىنى گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىپ، كۆپەيتىپ باستۇرغان ھەم لېكسىيە ۋە سۆھبەتلەردە تەرجىمانلىق قىلغان. توماس خاپپى دوستى زوردۇن سابىرنى غەربىي گېرمانيىنىڭ جاي – جايلىرىغا ئىكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلدۇرۇپ، 1987- يىلنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگۇغا ئۇزۇتۇپ قويغان.
توماس خاپپنىڭ زوردۇن سابىر بىلەن بولغان چىن دوستلۇقى تاكى زوردۇن سابىر ۋاپات بولغىچە داۋاملاشقان. زوردۇن سابىر ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ، توماس خاپپى دوستى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزچىل گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىشقا ئويۇشتۇرغان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا توماس خاپپى گرمانيىدە زوردۇن سابىرنىڭ تۆت پارچە كىتابىنى نەشىر قىلدۇرغان.
دېمەك، زوردۇن سابىر بىلەن توماس خاپپنىڭ بىر – بىرىگە بولغان ھۆرمەت، ئىشەنىچ، سەمىمىيەت ئاساسىغا قۇرۇلغان دوستلۇقى ئىككى دۆلەتتىكى ئىككى يۈرەك رېشتىنى بىر – بىرىگە چاتقان. كىشلىك ھاياتتىكى بۇ خىل ئالىيجاناپ دوستلۇق ئۇلارنىڭ ئورتاق ئارزۇ – ئىستەك بىلەن ئالغا ئىلگىرلەشكە تۈرتكە بولغان. بۇ ئىككەيلەننىڭ ئالىيجاناپ دوستلۇقى بىزگە ئۈلگە بولغۇسى !

( ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››2013-يىللىق4-سان)

يىراقتا تۇرۇپ جا

33

تېما

10

دوست

4214

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   73.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11900
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1015
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 174
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 16:19:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن ياخشى .
<<... ئىگە بولۇش ئەڭ قېيىن ...>> ھەقىقەتەن توغرا.
قۇتلان تېلفۇنلىرى

2

تېما

0

دوست

1481

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   48.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10813
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 154
تۆھپە : 352
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 20:37:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر مىنىڭ قەلبىمدىكى سۇنماس گىگانىت يازغۇچى
كەلگۈسى ھامان بىزگە مەنسۈپ!!!!!!!!!

8

تېما

2

دوست

2101

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   3.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8497
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 450
تۆھپە : 335
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 22:04:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىردەك يازغۇچىمىز بار دەپ پەخىرلىنىمىز ...  ئانا يۇرت  بىزنىڭ تاجىمىز ..

0

تېما

0

دوست

76

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11872
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 12
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 22:10:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشت مۇئەللىم ، قەلىمىڭىزگە خۇدا  بەرىكەت بەرسۇن!
  داۋاملىق مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز...
ھاياتىمنىڭ   ئاپتورى ئاللاھ....

0

تېما

0

دوست

161

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   53.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8415
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 42
تۆھپە : 21
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 18:55:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىرنىڭ ياتقان جايى جەننەت بولغاي! مەن خەت تۇنىغاندىن تارتىپ بۇ ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن.  ( ئەمما شۇنىمۇ ئويلايمەنكى ياۋرۇپالىقلار زوردۇن سابىر، تۇرغۇن ئالماس ۋە ئا ئۆتكۈرگە ئوخشاش يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن  بۇرۇنراق ھەم كۆپرەك تۇنۇشقان بولسا ئىدى بىزدىنمۇ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلار چىققان بولاتتى ).

6

تېما

0

دوست

1825

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   82.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12103
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 409
تۆھپە : 290
توردىكى ۋاقتى: 140
سائەت
ئاخىرقى: 2013-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 11:48:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى  چىندوسلار  ئىكەن  يازغۇچىمىزنىڭ  ياتقەان  يىرى جەننەتتە  بولسۇن  ئامىن

20

تېما

0

دوست

1839

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 343
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 14:55:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،يەنە ياخشى تېمىلارنى يوللايمەن.

20

تېما

0

دوست

1839

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 343
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 18:09:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇرمەنلەرگە رەھمەت،يەنە ياخشى تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن

20

تېما

0

دوست

1839

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   83.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11617
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 343
تۆھپە : 334
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-20
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇرمەنلەرگە رەھمەت،يەنە ياخشى تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )