- تىزىملاتقان
- 2011-9-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19262
- نادىر
- 1
- يازما
- 795
ئۆسۈش
  23.16%
|
orkex يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 22:31 
توغرا . بۇ ئىقتىدار يۇقاپ كەتتىغۇ . باشقۇرغۇچىلار ئوڭش ...
مىنىڭچە ئىنكاس ياكى يازمىلارنى تەھرىرلەش ۋاختىغا مۇۋاپىق چەك قويۇلسا ياخشى بولدۇ دەپ قارايمەن . بۇنداق دىيشىمدىكى سەۋەپ ؛ باغداش مۇنبىردە ئەل ئارسىدىكى بىرقىسىم ناھەقچىلىك ۋە ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى چىرىكلىك ، قول ئاستىدىكىلەرگە زۇلۇم سالدىغان رەھبەرلەرنى پاش قىلىش مەزمۇنىدىكى تىمىلارمۇ خېلى ‹‹ بۇنداق تىمىلار ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە بولۇشقا تىگىشلىك ئەلۋەتتە ›› بار . بىرقىسىم مۇشۇ خىل تىما يوللۇغۇچى ۋە ئىنكاس قاتناشتۇرغۇچى تورداشلار ، يازمىسىنى يوللاپ بولۇپ مۇنازىرە راسا قىززىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ، ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن ئۆز ئالدىغىلا يوللىغان تىما، ئىنكاسلىرىنى تەھرىرلىۋىتىپ ياكى مەزمۇنىنى ئەكسىچە ئۆزگەرتىۋىتىپ ، مۇنبەر بىلەن تورداشلارنى كۆزگە ئىلمىغاننى ئاز دەپ ، ئويلاشمايلا يېزىپ قويغان تىما ئىنكاسلىرى تۈپەيلى كىلىپ چىققان ئاقىۋەتلەرگە مۇنبەر ۋە بىرقىسىم ھىسداشلىق يۈزىسىدىن ئىنكاس قاتناشتۇرغان تورداشلاربەدەل تۆلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى . مىنىڭچە تىما ،ئىنكاس، يوللۇغۇچى تورداشلار ئۇبدان ئويلۇشۇپ ، يازما پۈتۈپ بولغاندىن كىيىن مۇقۇملاشتىن بۇرۇن يازمىنى قايتا بىر ئوقۇپ ، يازمىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزەتكەندىن كىيىن يوللىساق ، شۇنىىڭ بىلەن تەھرىرلەش ۋاختىغىمۇ مۇۋاپىق چەك قويۇلسا ، تورداشلارمۇ مەلۇم مەخسەتتە ، ئازراق شەخسى مەنپەئەت كۆزلەپ ، ئاچچىقىنى چىقرىش مەخسىتىدە تىما يوللىغان شەخىسلەرگە ئالدىنىپ ئورۇنسىز ئىنكاس يېزىش ، ۋاقىت ئىسراپ قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولدۇ دەپ قارايمەن . شەخسى قارشىم ................ |
|