- تىزىملاتقان
- 2011-1-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8099
- نادىر
- 1
- يازما
- 360
ئۆسۈش
61.98%
|
[align=justify]يودلۇق تۇز ئارقىلىق رادىئاتسىيەدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ[align=justify]
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-مارت خەۋىرى: جۇڭگو سەھىيە مىنىستېرلىكى 17-مارت تور بېتىدە« رادىئاتسىيەدىن قوغدىنىشتىكى يود بىلىملىرىدىن سوئال-جاۋاب» ئېلان قىلدى. سوئال-جاۋابتا كۆرسىتىشىچە، يېمەكلىكتە ئىشلىتىدىغان يودلۇق تۇز ئارقىلىق رادىئاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يودنى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەسكەن.
سوئال: يودلۇق تۇز ئىستىمال قىلغاندا رادىئاتسىيەدىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: يودلۇق تۇزدىك يودنىڭ شەكلى كالىي يوداد بولۇپ، ئاشقازان ئۈچەي ۋە قان سۇيۇقلىقىدا يود ئىئونىغا ئايلىنىپ قالقانسىمان بەز تەرىپىدىن سۆمۈرىۋېلىنىدۇ، يودلۇق تۇزنىڭ تەركىبىدىكى يودنىڭ مىقدارى ھەر كىلوگىرامىدا 30 مىللىگرام. ھەر كۈنى 10 گىرام يودلۇق تۇز بويىچە ھېسابلىغاندا، ئادەم كۈنىگە 0.3 مىللىگرام يودقا ئېرىشەلەيدۇ. بۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، قورامىغا يەتكەنلەر بىر قېتىمدا 3 كىلوگىرام يودلۇق تۇز ئىستىمال قىلغاندا ئاندىن رادىئاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىگە يېتەلەيدۇ، بۇ ئادەمنىڭ تۇزنى قوبۇل قىلىش چېكىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، يودلۇق تۇز ئارقىلىق رادىئاتسىيەدىن مۇداپىئەلىنىش مۇمكىن ئەمەس.
سوئال: ئارتۇق مىقداردىكى يودنىڭ ئادەمگە ئەكىس تەسىرى بارمۇ؟
ئارتۇق مىقداردا يود ئىستىمال قىلىش قالقانسىمان بەزنىڭ نورمال خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ تاشلايدۇ،ئېھتىمال قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارىنى زەئىپلەشتۈرۈپ تاشلىشى مۇمكىن. مەيلى بالىلار بولسۇن ياكى قورامىغا يەتكەنلەر بولسۇن، قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى زەئىپلىشىش نىسبىتى يود مىقدارىنىڭ ئېىشىشغا ئەگىشىپ يۇقىرىلايدۇ.
سوئال: بەزىلەر يودلۇق ھاراقنى قالقانسىمان بەزگە سۈرتسە رادىئاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ دەيدۇ، بۇ ئامال بولامدۇ؟
جاۋاب: يودلۇق ھاراقنى قالقانسىمان بەزگە سۈرتۈپ رادىئاتسىيەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىلمىي ئەمەس.[align=justify]مەنبە: ئوكيان تورى
|
|