- تىزىملاتقان
- 2012-2-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3250
- نادىر
- 0
- يازما
- 227
ئۆسۈش
  41.67%
|
خوتەن نېمىشقا شەھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان؟
خوتەن خەلقىنىڭ داستان رىۋايەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىدا خوتەننى شېھىدانە خوتەن دەپ تىلغا ئالىدۇ.بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى ۋەقە كۆپ تىلغا ئېلنىدۇ:بىرى19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا خوتەندە مەنچىڭ خنلىقىنىڭ زۇلىمىغا قارشى ئابدىراخمان خانپاششا ئىسىملىك ئەزىمەتنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۇرۇپ غەلبە قىلغان ھەم ئىسلام دۇلىتى قۇرغان.ئۇزۇن ئۆتمەي بەدۆلەت قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئۇلارنى ئالداپ، قەسلەپ ئۆلتۇرۋەتكەن.بۇنىڭ بىلەن خوتەن خەلقى پادىشاسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۇچۇن ئۇرۇش قىلىپ، نەچچە ئون مىڭ پۇخرا شېھىت بولغان .بۇلارنىڭ باشلىرىدا نەچچە يۇزمىتىر ئىگىزلىكتە تاغ ياسىغان. شۇڭا خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتالغان. بۇھەقتىكى مەلۇماتلار"ئابدىراخمان خانپاششا"دىگەن خەلىق داستانىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغان.يەنەبىرى: خوتەن خەلقى ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كىيىن ،ئۇزۇن ئۆتمەي تۇرپاندىكى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلمىغانلار تەرپىدىن باستۇرلۇشقا ئۇچراپ، بۇتۇن بىرشەھەرنىڭ ئادەملىرى بىر مەيدانغا يېغىلغان ،خوتەنلىكلەرنى ئىسلام دىنىدىن قايتۇرۇش ئۇچۇن بىردىن باغلاپ بوينىغا قىلىچ تەڭلەپ تۇرۇپ،خۇدا نەچچى دەپ سورىغان،خوتەنلىكلەر بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن،شۇنىڭ بىلەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن،يەنە بىردىن سورىغان بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن كاللىسىنى چېپىۋەتكەن،شۇنداققىلىپ نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ كاللىسىنى چېپىۋەتكەن ھەممىسى قېلىچ ئالدىدا تەمتىرمەستىن بىر دەپ جاۋاپ بەرگەن،شۇڭا خوتەنلىكلەر بىرنى بىر دەيدۇ،جاھىل خەق دەپ نام ئالغان،ھەمدە شۇقېتىم شېھىت بولغانلار بەك كوپ بولغاچقا شۇندىن بىرى خوتەن شېھىدانە خوتەن دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.
مەنبە: تور ئىزدىگۇچ
ئەسكەرتمە: خوتەن ھەققىدىكى بۇ بايان توردىن ئىلىندى، قولۇمدىكى ماتېرىيال بۇنىڭدىن پەرىقلىنىدۇ، بىراق بىسىشقا ئۇلگۇرمىدىم، كىيىن بىسىپ يوللاپ قويىمەن. |
|