- تىزىملاتقان
- 2011-2-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9928
- نادىر
- 0
- يازما
- 434
ئۆسۈش
  98.56%
|
بالامنى ئېلىپ ئارمان دۇكىنىغا كىرسەم ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچەيلەن تۇز بارمۇ دەپ كىردى ، دۇكانچى قىز يوق تۈگەپ كەتتى دەيدۇ . نىمە ئىش بۇ دىسەم ئەتتىگەن دۇكاننى ئاچساملا خەنزۇلار كىرىپ بەشتىن - ئوندىن ئېلىپ بىردەمدە تۈگىتىۋەتتى ، بولمىسا ئىككى كۈن بۇرۇن ئەكەلگەن بىر خالتا تۇز بارتى بىر دەمدە ھەممىسى تۈگىدى ، بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئەمدىلەتىن تۇز بارمۇ كىرىۋاتىدۇ ، ئەمما تۇز قالمىدى ھېچقانداق دۇكاندا تۇز يوقكەن دەيدۇ مەنمۇ تۇز ئېلىۋالاي ئەمىسە دەپ بىر نەچچە دۇكانغا بارسام راستىنلا ھېچقايسى دۇكاندا تۇز يوق بولۇپ چىقتى . ھازىر شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە تۇز تاپقىلى بولمايۋىتىپتۇ ، ھەتتا بەزەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ شۇنداقكەن . بەزى شەھەرلەردىكى دوستلىرىمغا تېلىفون قىلىپمۇ باقتىم . ئوخشاش تۇز يوقكەن. ياپونىيەگە يۆتكەيدىكەن دەپ ئاڭلىدۇق دەيدۇ دوستلىرىم . بۇ گەپ راستمۇ -يالغانمۇ ئۇقمىدىم ، ئەمما بۇمۇ ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشنىڭ شىنجاڭغا بولغان تەسىرى بولۇشى مۇمكىن . قانداقلا بولمىسۇن تورداشلار خەۋەردار بولۇپ قېلىڭلار تۇز تاپقىلى بولمايۋاتىدۇ ، باھاسى ئون كويغا چىقارمىش دىگەن گەپمۇ بار . ھەممە ئىشنىڭ ئۆز ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . |
|