بادام دوپپام
("شەھەر،يېزا بويىچە ئوقۇتقۇچىلار ماھارىتىنى سىناش مۇسابىقىسى"دە نەق مەيداندا يېزىلغان ئەسەر)
بادام دوپپام، چىمەن دوپپام، بەلەن دوپپام، خاسلىقىمغا ياراشقان ئۇز،لېۋەن دوپپام. نەسلىمنىڭ تارىخى پۈتۈلگەن جىيەكلىرىڭگە، سەندە يوق، زىنھار نۇقسان-ئېۋەن...دوپپام!
مومام تۇتقان يىڭنە، زەررە يىپلىرىڭنى، بوۋام پۈتكەن تامام ئەجداد سىرلىرىڭنى، يەر، ئاي، قۇياشقا ماس ئول قىرلىرىڭنى، بىلىپ يەتتىم،ئەي ئۇلۇغ تۈمەن دوپپام...
يىگىتلىكنىڭ تاجى-سەن!سۆيگۈنىڭ گۈلى، ۋاپانىڭ رىشتىسى بۇ قەلىبنىڭ نۇرى، تىكىپ، كەلسە گەر بىر ئۇيغۇر قىزى، يۈرەتتىم فەرھاد بولۇپ، بەلەن دوپپام!
سەن بىلەن ئۇيغۇرلىقىمنى قىلىمەن ئايان، سەن بار، ئۇيغۇرمەن بولسام قايان... سېنى تاج قىلار بىر كۈنى كۈللىي-جاھان! سەندە يوق چۈنكى، زىنھار ئېۋەن، دوپپام...
|