ئىشلەمچى بازىرى قىشنىڭ قارا تامچىسى ئېغىر لەمپىلەردىن تامچىلىماقتا ، ھاياتلىق سۆيگۈسى ئېغىر ئادەملەرنى ئالدىراتماقتا ، بىر ماشىنا كەلدى كىشىلەر دۈررىدە ئولاشتى ، سۆيگۈ چىرىغى ماشىنا ئىچىدە . چىرايلار قوپال ھاياتلىق قوپال . ئېغىر يۈزنىڭ ھالسىرىشى ، بۇردا ناننىڭ تەشنالىغى تەڭرىگە كۆتۈرۈلگەن جۇپ قوللاردەك كۈرۈنۈپ تۇرار ، ئاڭلىنىپ تۇرار تەر ئۆرلىگەن تۇماق ئىچىدە . قىشنىڭ قارا تامچىسى ئېغىر لەمپىلەردىن تامچىلىماقتا ، مۇز تۇتقان ۋاقىت ئېغىر ئادەملەرنى يۇتماقتا . ئەتراپ تۇمان ، بۈگۈنمۇ تۇمان ، ئەتىمۇ تۇمان . . . |