نىكاھتا پايدسى بولۇپ قالار دىگەن مەقسەتتە ئىسلامجان شېرىپ ئەپەندىنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى ماقالىسىدىن نىكاھ قۇتبىسىگە مۇناسىۋەتلىك قۇرلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم:
مىھرىبان ئاللاھ تائالا ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى بۈبى ھاۋاغا،ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى بۈبى ساراغا،يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنى بۈبى زىلەيخاغا،پەيغەمبىرىمىز،مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى بۈبى خەدىچە كۇبراغا جۈپتى ئەيلەپ،تەنەسۇل تەۋەللۇد بىرلە ۋۇجۇتكاھ نىشانىسىغا كەلتۈردى.ئۇل خۇداۋەندە جاھان،خالىقۇ كەۋنى مەكان،جائىلەن نۇرى ۋەززەلەن خالىقۇللاھ ۋەھى ۋەلقەلەم،ئاللاھ تابارەك ۋە تەئەلانىڭ ئەمىرى بىرلە،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بىرلە،چاھار-يارۇ پاسىبا رىزۋانۇللاھى تائالا ئەلەيھىم ئەجمەئىنلەرنىڭ دۇستانىيلىقى بىرلە ئۇشبۇ مەجلىستە ئولتۇرغان مۆمىن سادىق ۋە مۇسۇلمان مۇۋاپىقلەرنىڭ گۇۋاھلىقى بىرلە،** خان،سىزنىڭ ھەققى مىھرىڭىز ئۆزلىرى پۈتۈشكەن ** ھەققى مىھرىگە تەئىن تاپتى.ئۇشبۇ ھەقلەرگە رازى ۋە راغىپ بولۇپ،ئىككى جاھاننىڭ ھالال جۇپلىقى بىنىيەتى پەرزەنت سالىھ ئۈچۈن،** ئاخۇنغا ئۆزڭىزنى خاتۇنلىققا قوبۇل قىلدىڭىزمۇ؟ سوراق ئۈچ قېتىم داۋاملاشقاندىن كىيىن،"قىلدىم" دىيىلىدۇ.** ئاخۇن،سىز ئۆزىڭىز ھەم ھازىر تۇرۇپسىز،مەنكۇھىڭىز ** خاننىڭ ھەققى،مىھرى ئۆزلىرىڭلار پۈتۈشكەن ** ھەققى مىھرىگە تەئىن بولدى،ئۇشبۇ ھەقلەرگە رازى ۋە راغىپ بولۇپ،ئىككى جاھاننىڭ ھالال جۈپلىقى،بىنىيەتى پەرزەنت سالىھى ئۈچۈن،** خاننى خاتۇنلۇققا ئۆز ئەمرىڭىزگە ئالدىڭىزمۇ؟ ،"ئالدىم" دىيىلىدۇ.
بۇ نىكاھ قۇتبىسى 1994-يىللىق شىنجاڭ ئىجتىمائي پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلىنىڭ 1-سانىدىن ئېلىندى |