- تىزىملاتقان
- 2011-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6339
- نادىر
- 0
- يازما
- 244
ئۆسۈش
26.78%
|
ئوقۇتقۇچىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنى تىلغا ئالساق بەزى كىشىلىرىمىز ئاغزىنى بۇزۇپ تىللايدىغان بولدى، ھەممەيلەن دەيدۇ، ۋاي ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلاردا ساپا يوق،ئۇنداغەي بۇنداغەي. نېمىشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆز پەرزەنتلىرىمىزدىن سەۋەب ئىزدەپ باقمايمىز؟
مەن بۇيەردە مۇئەللىملەر توغرىلىق بىر نەرسە دېيىشىم مېنىڭ ئوقۇتقۇچى بولغىنىمدىن ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈشۈمدىن بولدى.
پەرزەنتىڭىزگە قاراپ بېقىڭ ،ئاندىن بالىڭىز بىلەن بىر سىنىپتىكى دەرستە ياخشى باشقىلارنىڭ پەرزەنتىگە قاراپ بېقىڭ ، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بالىسى دەرستە ياخشى ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇر ئالدى؟لېكىن سىزنىڭ بالىڭىز ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىدى؟
ئوخشاش بىر سىنىپتىكى بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىككى ئوقۇغۇچىسى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمىغان نەتىجىگە ئېرىشتى؟ گۇناھ ئوقۇتقۇچىدىمۇ؟ مېنىڭچە گۇناھ بالىڭىزدا ، ھازىر ئوچۇق ئاشكارا دەۋر ،ئوقۇتقۇچى قەستەن قالدۇرۇۋەتتى دېگەن تەقدىردىمۇ بۇ مۇمكىن ئىش ئەمەس، ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنچىلىك چوڭ ھوقۇقى يوق. ئىمتىھاندا يۇقىرى نومۇرئالغان ئوقۇغۇچى دەرستىىن سرت ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلغان بولۇشى مۇمكىن،ۋە ياكى ئۇ تىرىشچان، ئەگەر بالىڭىزدا تىرىشىش ،ئالغا ئىلگىرلەش روھى رىقابەت ئېڭى بولمايدىكەن ئۇنى ئېينىشتىيىن،نوبېل، ئېدىسوندەك ئالىملار ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ يېتەكلىسىمۇ ئۇ يەنىلا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدۇ.
ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى ھەقىقەتەن ئېغىرلاپ كەتتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق، لېكىن بىر قىسىم ئاتا ئانىلار بالىسنىڭ نەتىجىسى ناچار بولسا ئوقۇتقۇچىدىن كۆرىدىغان بولدى، بۇ ئوقۇتقۇچىلارغا بولغان ئادالەتسىزلىك. بەزى ئوقۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنىڭ ناچارلىقى ئۇنىڭ ئۈگىنىشكە قىزىقماسلىقى ۋە ئويۇنغا بېرىلىپ كېتىشى ۋەياكى باشقا سىرتقى ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز پەرزەنت تەربىيىسدە مەكتەپ ،ئائىلە،جەمىيەت ئورتاق بولغان ئۇنۋېرسال كۆڭۈل بۆلۈش سېستىمىىسى شەكىللەندۈرسەك بىزنىڭ ياش ئۆسمۈرلىرىمىزگە چوقۇم پايدىسى بولىدۇ.
مېنڭچە كونىلارنىڭ ئۇستاز زالىم بولسا شاگىرىت ئالىم بولىدۇ دەيدىغان گېپى ناھايىتى توغرا گەپكەن. ھە دېسە بالىڭىزغا بولۇشۇپ ئوقۇتقۇچىنى تىللىماڭ،ئوقۇتقۇچىنى ھاقارەتلىگەنلىك ئىلىم ئىگىلىرىگە قىلنغان ھاقارەتتۇر. بۇنداق ئاتا ئانا تەربىيلىگەن پەرزەنتنىڭ ياخشى ئادەم بولۇپ يېتىلىشى ناتايىن.
ھۈرمەتلىك ئاتا ئانىلار:
ئازراق ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ پەرزەنتلەرنىڭ ئۈگىنىشىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلەيلى. پەرزەنتىڭىزگە ئانا تىل تەربىيىسى بېرىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ(پەرزەنتلىرى قېرىنداش مىللەتلەر تىلىدا ئوقۇۋاتقانلار)،چۈنكى تەپەككۇرى ئۆلگەن ئادەم جەسەتكە ئوخشايدۇ. پەرزەنتىڭىزنىڭ دەرستە ناچار بولۇشى ئەيىپ ئەمەس، مۇھىمى تىرىشىشتا، قانداق ئۈگىنىشتە، پوزىتسىيەدە، پوزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ. بالىڭىز مەكتەپتە بىلىم ئۈگىنەلمىسىمۇ قانداق ئادەم بولۇشنى ئۈگىنەلىسە بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بايلىق يوق..
|
|