ئەي مۇھەببەت
سېنى كۆرسەم،
سېنى سۆيسەم مەن.
سېنىڭ بىلەن ئۆتسە كۈنلىرىم.
ماڭا بەرگەن مۇھەببىتىڭدە
بىدار ئۆتسە مېنىڭ تۈنلىرىم.
ئەسلىسەممەن شېرىن ھېس بىلەن
چاچلىرىڭنىڭ پال-پال نۇرىنى.
يۈرىكىمگە بەرمەيدۇ ئارام
شېغىنىشنىڭ كۈچلۈك بورىنى.
قەيەردىدۇر ۋىسال مەنزىلى،
يېتەلمىدىم يىراقمۇ شۇنچە؟
ئەي مۇھەببەت، دىللار ئىلاھى
مېنى سەرسان قىلمىغىن بۇنچە؟
ئاپتۇرى:قېيۇم سوپى
مەنبە؛تارىم ژۇرنىلى
|