- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-5-19
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2923
- نادىر
- 1
- يازما
- 108
ئۆسۈش
  30.77%
|
چالا موللام
گەپ سېتىپ ۋالاقشىيدىكەن ،
بىسمىللىسىز تەسۋىيلېرى شاراقشىيدىكەن ،
پەدە باسماي چالغان دۇتتاردەك
مۇڭ رىتىمسىز تاراقشىيدىكەن .
ئىككى سۆزنى ئوڭلاپ قىلالماي ،
كىتابىنى ۋاراقشىيدىكەن ،
ۋاراقشىسا مەيلى ،
داپقا چۈشكەن ماياقتەك سەكرەپ ،
دۇمباقتەك ھۆكىرەپ ،
يېرىم چىلەك سۇدەك شالاقشىيدىكەن .
نەپنى كۆرسە ،
ھەيھات !
پاختەكنى كۆرگەن قۇرغۇيدەك ،
داننى كۆرگەن توخۇيدەك پالاقشىيدىكەن .
مۇللا يوق يەردە موللىكەن
موللا بولسا سۇللىكەن
گاھى خۇدا بىلەن روسۇل
گاھى دۇتتار بىلەن ئۇسسۇل ،
شەيتانلاردەك ئويناقشىيدىكەن .
چالا بۇلا ئوقۇيدىكەن
پوشكالنىمۇ چوقۇيدىكەن
نەپسىگە قۇل بۇلۇپ
دۇنياغا ئۈممەت بۇلۇپ
يالغان پەتىۋا توقۇيدىكەن .
يالغان دىدىڭ دەپ قويسا ،
ئاۋۋال ساقىلىڭىزدا ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ ،
چۈشكەندە ،
بىرنى تۇغقان توخۇدەك قاقاقشىيدىكەن .
ھەممىنى بىلىدىكەن
كۆلگىمۇ سىيىدىكەن
پەتىۋاسى :
كۆلگە سىيمەڭلەر !
كۈن كەچكىچە ماراقشىيدىكەن .
قىلغىنىڭنى قىلمايلى بولدى ،
دىگىنىڭگە كۈنەيلى ،دىسەك
مەمنۇن بۇلۇپ باشنى لېڭشىتىپ
نۇمۇس قىلماي ۋىلىقشىيدىكەن .
***************
كايىمايلى
ھازىر شۇنداق
يىگىت تۇلا بۇرۇت ئاز
توخۇ تولا قۇرۇت ئاز
موللا تولا دۇررت ئاز
بىراق قىيامەت كۈن شۇنداق موللىلار
ساھىلدىكى تاشتەك
ساپايىنىڭ ھالقسىدەك
ھەرقايانغا
جىمى جاھانغا
شاراقشىيدىكەن .
(ئۈزۈڭ ساقلا يارەب )
مەنبە : ئۆزۈم |
|