قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2717|ئىنكاس: 17

مەن نېمىشقا مۇسۇلمان بولدۇم(مۇسئەب)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10885
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 250
تۆھپە : 149
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-20 23:40:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida

مەن نىمىشقا مۇسۇلمان بولدۇم

ئوردوچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: مۇسئەب



مەن 1985-يىلى 20-ئاپرېل ھىندۇستاننىڭ بۇتپەرەسلىكتە داڭق چىقارغان رەشى كېش دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلگەن ئىدىم،مېنىڭ دادام بۇتپەرەسلەر نىڭ مەركىزى (ئاشرام)نىڭ خوجايىنى ئىدى،مېنىڭ بالىلىقىم،ياشلىقىمنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ يەردە ئۆتكەن بولۇپ،ئائىلەمدىن باشلىنىپ،باشلانغۇچ،ئوتتۇرا،ئالى مەكتەپكىچە (يەنى ھەممە ئەتراپىم) شىرىك بىلەن قورشالغان بىر مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىدىم،مېنىڭ بۇنداق مۇھىتتا ياشاپ تۇرۇپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاللاھنىڭ مېنىڭ قەلبىمنى ھەقىقەت بىلەن سۇغىرىدىغانلىقىنى كىممۇ ئويلىيالىسۇن؟ئىلاھى نۇر مېنىڭ ھاياتىنىمنى ئاستىن ئۈستىن قىلىۋىتەلەيدىغانلىقىغا كىممۇ ئىشىنەلىسۇن؟ باياشات تۇرمۇشتا چوڭ بولغان،خوۋلۇقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقمىغان،دۇنيانىڭ ھەر ئاسانلىقلىرى مۇيەسسەر بولغان،مېنى ھىچكىممۇ ھەق يولىدا ھىممەت ۋە سەبىر بىلەن ئىپتىدائى ئىسلامنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان مىسلىسىز قۇربانلىقلىرىنى يەنە بىر قىتىم دۇنيا ئەھلىگە ئەسلىتىپ : «ئىلاھلىق يالغۇز ئاللاھغا خاستۇر‏؟» دەپ جاكارلىيالايدىغانلىقىم كىمنىڭمۇ خىيالىغا كەلسۇن؟
ئالى مەكتەپنىڭ تۇنجى يىلى ھىدايەت مېنىڭ قەلبىمگە ئاستا ئاستا كىرىپ كىلىشكە باشلىغان ئىدى،بۇنىڭ سەۋەبى بولسا:
بىركۈنى دادام ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان بۇتپەرەسلەرنىڭ مەركىزىگە بىر خوتۇن ياش قىزىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇتقا چوقۇنۇشقا كەلگەندە شۇيەردىكى بىر ھىندۇ ئەر، ئايالنىڭ ۋە قىزىنىڭ ئىززىتىگە تىگىدۇ،بىر نەچچە سائەتتە پۈتۈن ئەتراپقا بۇ خەۋەر چاقماق تىزلىكىدە تارىلىپ كىتىدۇ،
بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ،بۇ ئىشنىڭ تەسىرىنىڭ نەتىجىسىدە بۇتقا چوقۇنغىلى ئاشرامغا بارمايدىغان بولىۋالدىم.
بىر كۈنى يالغۇز ئولتۇرۇپ:بۇتخانىلارمۇ ھاۋا ئانىنىڭ قىزلىرى ئۈچۈن بىخەتەر بولمىسا،ھاۋا ئانىنىڭ قىزلىرىغا بىخەتەر دىن، بىخەتەر ماكان بارمىدۇ؟ دېگەن خىياللارنى قىلىپ كۆزۈم ئىلىنىپ قاپتۇ،چۈشۈمدە كۆردۈمكى: مەن بۇتخانىدا چوقۇنۇش بىلەن ئالدىراش، ئىككى ئەر كەينىمگە كىرىۋالىدى،كۆزىدىن شەھۋەت ئوتى يالقۇنجاپ تۇرىدىغان بۇ ئەبلەخلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇش ئۈچۈن قاچتىم،ئۇ ئىككىسى رەزىل ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قوغلىماقتا،مەن قاچا قاچا ھالىمدىن كەتمەكتە ئىدىم، كەينىمگە بۇرىلىپ قارىسام ئارلىق بەكمۇ يېقىن قالغان،مەن بار كۈچىمنى يېغىپ ئالدىمغا قاچتىم، ئالدىمغا قارىسام ئالدى تەرەپتە بىر ئادەم تۇرغۇدەك،ئۇ ئادەم ماڭا: قىزىم مەسجىدكە كىرىۋال،بۇ سېنىڭ ئۆز ئۆيۈڭ، قورقما بۇيەرگە ئۇلار كىرەلمەيدۇ..... مەن مەسجىدكە كىرىشىم بىلەن كۆزۈم ئىچىلىپ كەتتى. ئويغىنىپ كۆرگەن چۈشۈمنى قايتا بىر ئويلاپ چىقتىم: كاللامدا:بۇتخانا، دادامنىڭ دىنى،مەسجىد،پەيدا بولدى،مېنىڭ ئىچىمدىن شۇنداق بىر سادا كەلمەكتە ئىدى: بۇ چۈش،ئەمما ئادەتتىكى چۈش ئەمەس،سەن سورىغان سۇئاللارنىڭ جاۋابى،سېنىڭ گاڭگىرىشىڭنىڭ جاۋابى،سەن ئىزدىگەن ھەقىقەتنىڭ جاۋابى .مەن كۆرگەن چۈشۈمدە ئۆزەمنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ تاپقاندەك بولۇپ كۆڭلۈم يۇرۇپ كەتتى،،مەن ئەمدى كىچىكتۈرسەم مەڭگۈ كىچىكىپ قالىدىغاندەك بىر خىل تۇيغۇدا ئەتە چوقۇم بۇ زۇلمەتتىن چىكىتىشكە بەل باغلىدىم.
ئەتىسى قۇشلارنىڭ سايرىشى بىلەن ئورنىمدىن تۇردۇم،ئۆزۈمنى شۇنچە يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىۋاتاتتىم،تاشتامنى قىلىپ بولۇپ قانداق قىلىپ مۇسۇلمانلار سېپىگە قۇشۇلۇش خىيالى قاللامنى قايدۇرىۋەتتى،شەيتانمۇ بوش كەلمەي ھەر تەرەپتىن ۋەسۋەسە قىلماقتا ئىدى: ساراڭ قىز ئاتا ئاناڭ يا ئەجدادىڭ بىلمەيدىغان،دۈشمىنىڭنىڭ دىنىگە قارىغۇلارچە كىرمەكچىمۇ؟ داداڭ بىلىپ قالسا سېنى ئۆلتۈرىۋىتىدۇ،بۇ يولدىن قايت سېنىڭ دىنىڭ ئەڭ توغرا دىن!
مەن گاڭگىراپ قالدىم،نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ئولتۇرغان ۋاقتىمدا كاللامغا بىر خىيال كەپ قالدى، نېمىشقا چۈشۈمدە كۆرگەن مەسجىدكە بېرىپ باقمايمەن،بەلكىم ئۇ يەردىكى بىرە ئالىم نىڭ پايدىسى يىتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،بۇ خىيالىمدىن ئۆزۈم سۆيۈنگەن ھالدا شەھىرىمىزنىڭ ئاۋات يېرىدىكى چوڭ جامەگە چاپتىم،سائەت 10 لا ئەتراپى بولغاچقا مەسجىدتە ئادەم ئانچە جىق ئەمەس ئىدى،مەن تارتىنىپ مەسجىدنىڭ ئىچىگە قەدەم باستىم،ئالدىمغا ساقال قويىۋالغان بىر مۇسۇلمان چىقتى،
ياخشىمۇسىز؟
ياخشىمۇسىز!سىزگە قانداق ياردىمىم كېرەك؟
مەن ....مەن ئىسلام توغۇرلۇق كەلگەن ئىدىم.... قارشى تەرەپ مەسجىدنىڭ جارۇپى(مەسجىدنىڭ يۈگۈر يىتىم ئىشلىرىنى قىلىدىغان كىشى) بولسا كېرەك گىپىمنى ئاڭلاپ يۈزىدە بىر خىل خوشلۇق ئالامىتى كۆرۈلدى،تەبەسسۇم قىلىپ:
مەن بىلەن مېڭىڭ.
مەسجىدنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان بىر ئىشخانىغا باشلاپ كىردى، نېم ئۈچۈنكى بۇ كىشىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ قەتئى قورقۇش ھېس قىلمىدىم،ئەكسىچە ئۆزۈمنى شۇنداق بېخەتەر ھىس قىلماقتا ئىدىم،بەلكىم بۇمۇ بۇ دىننىڭ ھەقىقى بىر ئىلاھى دىن بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇم. ئىشخانىدا بىر مويسىپىت كىتاپ مۇتالىئە قىلىۋاتاتتى،بۇلارنىڭ چېھرىدىكى نۇرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يەنە بىر قېتىم خاتىرجەم بولدى، مېنى باشلاپ كىرگەن ئادەم مويسىپىتقا كىلىش مەقسىتىمنى ئېيتقاندىن كىيىن، مويسىپىت: ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئىسلامدىن تىنىش(مۇرتەد بولۇش) كەچۈرگۈسىز گۇناھ شۇڭا ھازىر كىتىپ ئوبدان ئويلىنىپ ھەقىقى بىر قاراغا كەلگەندە كىلىڭ قىزىم دېمەسمۇ؟ مەن چىدىمىدىم:مەۋلانا(بايامقى ئادەم مويسىپىتنى شۇنداق چاقىرغانىدى، كىيىن بىلسەم دىنى ئالىملارنى مەۋلانە دەيدىكەن) مەن چۈش كۆرگەن دەپ چۈشۈمنى چالا قويماي ئېيتىپ بەردىم، چۈشۈمنى ئاڭلاپ مەۋلانە نىڭ يۈزىدە تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىر خوشاللىق جىلۋىلەندى،بۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى،
مەۋلانە: ئەمسە قىزىم كەلىمە شاھادەتنى ئېيتامسىز؟
:ئۇ نېمە ؟
:ھەر قانداق مۇسۇلمان بولماقچى بولغان ئادەم ئۇشبۇ كەلىمىنى چىن دىلىدىن ئېيتىپ مۇسۇلمان بولىدۇ قىزىم.
مەۋلانا قىزىغا تېلفۇن قىلدى،ھايال ئۆتمەي قىزى كەلدى، مەۋلانە قىزىغا ماڭا پاك بولۇشنى ئۈگىتىشىنى ئېيتتى،مۇنچىغا بېرىپ پاك بولغاندىن كىيىن،كەلىمىنى ئېيتىپ مۇسۇلمان بولدۇم، ئۆيگە خوشال قايتىپ كەلدىم،ئەمما ئۆيدىكى ماڭا مەرەزدەك قاراپ تۇرغان بۇتنى كۆرگەن ھامان جەھلىم تۇتۇپ ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم،بېرىپ بۇتنى چېقىۋەتتىم،ھېچقانچە ئىش ئەمەسكەنغۇ؟  ئۆيدىكىلەر بۇتنىڭ چېقىلغىنىدىن بەك قورقۇپ كىتىشتى، ئەگەر مۇسۇلمان بۇلۇشتىن بۇرۇن ئېھتىياتسىزلىقتىن بۇتقا سۈرۈلۈپ كەتسەم خۇددى ھازىرلا ئاسماندىن ئازاپ چۈشىدىغاندەك،بۇ بۇت مېنى جازالايدىغاندەك ھېسياتقا كىلەتتىم،ئەمما پەقەت بىر تاش ئىكەن خالاس.
بىر مۇسۇلمانغا ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن سىناقلار پەيدىنپەي كىلىشكە باشلايدىكەن،مۇسۇلمان بولغانلىقمنى بىلىپ دادام ئاچچىغىدا يېرىلىپ كىتەي دەپ قالدى،بىر ھىندۇ ئائىلىسىگە نىسبەتەن مېنىڭ مۇسۇلمان بولۇشۇم بۇ جاھىل كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۆلۈم بىلەن بارابەر ئىش ئىدى،دادام مېنى ئۇردى،ئاچ قويدى،قىينىدى،ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالدى،ئەمما تاللىغان يولۇمنىڭ ھەق ئىكەنلىكىدىن قىلچە شەكلەنمىدىم،دادامنىڭ مېنى دىندىن ياندۇرۇشقا ئىشلەتكەن ۋاستىلىرى كار قىلمىغاندىن كىيىن: كۆزۈمدىن يوقال سەندەك قىزىم يوق، دەپ گەپنى ئۈزىۋەتتى،دەسلەپتە قورقتۇم ئەمما بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ئاللاھدىنمۇ ياخشىراق پاناھ بەرگۈچىنىڭ يوقلىقىنى ئويلىدىمدە ئۇددۇل مەسجىدكە باردىم،تەلىيىمگە مەۋلانا بارئىكەن، بولغان ئىشلارنى ئاڭلاپ مەۋلانا خىيالغا چۆمدى،ھەئە ئۇ بىر ھەمشىرىسىنىڭ تارتقان ئەزىيەتلىرى ئۈچۈن ئازاپلىنىۋاتاتتى،بىر مۇسۇلمان قىزىنىڭ نىجىس مۇشرىكلار تەرىپىدىن خورلانغانلىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئىچىدە ئەلەملىك يىغلىماقتا ئىدى،مەۋلانە نىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن باشقا بىر شەھەردىكى مۇسۇلمان يىگىت بىلەن توي قىلدىم،ھازىر كۈنلىرىم ياخشى،بەخت ئىچىدە ياشاۋاتىمەن،شۇ جاھىلىيەت ھاياتىمنى ئويلاپ ئەگەر شۇ ھالدا ئۆلۈپ كەتكەن بولسام نېمە بولۇپ كېتەرتىم دەپ تىترەك ئولىشىپ،يىغا باسىدۇ،ئاللاھ تائالانىڭ زۇلمەت،ئازغۇنلۇق،شېرىك پاتقېقىدىن گۈزەل ئىسلامنىڭ نۇرىغا ھېدايەت قىلىغىنىغا مىليون قېتىم شۈكۈر ئېيتساممۇ بىكار،
خەير قېرىنداشلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئاداققىچە تۇرىشىمىزغا بىر بىرىمىز گە دۇئا قىلىپ تۇرايلى،دۇنيانىڭ بىر چېتىدە بىر ھەمشىرەڭلارنىڭ بارلىقىنى دۇئايىڭلاردا  ئۇنتۇپ قالماڭلار!.
 
 (فاتىمە)
ئەسەرنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقى ھەر بىر قەلبى ئاللاھ دەپ سوقىدىغان مۇسۇلمانغا مەنسۈپ!.
مۇسئەب
مەدىنە مۇنەۋۋەرە
2012-11-20
   ‎‎ ‎‎         
ئۆزەڭدە يوق ئالەمدە يوق!!!

56

تېما

2

دوست

8035

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   60.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2937
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1513
تۆھپە : 1472
توردىكى ۋاقتى: 1914
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:02:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت .  بىر ئاز ھاياجانلىنىۋاتىمەن .
ماۋۇ سنىدا يەنە بىر ھىندى ئايالنىىڭ ئىمان ئىتقان كۈرنىشى باركەن 

  http://v.youku.com/v_show/id_XMjg1MjM1NjI0.html
قۇتلان تېلفۇنلىرى

15

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9220
يازما سانى: 1048
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1349
تۆھپە : 2070
توردىكى ۋاقتى: 1673
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 11:02:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم قېرىنداش ئىنىم مۇسئەب-!!!
سىزنىڭ ھەق ئۈچۈن سوقۇپ تۇرغان يۈرۈگىڭىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.
ھەققە ئنىتىزار ئاۋامنىڭ تىۋىشىنى ھىس قىلغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

0

تېما

0

دوست

1606

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   60.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10230
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 260
تۆھپە : 319
توردىكى ۋاقتى: 173
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 12:14:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ھاياجانلاندىم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشم.

256

تېما

24

دوست

6 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 2926
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14432
تۆھپە : 10406
توردىكى ۋاقتى: 3634
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 12:30:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسئەپ بۇرادەرنىڭ قەلىمىگە بەركەت تىنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن ، زادى قانچە تىلنى بىلىسز ئەرنىڭ ،

دىنىم ئىسلام مىللىتىم ئۇيغۇر

7

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئىشەنچىلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3877
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3740
تۆھپە : 2650
توردىكى ۋاقتى: 486
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28

قىزغىن ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 13:01:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  بەك  ھاياجانلاندىم  ھەم بەك  تەسىرلەندىم  .........ئىمانىمنى  تىخىمۇ  مۇستەھكەم  قىلىشقا  تىرىشىمەن.........................

@人不应该放弃,而更

2

تېما

1

دوست

1884

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8717
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 309
تۆھپە : 383
توردىكى ۋاقتى: 301
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 16:00:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
.........ئىمانىمنى  تىخىمۇ  مۇستەھكەم  قىلىشقا  تىرىشىمەن
@人不应该放弃,而更应该坚持到底,因为,风雨后的太阳更美丽!!!!!

0

تېما

1

دوست

6854

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.08%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9775
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1354
تۆھپە : 1219
توردىكى ۋاقتى: 591
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 17:50:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەچچە كاپىرنىڭ مۇسۇلمان بولغىنى شۇنچە داغدۇغا قوزغايدۇ يۇ ، ئەتراپىمىزدىكى شۇنچە كۆپ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگە كاپىرلىشىپ كېتىۋاتقىنى داغدۇغا قوزغىمايدىغاندۇ... ئاجايىپ دۇنيادە بۇ..  ئۇلۇغ ئاللاھ ھىدايەت ئاتا قىلغايسەن...
تىرىشىمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )