- تىزىملاتقان
- 2011-3-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 125
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
  41.67%
|
باغلار مېنى يەكلىدى،تاغلارغا چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم.
خەنچىكۇغا كىرىش بېلىتىگە پۇلۇم يوق،ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش پىلانى ئىقتىسادىمنى جانلاندۇرالمىغان بولسىمۇ،پۇل تېپىش ئىستىكىمنى جانلاندۇرۋەتتى.بىر بۇلۇڭدا تاشلىنىپ قالغان قاڭغا ھارۋىنىڭ چاقىنى ساتماقچى بولدۇم.ھەئە،راست ئۇنى ئاللىبۇرۇنلا سېتىپ دوستلىرىمغا زىياپەت بەرگەنىدىم ئەمەسمۇ؟تۇگمەن تېشى نەگە كەتكەندۇ؟
تۇگمەن تېشىنى ساتقان پۇلغا ئىتالىيەنىڭ داڭلىق كاستىيۇم-بۇرۇلكىسىدىن ئالدىم.كىشىلەر ئىسىل كىيىنگەن بىر دىۋانە كوچىلاردا ئايلىنىپ يۇرۇيدۇ دىيىشتى.بۇ دىۋانە مەن ئىدىم.
ئۇچامدا ئىسىل ماركىلىق كىيىملەر،قولۇمدا لاۋرىنىس ماركىلىق قول سائىتى.لېكىن مەن يەنىلا شۇ قەدەر گاداي.
خۇددى رىم ئېكىنزارلىقلىرىدىكى ئالتۇن چەمبىرەكلىك خاس چاكارلاردەك.
مەن يەنىلا ئالدىمغا قاراپ ماڭدىم،كەچكۇزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئاپتىپى ئۆزىنىڭ سۇس نۇرىنى ماڭىمۇ چېچىپ ئۆتۇپ كەتتى. |
|