- تىزىملاتقان
- 2012-8-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4066
- نادىر
- 0
- يازما
- 196
ئۆسۈش
  68.87%
|
ھۆر گۈزەل جانان تۇرار شەمشەر ئېسىپ ھەيۋەت بىلەن ،
سېغىنىپ ئۆز يۇتىنى چەكسىز مىھرى-شەپقەت بىلەن .
تۆكتي قان شۇقىز ئۈچۈن خاقان قىرىپ پۇخرانى كوپ ،
سۈرگىلى كەيپ - ساپا ئىشرەت بىلەن ،شەھۋەت بىلەن.
تەلپۈنەر راۋاقتا قىز ئۆزيۇرتىغا غەمكىن بېقىپ،
كىيىمى قانغا بويالغان يىغلىغاچ ھەسرەت بىلەن .
قاخشىتىپ ئەپكەلدى خان شۇ قىزنى خان دىيارىغا ،
تەڭرىتاغ قالغان غەزەپتە بوغۇلۇپ نەپرەت بىلەن.
............................................
باھار نۇرلىرىدا جانلانغان دالا،
جىگدىلەر چۈمۈلدى چاچقان پۇراققا.
گۈپۈلدەپ ئۇرۇلغان جىگدىنىڭ ھىدى،
ھالقىپ تەڭرىتاغدىن كىتەر يىراققا.
ئۆتمۈشتە بۇ ئانچە قەدىم چاغ ئەمەس،
قەشقەردىن چىققانتى بىر ئۇيغۇر قىزى.
ئىسمىدۇر ئىپارخان ،گۈزەللىكتە ئۇ ،
پۇراقتىن ئېچىلغان چىچەكنىڭ ئۆزى .
پوزەك قىلىپ بولامدۇ باتۇر مىللەتنى ،
ئىپارخان شۇلارنىڭ ياخشى ئۈلگىسى.
.....................
ھەقىقى تارىخنى چۈشەنسە كىشى ،
يەتتە قىز نۇزۇكتەك تۆكۈلگەن يېشى .
|
|