- تىزىملاتقان
- 2012-8-5
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6562
- نادىر
- 0
- يازما
- 500
ئۆسۈش
  31.24%
|
1. ساقلىق تىلىسەڭ كەم يە ، ئىززەت تىلىسەڭ كەم دە .
2. ئىچىملىككە مۇزنى كۆپ ئىشلەتكەن يامان ، چۈنكى ئاندىن نېرۋىلىرىڭ تاپقاي زىيان .
3. بەزىلەر تاماقلىنىش ئۈچۈن ياشايدۇ ، مەن بولسام ياشاش ئۈچۈن ئوزۇقلىنىمەن .
4. ئاشقازان كىچىك تاشنى ئەمەس ، بەلكى ئۆز كۈچى يېتىدىغان ئاشنى ھەزىم قىلىدۇ .
5. ھەرقانداق ئادەمنى تەبىئىتىدە ھارارىتى ئۈستۈن بولسا ، ئازغىنە ئىسسىقلىقمۇ ئۇنى كېسەل قىلىدۇ .
6. ياخشى سۆز قىلغۇچى ئۇستا تىۋىپ بەدەندىكى كېسەللىك ئۈچۈن شىپادۇر ، ئۈندىمەس ۋە يارامسىز نادان تىۋىپ ئادەملەرنىڭ جېنىغا بالادۇر .
7. يىگەن تاماقلىرىڭ ھەزىم بولماي تۇرۇپ ، يەنە يەپ ، بەدىنىڭنى ئارتۇقچە يۈك ئاستىغا قالدۇرغۇچى بولما .
8. ئەگەر سەن ھىكمەتتىن بولساڭ خەۋەردار ،
ساقلىقىڭنى ئويلىغىن كۆپ يۈرمە زىنھار .
غىزانى ئىستىمال ئەيلىگىنىڭدەك ،
قارنىڭ راسا تويۇپ كەتمىسۇن مۇتلەق .
ئازراق يىسەڭ تېزرەك ھەزىم بولىدۇ ،
بەدىنىڭ ساق بولۇپ كۈچكە تولىدۇ .
9. ئاز يىگەن ئاز يىقىلۇر .
10. كۆپ يىيىش بىلەن بولمىغىن ھايۋان .
11. ئاڭلىماي سۆزلىگەنلەر ، ئاغرىماي ئۆلەرلەر .
چاينىماي يىگەنلەر كۆشىمەي كېتەرلەر .
12. ھېكمەت قانۇنىدىن بويۇن تولغىما ،
شېرىنلىك كۆپ يېمە ۋە سوراقلىما .
ھارارەت كۆپىيىپ ئۇنىڭدىن شۇئان ،
جېنىڭ ئاغرىپ يۈرەك بولۇر ناتىۋان.
قوغۇن بىلەن بىللە يېمىگىن ھەسەل ،
گەر يېسەڭ ئەلۋەتتە بولۇرسەن كېسەل .
ئەنجۈر بىلەن سۈتنى ئارىلاشتۇرما ،
زەھەر بىلەن ئۆزۈڭنىڭ باغرىنى تىلما .
< لەززەت سىرلىرى > ناملىق كىتابتىن |
|