‹‹قۇتادغۇ بىلىك››نى قانچىلىك چۇشىنىمىز؟
ئۇيغۇرنىڭ مىللى مائارىپ تارىخى،ئىدىئولوگىيسدە قۇرئان كەرىمدىن قالسا ئەڭ مۇھىم بولغان ،شۇنداقلا ئەڭ نوپۇزلۇق مىللى ئەسەر بولغان قۇتادغۇ بىلىكنىڭ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئاڭ –تەپەككۇر قاتلىمىدىن ئايرىلىپ قىلىشى يەنە بىر يوقۇتۇش. يېقىندا ئىرپان شركىتى قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئاۋازلىق نۇسخسنى بازارغا سىلىپ قىزغىن ئالقىشقا ئىرىشتى.بۇ قۇتادغۇ بىلىكنىڭ بازارلىششى،ئىجتىمائىيلىششىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.دىيارىمىزدا قۇتاد بىز مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى،قۇتادغۇ بىلىك كىتابخانىسى تەسس قىلىنىشى،تۇركىيەدىكى قۇتادغۇ بىلىك مەكتىۋىنىڭ قۇرۇلۇشى ،دىگەنلەر ھەممىسى ئۆتكۇرلەر ئارسىدا قۇتادغۇ بىلىك نى تونۇش قىزغىنلىقىنىڭ باشلىنىشى.
قۇتادغۇ بىلىك تە زادى نىمە سۆزلىنىدۇ؟ئۇ بىزگە نىمىلەرنى ئىلىپ كەلگەن؟ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزدىكى ئورنى نىمە؟
ئۇنىڭ بۇگۇنكى تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئەھمىيتى بار؟
قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئىلمى قىممىتى نىمە؟-دىگەنلەرنى چۇشىنىش بىز ياشلار ئۇچۇن بەك مۇھىم بولسا كىرەك.
ئەگەر قۇتادغۇ بىلىك ھەققىدە نوپۇزلۇق ئىلىم ئەھلىدىن مىغىزلىق ۋە ئىخچام بىلىم ئاڭلىماقچى بولسڭىز،ئەدەبىياتشۇناس،پىروففىسور،دوكتۇر يتەكچىسى،شنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسنىڭ رەئىسى ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان ئەپەندىنىڭ نەق مەيدان لېكسيىسگە ياكى لېكسيەدىن كىينكى سىنئالغۇ فىلىمىگە مەرھەمەت.
لىكېسيە تېمىسى:قۇتادغۇ بىلىك
لېكسيە بەرگۈچى:پىروففىسور ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان
لېكسيە مۇنبىرى:ئۇيغۇر ئالىملار مۇنبىرى
پىلانلىغۇچىلار:تاھىر ئىمىن،پەخردىن قارلۇق
ئۇيۇشتۇرغۇچى:شنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شركىتى
قوللىغۇچى:شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى
لېكسيە ۋاقتى:2012-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى (دۈشەنبە)
لېكسيە ئورنى:قارلۇق شركىتى يېغىن زالى (يەنئەن يولى شنخۇۋا كىتابخانىسى 4-قەۋەت)
|