قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: moghul

ئۇيغۇرلاردا ئەمەلدارلىق ۋە ئەمەلدارلىق قارىشى توغرىسىدا (1)  (موغۇل)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

1

دوست

7271

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.42%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 633
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 1774
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 15:34:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزا رەھبەرلىك قاتلىمىنى تەھلىل قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى بولغان ناھىيە رەھبەرلىك قاتلىمىغا قاراپ بېقىڭ، ناھىيە رەھبەرلىك قاتلىمىغا قاراپ بېقىشتىن بۇرۇن، ۋىلايەت رەھبەرلىك قاتلىمىغا قاراپ بېقىڭ، يەنە ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغا قاراڭ، مەركەزنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىغىمۇ قاراپ بېقىڭ.
يېزىدىكى 1-قول رەھبەرلەرنىڭ باشقىلاردىن بۇلىشىنى تەبىئى ھالدا يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك قاتلىمى بەلگىلەپ قويىدۇ، مىللىلاردىن قانۇنى ۋەكىل بولغانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىنى بېجىرىشتە ۋە نۇرغۇن تۈر مەبلىغى، ياردەم مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چوقۇم ناھىيە دەرىجىلىك رەھبەرلەرنى ئىزدىشى كېرەك، ناھىينىڭ باش رەھبەلىرى ئارىسىدا يەنە باشقا مىللەتتىن بولغان رەھبەرلەرنىڭ پىچىقى بەكرەك كىسىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئەلۋەتتە ئۆزلىرىدىن بولغانلارنى بەكرەك قوللايدۇ، شۇلار كەلسە ئىش ئاسان ھەل بۇلىدۇ، ياخشى ھەل بۇلىدۇ، بىزنىڭ باشلىقلىرىمىز بولسا ئىشك تۈۋىدە ساقلايدۇ، ئاخىرى ئاغزىغا ئىمزگىنى ئەمگەن ھالدا يېنىپ كىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تەدرىجى ھالدا ھوقۇق ئىشنى ۋاقتىدا بېجىرگۈچى، يۇقۇرى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ئادەمگە مەركەزلىشىدۇ، ئەگەر قانۇنى ۋەكىل بەكرەك ئالدىغا چىقىۋالسا يۇقۇرقىلار دىگەندك ئوقۇشقا ئەۋەتىلىدۇ ياكى ۋەزىپە ئورنى يۆتكىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك ئۇرۇنلار، ۋىلايەتنىڭ ئاغزىغا، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلار ئاپتونۇم رايۇننىڭ ئاغزىغا قارايدۇ، ئاپتۇنۇم رايۇن مەركەزنىڭ ئاغزىغا قارايدۇ. ۋەزىپە، مۇناسىۋەت تەرتىپى ئاساسەن ئوخشاش بۇلىدۇ. رەھبەرلىك قاتلىمىدا مىللى رەھبەرلەرنىڭ قانچىلىك بۇلىشىنى بىر دەرىجە يۇقۇرى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك ئۇرۇنلار بەلگىلەيدۇ.
بىر نەچچە يىل ئىلگىرى پىچىقى كىسىدىغان، غۇرۇرى كۈچلۈك 1- قول مىللى رەھبەرلىرىمىزدىن خېلى كۆپ ئىدى، ئۇلار ھازىر پىسىيگە چىقىرىۋىتىلدى ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق كومىتىتى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى دىگەندەك ئورۇنلارغا تەڭ دەرىجە بىلەن يۆتكىۋېتىلدى، يەنە ئاز بىر قىسىملىرى خاتالىشىپ تەكشۈرۈلۈپ چىرىك ئەمەلدارغا ئايلاندى، يەنە بەزىلىرى سىياسى جەھەتتە خاتالىشىپ  ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.
يۇقارقى ئەھۋاللارنى كۆرگەن ئاڭلىغان بىزنىڭ ھازىرقى بىچارە مىللى رەھبەرلىرىمىزنىڭ يۈرىكى مۇجۇلۇپ بەكرەك گەپ قىلغۇدەك ھالى قالمىدى، ياكى ۋىجدانى ئويغۇنۇپ مەنسىپىدىن كىچىپ مەيدىسىنى كېرىپ چىقالمىدى، ئۇلارغىمۇ ئامال يوق، شۇنچىلىك ئەمەلگىمۇ مىڭ بىر تەسلىكتە ئاران دىگەندە ئىرىشكەن. سېكرىتارنىڭ چىشىغا تىگىپ قويسا ئاقىۋەتنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ئەگەر بىز مىللىلاردىن سېكرىتار سايلاپ قويسىمۇ ئىش يەنە ئۆزگەرمەيدۇ، مىللى رەھبەرنىڭ لاتا پىچاق بۇلىشى ئېنىق.
قانداق قىلىمىز ؟ يا بىز ئومۇمى ئاۋاز بىرىپ باشلىق سايلىيالمىغاندىكىن. بىز سايلاپ بەرگەن ۋەكىللەرمۇ بېشىنى باغلاپ يىتىلەككە ئۆگەتگەن ئىشەكتەك، ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلالمايۋاتسا، قەلەم بىلەن سايلام بېلىتىنى بەرسىمۇ بېلەتكە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى ئادەمنى يازالمايۋاتسا، قۇرۇلتاي مۇزاكىرىسىدە ۋە پىكىر ئالغاندا ساپالىق بىرەر پىكىر يازالمىسا، ئۆز قەۋمىنىڭ دەردى ھالىنىمۇ دوكلات قىلالمىسا؟
بولدى تالاشمايلى، مىڭ تالاشقان بىلەن بىكار......
سىز بىلەن بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىكىدەك ئادەملەر ھەرگىز باشلىق بۇلالمايدۇ.

0

تېما

0

دوست

4104

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10898
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 1063
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 18:25:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئۇيغۇرلاردا ئەمەلدارلىق ۋە ئەمەلدارلىق قارىشى توغرىسىدا (1)  (موغۇل)

بۇ مەزمۇن 33قەۋەتتىكى isyankarmanدە2012-12-14 15:34يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

.......  

بۇرادەر، پىكىرلىرىڭىزغۇ قارىماققا خېلى ئورۇنلۇقتەك، لېكىن، "مىڭ قىلغان بىلەن بىكار"دىگەن مۇشۇ گەپنى قىلمىسىڭىز...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

4104

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   70.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10898
يازما سانى: 469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 200
تۆھپە : 1063
توردىكى ۋاقتى: 138
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-14 18:32:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئۇيغۇرلاردا ئەمەلدارلىق ۋە ئەمەلدارلىق قارىشى توغرىسىدا (1)  (موغۇل)

بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى suydongpolkiدە2012-11-23 10:46يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مېنىڭچە، مەسىلىنىڭ تۈگىنىنى سىيساسى تۇزۇلمىنىڭ شىنجىاڭدىكى يۇرۇشۇش مىخانىزىمى بىلەن ئەشۇ مىللى باشلىقلىرىمىزنىڭ   ئوزىدىكى ۋىجدانى ۋە غۇرۇرىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن ئىزدىسەك بولىدۇ.  

مېنىڭچە، مۇشۇ ئىنكاسنىڭ ۋەزنى بىر قەدەر يۇقىرى ئىكەن . مېنىڭچىمۇ ئاساسى سەۋەب شۇ . شۇنىسى ئېنىقكى، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەمەلدارلاردا مەسىلە خېلىلا ئېغىر . بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت . ھەر جەھەتتىن يېتىلگەن كىشىلىرىمىزگە ھوقۇق بېشىغا چىقىشى نېسىپ بولماستىن ئەكىسچە كۆپىنچە ماڭقۇرت نان كۈچۈكلىرى، خوشامەتچى، تەخسىكەش، لامزەللىلەر... ھوقۇق بېشىغا چىقىپ قېلىۋاتقاچقا ئۆز خەلقىگە ئىگە چىقىدىغان ئادەم يوق بولۇپ قېلىۋاتىدۇ...

0

تېما

0

دوست

98

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12984
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 13
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:11:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولغاندا : بىز  ئويغۇرلار  ئەمەلخۇمار خەق ئوخشايمىز   ھۇقۇق ئوتمىسىمۇ خەلىق ئۇچۇن ئەمەس بەلكى ئوزمىزنىڭ نام ئابرۇيى ئۇچۇن پوقەت ھاراق سورونلىردا پۇكۇنى ئىدارىنىڭ باشلىغى پۇستانى جۇجاڭ دەپ تۇنۇشتۇرۇشتىن پەخىرلىنىپ كىرلىپ ئولتۇرۋېلىش ئۇچۇنلا ئەمەل تۇتىدىغان ئوخشايمىز
يامغۇر007

0

تېما

0

دوست

98

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12984
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 13
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:24:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوتمىگەن ھۇقۇققنى تۇتقاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى بولسۇن     مىنىڭ خۇتۇنۇم جېنىدا ئويدىكى چېيداوۇ ئوتمەي قالسا تاشلىۋاتىدۇ
يامغۇر007
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )