- تىزىملاتقان
- 2012-11-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1699
- نادىر
- 0
- يازما
- 29
ئۆسۈش
  69.9%
|
توردىشىمىز بىلگەجان ۋە باشقا تورداشلىرىمنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت.بالا ھازىر 10ياشقا كىرىپ قالدى.بالىنى ئاپىسى تەستە كۈتۈرىدۇ،بالىنىڭ تامىقى،چوڭ-كىچىڭ تەرىتى جايىدا ،تەرەتنى بىزنىڭ ياردىمىمىز بىلەن قىلىدۇ،پۇت-قۇلىنى ئۈزى ھەركەتلەندۈرەلەيدۇ.لېكىن كۈچ يوق،يەرگە دەسسىيەلمەيدۇ،چاقلىق ھارۋابىلەن بىز ئىتتىرىپ ماڭىمىز.قۇلىنى شىرەنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ قويساق ئۈزى تاماقنى تەستىرەك يەيدۇ،كومپىيۇتېردا ئۇيۇن ۋە شاھمات قاتارلىقلارنى خېلى ياخشى ئوينايدۇ.خەتنىمۇ تەستىرەك قۇلىنى ھەركەتلەندۈرۈپ يازىدۇ.كىتاپنى ياخشى ئۇقۇيدۇ.كىچىسى ئۇخلىغاندا ئوڭ-سولغا بىز ئۆرۈپ قۇيىمىز بولماسا ئۈزى ئۆرۈلەلمەيدۇ.ئولتۇرغۇزۇپ قويساق ئولتۇرىدۇ لېكىن بەك ئاسان يېقىلىپ چۈشۈپ ئولتۇرالمايدۇ.ئاپىسى ھازىر خىزمەتتىن توختاپ بالىغا قاراۋاتىدۇ.بىكار ۋاقىتلىرىدا ئۇۋۇلاپ قۇيىدۇ.بىز بالىغا ئاقسىل بىلەن ۋىتامىن Dنى بىرىۋاتىمىز.داۋالاشقا پايدىسى بۇلارمىكىن دەپ بالىنىڭ ئىلگىركى ۋە ھازىرقى بىرقانچە پارچە سۈرىتىنى ۋە دوختۇرخانىنىڭ دىئاگنۇز قەغەزلىرىنى يوللاپ قويدۇم.ھەممىڭلارنىڭ تىنىگە ئاللادىن سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.ئامىن |
|