سياسەتكە قىش ياز يوقكەن بۇگۇن بىر ئىشقا تازا قۇرسۇقۇم كۈپۇپ، زادى بۇلالماي بۇ تىمىنى يوللىۇدۇم. بۇيىل يۇرتىمىز دا قىش بالدۇر كەلدى، كەلگەندىمۇ بىر ئاي بۇرۇن كىلىپ، 11-ئايغا10بولمايلا زىمىستان قىش بۇلۇپ كەتتى. توۋا دەي...... 3-4كۇن بۇلۇپ قالدى، باشلانغۇچتا ئۇقۇيدىغان ئوغلۇمغا مەكتەپتىن مەكتەپ كىيىمى كەيگۇزۇپ قۇيۇپتۇ(مەكتەپ فۇرمىسى)، تېخى ھەقسىز فورمىكەن، تېخى بىلمەي مائارىپىنى تەكشۈرۇپ كىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. مائارىپىنى تەكشۇرسىلا بالىلارغا مەكتەپ فورمىسى كەيدۇرۇدۇ ئەمەسمۇ؟ بالامدىن....بالام قاچانغىچە كىيەسىلە بۇ يېلىڭ كىيىمنى؟ دىسەم، ئۇقمۇدۇم،،،دىگەنتى. مۇشۇنداق تاڭ-تاڭ سۇغۇقتىمۇ، مۇشۇنداق نىپىز كىيىمىنى كەيدۇرۇپ قۇيامدۇ؟ دەپ سەل ئاچچىقىىم كىلىپ، مۇئەللىمنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ،،،سالاملىشىپ بۇلۇپ،،،،، مۇئەللىم يېقىندا تەكشۈرەش بار ئوخشىمامدۇ؟ دىسەم،، مۇئەللىم ياق،،،،تەكشۇرۇش يوق دەيدۇ. بۇ سۇغۇقتا نىپىز كىيىمنى قاچانغىچە كىيەربالىلار دىسەم..... بۇنىدىن كىيىن مۇشۇ كىيىمىنى كىيىدۇ، مائارىپ نازارىتىدىن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چۈشتى دەيدۇ. ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ مۇئەللىم بىلەن خوشلاشمايلا كىتىپ قالدىم. تورداشلار دەپ بېقىڭلار؟ مۇشۇ سۇغۇقتا بالىلارغا نىپىز يازلىق كىيىم كەيدۇرۇپ قۇيۇشقا مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چۇشۇرۇپتۇ. شۇڭا ئويلاپ قالدىم. سىياسەتكە قىش -ياز بولمايدىكەن. ئىسسسىق ئىشخاندا ئولتۇرۇپ، ئۇقتۇرۇش دىگەننى چۇشۇرۇۋىرىدىكەن. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ماشىندا ئاپىرىپ -ئەكىلىدۇ ھەقاچان؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ بىچارە پۇقرانىڭ باللىرى قىشلىقتا نىپىز چاپان كىيىپ سۇغۇقتا تىترەپ مەكتەپكە بېرىپ كىلىدۇ. بۇنداق دىسەم يەنە نەچچىڭلار.............سۇغۇقتىىن ساقلىنىش كىيىمى كەيسۇن دەيسىلەر ھەقاچان. |