- تىزىملاتقان
- 2011-6-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5574
- نادىر
- 0
- يازما
- 230
ئۆسۈش
  11.48%
|
دوستلار سەمىميلىك بىلەن مەسلىھەت سورىغاندىكىن چاقچاقنى قويۇپ سەمىيمىي مەسلىھەت بىرەيلى !
مېنىڭچە سىزنىڭ شىركەت قۇرۇشقا يىتەرلىك مەبلىغىڭىز بار لېكىن تۇرنى تاللاپ بولالمايۋاتقان بولسىڭىز ئاۋال بازار تەكشۈرۈڭ ! بازاردا نىمە كەم ، نىمە ئىشلىسىڭىز ئەڭ ئاسان بازار ئاچقىلى بولىدۇ ؟ دىگەنلەرنى ... شىركەت ئېچىش ئاسان ئىش . سودا - سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىدا ۋاكالىتەن بېجىرىپ بېىرىدىغانلار بار . پۇلنى بەرسىڭىزلا سىزگە شىركەتنىڭ پۇتۈن رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ 15 كۈن ئىچىدە قولىڭىزغا بىرىدۇ . ئەگەر بوغالتىرىڭىز بولمىسا ئۇلار سىزگە مالىيەرىڭىزنىمۇ باشقۇرۇپ بىرىدۇ ( ئەلىۋەتتە ھەق ئالىدۇ ، كىرىمىڭىز يوق چاغدا ئايلىقى 300 يۈەن ئەتىراپىدا ، كىرىم قىلىشقا باشلىغاندا باشقىدىن مۇزاكىرلەشسەڭلار بولىدۇ ) . لېكىن شىركەتتە ئىش باشلاش ھەم يولىغا چۈشۈرۈش ئانچە ئاسان ئەمەس . ئەگەر بازارنى ياخشى تەكشۈرۈپ ياخشى پىلانلىيالىسىڭىز بەك تەسمۇ ئەمەس . ئامال بار بوشلۇق بار بىرەر ساھەدىن چۈشسىڭىز ياخشى ، تۇنجى بازارنى سىز ئېچىۋالىسىز دىگەن گەپ ، ئەگەر خەق قىلىۋاتقان بىرەر تۈرنى مەنمۇ قىلىپ باقاي دىسىڭىز بازار ئېچىش يولىدا كۆپىرەك جاپا تاتىدىغان گەپ . ئەلىۋەتتە ئىگىلىك تىكلەش كۇرۇسلىرىدا ئازىراق دەرس ئاڭلىغىنىڭىزنىڭ پايدىسى ناھايتى يوقىرى بولىدۇ . يىتەرلىك ۋاقتىڭىز بولسا ئاۋال ئىگىلىك تىكلەش كۈرۈسلىرىغا قاتنىشىپ بولۇپ ئاندىن تۈر تاللاپ ، شېركەت ئاچقىنىڭىز تېخمۇ ياخشى .
مېنىڭ مۇشۇنچىلىك مەسلھەت بىرىشكە كۈچۈم يەتكۈدەك، قالغىنىنى باشقا قېرىنداشلار تۇلۇقلاپ قويار ،،، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ! |
|