قۇمۇلدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈچەي شام ياساش ۋارىسى
"ئۈچەي شام' ياساش ۋارىسى (جۇ يۈ فوتوسى)
ئۈچەي شام؟ ھازىر ئۇنى ئاساسەن ھېچكىم ئىشلەتمەيدۇ، بىراق، قۇمۇل تاغلىق رايونىدىكى ئۇيغۇر چارۋىچى بوۋاي بۇ خىل شامنى ياساشنى بىلىدۇ. دېدى قۇمۇل شەھەرلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۇنۇس ئىبراھىم مۇخبىرغا. بۇ بوۋاينىڭ ئىسمى يۇنۇس مەمەتنىياز 91 ياشقا كىرگەن، تاشۋېلىق يېزىسى شوپۇل كەنتىدىن، نۆۋەتتە، ھايات تۇرغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈچەي شام ياساش ۋارىسى.
ئۈچەي شام زادى قانداق؟ ياشانغان بوۋاينىڭ ئۈيىدە بۇ خىل شام يوق ئىدى، شۇنداقلا سالامەتلىكى يار بەرمىگەنلىكتىن ياساپ بېرىشكىمۇ ئامالسىز ئىدى، بىراق قۇمۇل شەھەرلىك غەيرىي ماددىي ـ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىدە، مۇخبىر بۇ خىل شامنىڭ سۈرىتىنى كۆرگەن بولۇپ، «ئۈچەي شام» سىرتقى قىياپىتىدىن قارىغاندا ئادەتتىكى شامغا ئوخشايتتى.
«ئۈچەي شام»
مەنبە: خەلق تورى |