مىراس قالدى ساڭا بۈگۈن نېمىلەر،
بۈركۈت كەبى پەرۋاز قىلغان ئاتاڭدىن.
سوراپ باققىن نەسەبىڭنى ئۇيالما،
ئېگىز ھەم پەس دەسسەپ يۈرگەن بالاڭدىن.
ئۇ بىلىدۇ نىمىلەرنى سوراپ باق،
قانداقلىقى چىقىپ تۇرار« ئاھاڭدىن».
چايناپ تۇرار ئۆز سۆزىدە تىلىنى،
قان كېتىدۇ ئاڭلاپ قالساڭ ياراڭدىن.
مىنەلەمدۇ ئاتاڭ مىنگەن ئاتلارنى،
ئاشالامدۇ ئېگىز-ئېگىز تاغلاردىن.
ۋەتەن ئۈچۈن تۇتالامدۇ ياراقنى،
سواپ باققىن غەمسىز يۈرگەن بالاڭدىن.
شۇندا سوراي مەنمۇ سەندىن بىر سوئال،
«ئاكاڭ»چوڭمۇ ياكى سېنىڭ ئاتاڭدىن.
ھەر ماڭدامدا تىۋىنىسەن نەپسىڭگە،
نىمە پەرقىڭ مۇنداق يۈرسەڭ ساراڭدىن؟
باك ئەمەستۇر سۇنىڭ بېشى بىلگەنسەن؟!
ئۆز جىسمىڭنى سۈزگىن ئاۋال پاكلانغىن.
ئويلاپ باققىن تۇرۇپ ھەمدە سۈكۇتتە،
قوشۇۋالدىڭ لاي-لاتقۇنى نەلەردىن؟
ئۈلگە بولۇش ئاتىلارنىڭ شەرىپى،
ئاق قەغەزدەك غۇبارسىز پاك بالىغا.
تەم بولۇشنى تەمسىز ئاققان ھاياتقا
ئۆگۈتەلمەي يۈرسەڭ قەندەك بالاڭغا
نىمە پەرقىڭ ئېغىلدىكى كالاڭدىن؟
يامانلىما شۇڭا ساڭا تەۋسىيە،
سېنى ئىزلاپ يىلتىز تارتقان سايەڭدىن.
ئۇلۇغلىغىن ئۆزلىگىڭنى خارلىما
خوش ھىد چاچۇر چوقۇم بىر كۈن ئاينىسا،
شۇندا چوقۇم خۇش بولىسەن بالاڭدىن.
تۇرغۇن نېرىنكىر |