- تىزىملاتقان
- 2011-4-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3421
- نادىر
- 0
- يازما
- 73
ئۆسۈش
  47.37%
|
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى matimatikaدە2012-11-08 22:09يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
يەر- جاي ناملىرى ئاساسەن شۇ يەرنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولمىش مىللەتنىڭ قويغان ئىسمى بىلەن ئاتالغان بولىدۇ ؛ باشقا يات مىللەتلەر شۇنى ئاھاڭى بويىچە بۇزۇپ تەلەپپۇز قىلىدىغان ئەھۋال كۆپرەك ئۇچرايدۇ. شۇ مەنتىقە بويىنچە بولغاندا ، بۇ تېمىدا دېيىلگەن توغرا بولىشى مۇمكىن. «شىڭ- شىڭ» دېگەن تەقلىتكە «ساي» قوشۇلۇپ « شىڭ- شىڭ ساي » ئاتالغان بولىشى ، ئۇنى خەنزۇلار «ئارا يۈلتۈز» مەنىسىدىكى «شىڭ شىڭ شىيا» دەپ تەلەپپۇز قىلغان ، بىز يەنە خەنزۇچە ئاتىلىشىنى بىر مەزگىل ئىشلىتپ ، ئەمدىلىكتە تەرجىمە قەىلىپ «ئارا يۈلتۈز» دېيىۋالغان بولىشىمىز مۇمكىن.
ئارا يۈلتۈز دېگەن سۆزدىنمۇ بىر ئاڭلاشقا قەدىمىيلىك چىقمايدۇ ، تەرجىمە سۆز ئىكەنلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ. شۇڭا بۇ جاي نامىنىڭ ئەسلىسى ئۇيغۇرچە « شىڭ- شىڭ ساي » بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى.
مەنمۇ مۇشۇ قاراشنى قوللايمەن. < شىڭ-شىڭ ساي> دېگەن نامنى ماڭا دېگەن ھېلىقى زىيالىيمۇ دەل مۇشۇنداق چۈشەندۈرگەن. 星星峡دېگەن خەنزۇچە نامنى بىز < ئارا يۇلتۇز> دەپ تەرجىمە قىلىۋالغان. ھەتتا <شىڭ-شىڭ ساي> ناملىق خەلق ناخشىسىدىكى تېكىستمۇ خەنزۇ تىلىغا ئالمىشىپ كەتكەن. ھازىرقى تېكىست: ئەسلى تېكىست:
شىڭشىڭشىيا ئۆزى گوبى (戈壁) ، شىڭ-شىڭ ساي ئۆزى سايدۇر،
ئىككى تاغنىڭ ئاراسى. ئىككى تاغنىڭ ئاراسى.
قۇمۇل يولىغا قاراپ، قۇمۇل يولىغا قاراپ،
ئاقتى كۆزنىڭ قاراسى ئاقتى كۆزنىڭ قاراسى.
|
|