- تىزىملاتقان
- 2011-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6589
- نادىر
- 1
- يازما
- 180
ئۆسۈش
  31.78%
|
يۇرتىمىزدا ئۆتكەن ئەي تارىخ،
سۆيەر سېنى باھار ئۇنتىماي،
ھەر قەلىپنى كۆيدۇرۈپ ئىشقىڭ،
يالقۇنلايدۇ پەقەت توختىماي.
يېشىللىقلار ساڭا تەسەدۇق،
قۇش پەيلىرى قاتىدۇ سەندە.
ئىزاھلىنىپ بولسىمۇ كەچمىش،
قۇچۇپ تۇرار سېنى كۆپ بەندە.
تىۋىنىدۇ ھاياتلىق ساڭا،
قۇۋۋەت تېپىپ باغرىڭدا تامام،
تىتىرىسەڭ ئازاپتا بىر رەت،
توزغۇپ كېتەر زىمىندىن ئاۋام.
ئېرىپ ئاقسا ئۆمۈر تاغلىرى،
ئۈنسىز كېلىپ ساڭا قوشۇلار.
پەپىلەيسەن كەلمىش-كەتمىشنى،
باغرىڭ سېنىڭ مېھىر ئۇرغۇتار.
ئۇيغانغانلار باغرىڭدا ئاۋال،
چۈشلىرىنى بۇزغان زۇلۇمنۇڭ.
ئۆز قېنىدا رەڭ بەرگەن ساڭا،
ھارارىتى يۇققاچ ئوتۇڭنۇڭ.
ساڭا يالغان قوندۇردى بۈگۈن.
كېپەنلىگىڭ قايتا پىچىلىپ.
ۋىجدانىنى يوقاتقان ئەدىپ،
يازار ئىكەن سېنى ئېچىتىپ.
قالدى مانا قولۇڭدا پەقەت،
سۇنۇپ كەتكەن ئاي نۇرى سېنىڭ.
ئۇيغاق تۇرۇپ ئۇخلۇغۇنۇمنى،
دىيەلەيمەن ئەيىبى كىمنىڭ؟
تاقەت قىلىپ تۇرىمەن ئەمما،
ئۆ-ئۆزەمگە يېنىپ قايتىدىن.
جۈدۈن قانچە سوقسىمۇ بىراق
باھار ھىدى كەتمەس سېنىڭدىن.
تۇرغۇن نېرىنكىر |
|