يىنىك -يىنىك ۋە تىز-تىز قەدەم،
مەستخۇشلۇقنى - تاتلىق خىيالنى،
تاشلاپ قويۇپ كىتىدۇ ئۆتۈپ.
شۇ قەدەملەر كەينىدىن قەدەم،
ئىز قوغلىشىپ كىتەر بىر يەرگە.
ھامىلدار بوپ پاقلان سەھەرگە...
سورىماڭلار قار ئۇچقۇنلىرى،
جۈرئەت كىرەك ھەممە نىمىگە!
تىك چوققىلار، بورانلار-قارلار،
تىيىلغاق يول، ھەسەت-سوغ كۈلكە،
ھىچقايسىسى توسالغۈ ئەمەس،
-غايە بىلەن باقسا ئالەمگە!
يىللار ئۆتۈپ كىتىپ بارىدۇ،
مەن تەشۋىشتە قاراپ تۇرىمەن.
خىياللىرىم ئۆتمۈشكە تۇتاش،
كۈندۈزدىمۇ چۈشلەر كۆرىمەن.
كۆز ئالدىمدا ئويتاغ تاغلىرى،
ۋە ئۇپۇققا تۇتاشقان زىمىن.
پىچىرلايمەن ئۆزۈمگە-ئۆزۈم:
"سۆيۈملۈكسەن ئانا ۋەتىنىم!".
خاتىرەمدە ھەر باھار، ھەر قىش،
ۋە ئۇنىڭدا تارتىلغان سۈرئەت.
ۋاراقلىنار ھايات ئەلبۇمىم،
ئۇ ھەممىسى -سېغىنىش پەقەت!
سېغىنىمەن سىنى ئەل-يۇرتۇم،
كەچمىشلىرىڭ-مىنىڭ كەچمىشىم.
مەن يىراقتا بولساممۇ لىكىن،
مۇقەررەردۇر، ساڭا كەتمىگىم!.
يىزىلدى، 2004-يىلى باھار، بوستون