- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71036
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1. ھەي ساددا قىز گۇلنار ، لايىق تۇنۇشتۇرغانلارنىڭ گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مەس بولۇپ كەتتىڭ دىسە ، ھەي بىز ئۇيغۇرلارنىڭ لايىق تۇنۇشتۇرغۇچىلار تۇرۇپ ئادەمنىڭ مەسلىگىنى كەلتۇرسە تۇرۇپ موشۇ خەقنىڭ كۆتىگە تەپكۇسى كىلىدۇ ئادەمنىڭ ، لايىق تۇنۇشتۇرغۇچىلار بىربىرىدىن ئسل كاتتا سۆزلەر بىلەن لايىقلارنى سۇپەتلەپ ئامال قىلىپ ئىككى ياشنىڭ تويىنى قىلۋېتىشنىلا ئويلايدۇ ، ئىمكان بار ئىككىلا تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى يوشۇرۇپ ئارتۇقچىلىقىنى بولۇشىچە كۆپتۇرۇۋېتىدۇ ، شۇنداق بولسىمۇ كۆپۇنچە ياشلار تويدىن كىيىن قاچۇرۇنىڭ يىلىمىدەك يېپىشىپ قالىدىكەن ،ئەپسۇس ساددا قىز گۇلنار بىر تاياقچىغا ئۇچۇراپ قالدىدە ئەپسۇس .
2. ئايتاراتى كىتابىدا گۇلنارنىڭ ئانىسنىڭ تىلىدىن قوش قۇدا بولىدىغان بوپتۇق ، ياخشى بولسىغۇ مەيلى ، يامان بولسا ئىككىلا ئائىلىگە تەڭلا دەز كىتىدۇ دىگەن جۇملىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىدىكى قوش قۇدا باجىلىق مۇناسىۋەتكە بولغان تارىخى ئىسەنكىرەشنى ئۇستۇلۇق بىلەن ئوتتۇرغا قويغان . شۇنداق قوش قۇدا ئۇيغۇردا كۆپ ئۇچۇرايدۇ ، شۇنداق ھەر قېتىم قوش قۇدا بولماقچى بولغانلار بۇ گەپنى تەكرارلايدۇ ،
3. گۇلنار قىزنىڭ تويدىن كىيىن كىچىككىنە ھوجۇرسى بىلەن تاشقىرقى سافا قويۇلغان مېھمانخانىسىنى كۇندە زوق بىلەن تازلىشى زوقۇمنى قوزغىدى ، بەلكىم ھازىر ئۆينى زوق بىلەن تازلايدىغان كىلىنچەكلەر ئازلاپ كەتكەچكىمۇ بۇ جۇمىلىلەر ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى بولغاي .
4. ئەي بىچارە قىز ، ئېرىڭ ئەمدى ھاراق ئىچىدىغان چىقىپ قالدىغۇ ،ھاراق جېمى گۇناھنىڭ ئانىسى ، مانا ئەمدىلىكتە ئايتاراتى ھېلقى كاس كاس لايىق تونۇشتۇرغۇچىلار ئاغزىدىن پەقەتلا چىقارمىغان كۈيۇۋنىڭ ھاراق ئىچپ نەشە چىكىىدىغان ، كوچا كويلاردا لاغايلاپ توپلۇشۇپ ئۇرۇشۇپ ساقچىخانىلاردا يېتىپ چىقىدىغان تارىخىنى رەھىمسىزلەرچە ئاشكارلىۋەتتى .
5.گۇلنار ئۆزىنىڭ نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى بىلمەيتتى .بەلكىم گۇلنار تېخى كىچىكتۇ ، بەلكىم ئۇنۇڭ كۈيۇسى ئەخمەت توغۇرلۇق تويدىن ئىلگىرى ئاڭلىغان ئۇچۇرلىرى يىتەرلىك ئەمەستۇ ،كۆپ ھاللاردا ئۇچۇرنىڭ تولۇق بولماسلىغى نىكاھتا ئوڭايلا خاتا تاللاشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ ،ئاھ قان ياشقا تولغان نىكاھ
6.دادا مېنى ئېلىپ كتىڭ ، جېىنىم دادا مېنى ئېلىپ كتىڭ ، گۇلنار تېلفۇندا يغىلاپ گىپىنى قىلالماي قالدى ، توختاخۇنمۇ يىغلاپ كەتتى ، مېنىڭ كۆزۇمدىنمۇ ياش ئەگىپ كەتتى ، مېنڭمۇ قىزىم بار ، مەن يېنىمدا پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان قىزىىمغا قاراپ كەتتىم ، -ماقۇل بالام ، بىز ئەتە ئەتتىگەندە تاڭ يورىسىلا يولغا چىقايلى يېىنڭىزدا پۇلىڭىز بار مۇ ، -بىر كوي پۇلۇم بار ، توختاخۇننىڭ يىراق ئۆرۇمچىدىكى قىزنىڭ تاياق يەپ پۇتى چانىۋېىتىلگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن كيىنىكى كىچىنى تاڭ ئاتقۇزالماي قالغان تەسۋىرلەر بەكمۇ ياخشى چىققان ، ھەي مېنىڭمۇ ئۇيقۇم قاچتى ،
7.ئۇلار ئەخمەتنى بازلاۋاتقاندا بىر ياقتىن گۇلنارمۇ پاڭڭىدە يىغىلاپ كەتتى ، توختاخۇننىڭ قىزىنى ئۇرۇۋەتكۇسى كەلدى ، ھەي ماۋۇ گۇلنارنىڭ ساراڭلىقىنى كۆرمەمدىغان ئېرىدىن تاياقىنى ئۆلگۇدە يەپ بالىسى چۇشۇپ كەتكەن ، يەنە پۇتى چانۋېتىلگەن تۇرۇپ يەنە ئەگە تارتىشىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى نىمە دەي ، ھەي تاراتى ئادەمنى سەل رەللە قىلىپ قويىۋاتىسىز جۇما ، ھىكايە دىگەننى مۇشۇنداقمۇ بىتەمىز يازامتىكى .................
8. ۋاي قانداق قىلامىز ، ياراشىپ بىر ئىككى ئاي ئۆتە ئۆتمەيلا ئىشىك تاقايدىغان دەمنى بولۇشۇغا يەپ جىددى قۇتقۇزۇشقا كىرىپ قالدىغۇ گۇلنار قىز ، ئشىقىلىپ بارغۇ تاراتى ، بىر دىققان ئاتىنىڭ ئوبرازىنى خېلى چوڭقۇر يورۇتۇپ بىرىپسىز ، دادا جىددى قۇتقۇزۇشنىڭ ئىشىكىدە موشۇ ھالەتتە ناھايتى ئۇزاق ئولتاردى ، دادىسى يەكشەنبەكۇنى بازارغا كىرىپ دۋد ئاپراتى بىر نەچچە كىنۇ پىلاستىنكىسى ئەكىلىپ بەردى ، گۇلنارنىڭ ئاتا ئانىسى قىزىنىڭ بۇنداق جىمىپ كىتىشىگە چىداپ تۇرالمىدى .
9. گۇلنارنى كىتاپقا قىزىقتۇرۇپ بەلەن قىىپسىز ، مېنىڭچە گۇلنار بىر يىل باش كۆتەرمەي كىتاپ ئوقۇسا ياخشى ،
10. ماۋۇ زاتۇرۇشكا گۇي ئاللى بۇرۇن دەپتىىرى يېپىلىپ بولغان خوتۇننىڭ ئىزىغا چۇشۇپ بىر چاتاق تاپمىغىدى ،
11.بۇ قىزنىڭ ھۇنەر ئۆگەنگىنى بېك ياخشى بولدى ، تېخى ھۇنەرۋەن بالا بىلەن تېپىشىپ قالدى ،
12.ئۇھ گۇلنار قىز ئاخىرى پەرھات ئۇستام بىلەن توي قىلدى ، مەن تېخى ئۇلارنىڭ ئىككىسىنى ياكى بىرسىنى ئەخمەت پىچاق تىقىپ ئۆلتۇرۇپ قويامىكىن دەپ قورقۇپ كەتكەن ئىدىم .
گۇلنار قىز بەختىنى تاپقان بولدى ، ھىكايە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، ھىكايە مېنى گۇلنارنىڭ بەختىنى چورىدەپ بەخىت ھەقىدىكى تەگسىىز خىياللارغا چۆمدۇرىۋەتتى ، قانچىلىغان ئۇيغۇر ئاياللار ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ دەستىدىن تولغۇنۇپ ياشاۋاتقاندۇ . قانچىلىغان ئاتىلار ئۆز قىزلىدىن ۋاھىم يەپ دەككە دۇككىدە يۇرگەندۇ ، گۇلنار بولىشغا تاياق يىگەندە شۇنداق نالە قىلدۇ مېنڭ گۇناھىم نىمە ؟ بۇ ئەلۋەتتە ھەممىزنىڭ ئويلۇنۇشىغا ئەرزىيدۇ ، |
|