- تىزىملاتقان
- 2012-7-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5986
- نادىر
- 0
- يازما
- 232
ئۆسۈش
  19.72%
|
پىيادىلەر يولىغا ئەمالار پۇت تۇيغۇ خىشى ياتقۇزۇلىدۇ،ئۇنىڭدا ھەرقانداق نەرسە ماڭسا بولىدۇ. ئەمما، بۇ ئاساسلىقى ئەمالارنى كۆزدە تۇتۇپ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ ياتقۇزۇلغان. مانا بۇ ئىنسانلىق تۇيغۇسى ۋە ئىنسانلىق بۇرچى.
گاسلار ئۈچۈن مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ خەۋەر قاناللىرىدا ئىكراننىڭ بۇرجىكىدە گاس-گاچىلار تىلى بىلەن خەۋەرنى ئىپادىلەۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز،بۇمۇ ھازىرقى ئىنسانلارنىڭ ئالغا باسقانلىقىنىڭ بىرخىل بەلگىسى.
ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدە نەچچە ئون يەردە ئەرمەك ھايۋانلار دوختۇرخانىسى بار.
شەھەرنىڭ مەھەللىچۇقلىرىدا قېرى مومايلار ئوخشىمىغان رەڭدىكى ئورۇق-سېمىز،ئىگىز-پاكار،زىننەتلەنگەن-سىدام ئەرمەك ھايۋانلارنى ئەركىلىتىپ قۇچاقلىۋېلىشىدۇ،سۆيۈپ كېتىدۇ، شۇ «قوزام»لىرى بىرەرسىنىڭ سىلكىشلەشلىرىگە ئۇچرىسا ئەرۋايى قىرىق گەز ئۇچۇپ ئاغزىغا كەلگەن سەت گەپ بىلەن قارشى تەرەپكە زەربە بېرىدۇ.
ئەرمەك ھايۋانلار ئۈچۈن بەزى سودا سارايلىرىدا،ئاممىۋى سورۇنلاردا مەخسۇس ئورۇن بېرىلگەن،ئۇلارنى قوغداش،قەدىرلەشنى،زېرىكىپ قېلىپ سوغۇق كۈنلەردە قالايمىقان كوچا-كويلارغا تاشلىۋەتمەسلىكنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تالاي.
قۇشلارغا ئادەملەر دەرەخلەرگە ئۇۋا سېلىپ بېرىدۇ، كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ھازىرقى ئەھۋال.
ئادەملەرنىڭ تەبىئەتكە،جانلىقلارغا كۆيۈنگىنى روھىيتىدىكى ئىلگىرىلەش،ئادەملىكنى ئىزدەش.ئىناقلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىگە ئىنتىلىش.
ئەپسۇسكى، بېجىرىم ئادەملەر قوللىنىۋاتقان،جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ھەم قوشۇۋاتقان مەلۇم بىرخىل تىل-يېزىقىنىڭ ئىنسانلار پائالىيتىدىكى زۆرۈر تارىخىي ھەم مەھەللىۋى ئالاقە بەلگىسى سۈپىتىدە چۈشىنىلمەي،باشقا مەنىدە چۈشىنىلىپ قېلىش تەقدىرىنى كۆرگەندە يۇقىرىقى ئىنسانىي خىسلەتلەردىن،مەدەنىي كەيپىيات ۋە روھىيەتتىكى مەنىۋىي يۈكسىلىشلەردىن گۇمانلانماي تۇرالمايمىز. |
|