- تىزىملاتقان
- 2011-11-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-12-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2023
- نادىر
- 1
- يازما
- 63
ئۆسۈش
  0.77%
|
ئۆتكەندە بىر ژورنالدىن بايلىق بىر كىشى يازغان بىر ماقالىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى،قېرىنداشلىرى 1959-يىلى كەچ كۈزدىن 1960-يىلى ئەتىيازغىچە داۋاملاشقان ئاچارچىلىق ئاپىتىدە ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن ئىكەن.ئۆزى يىتىم قېلىپ ئاچارچىلىقتىن كېيىن دارىلتامدا چوڭ بوپتۇ.ماقالىسىدە ئۇ ئۆزىنى ئاچلىقتىن ئۆلتۈرۈپ قويماي قاتارغا قوشقان دارىلتامغا،دەۋىرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ،ئۆزىنى ئىنتايىن بەخىتلىك ياشاۋاتىمەن دەپ ھېساپلايدىكەن.مانا باي ناھىيسىدىكى كۆپلىگەن ئادەملەرنىڭ تەپەككۈرى.
ھەر قېتىم بايغا بارسام ئەمەلدار تونۇشلىرىم،ئاغىنىلىرىم باي ناھىيىسىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ قانچە بولغانلىقى،ۋىلايەتتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىقى،شەھەرنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە جەنۇپتىكى ئەڭ چوڭ سانائەت شەھرىگە ئايلىنىدىغانلىقى،قانچىلىك چوڭ مەيدان-باغچا ياسىۋەتكەنلىكى ...دىگەندەك سۆزلەرنى سۆزلىشىدۇ،خۇددى ئەشۇ باغچىنى ئۆزىگە ياساپ بېرىدىغاندەك،سانائەت شەھرىنىڭ ئىگىسى ئۆزى بولۇدىغاندەك.ئەمما ئۇلار ئەشۇ سانائەت شەھرى بەرپا قىلىش باھانىسىدە دېھقانلاردىن ئېلىۋېلىنغان ئالتۇندەك يەرلەر،ئەشۇ يەرنىڭ تۆلەم مەسىلىسىدە پەيدا بولغان جەڭگى-جىدەللەر ھەققىدە سۆزلىمەيدۇ،سۆزلىيەلمەيدۇ.مۇزات دەريا ۋادىسىدا ۋەيران قىلىۋېتىلگەن سازلىقلار ھەققىدە،قەرىز ئالماي يەر تېرىيالماس بولۇپ قېلىۋاتقان دېھقانلار ھەققىدە،شەھەردىكى ئەرزان باھادا چېقىۋېتىلگەن يەرلىكلەرنىڭ تۇرالغۇلىرى ھەققىدە،بىر شەھەرگە جايلاشقان قورۇ-جاي بولسىمۇ ئىگىدارلىق قىلغۇچىسىغا قاراپ بېكىتىلگەن يۈزى قېلىن چېقىپ-كۆچۈرۈش تۆلەم ئۆلچىمى ھەققىدە ھېچ نەرسە دىمەيدۇ.بىر ئۆمۈر مەكتەپتە ئىشلەپ ھازىرغىچە رەسمىيلىشەلمەي يۈرگەن بىچارە ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدە،ئۇلارنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنىڭ نىمە ئۈچۈن قوبۇل بولمىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىمەيدۇ.مانا بۇ بايدا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ھالى.شۇڭا ئۇلار يېڭى ئىدىيە-كۆز قاراشنى ئاسان ھەزىم قىلالمايدۇ،گېزىتتىكىسى ۋە تېلۋىزىيەدىكىسى بىلەن ئوخشىمايراق قالغان قاراشلاردىن ھەيران قېلىپ دەرھال دوكلات قىلىشقا ئالدىرايدۇ،ھەتتا بۇنى سىياسى دەسمايە قىلىپ خۇسۇسى مەنپەئەتلىرىگە يەتمەكچى بولۇدۇ.8-10يىللار بۇرۇن بايدا مۇنداق بىر ئىشمۇ بوپتىكەن:بىرسى كېچىدە بىر ئىدارىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ تامغا چاپلاقلىق قەغەزنى كۆرۈپلا خۇشاللىقىدا <<ئەكسىيەتچى ۋاراق چاپلاپتۇ>>دەپ مەلۇم قىپتۇ،ئالاقىدارلار دەرھال نەق مەيدانغا كېلىپ تەكشۈرسە تامغا چاپلانغىنى ئادەم ئىزدەش ئېلانى ئىكەن....
بەلكى باي ناھىيىسىنىڭ جايلاشقان ئورنىنىڭ چەترەك بولغانلىقى،ئەتراپىنىڭ تاغ بىلەن قورشىلىپ تۇرغانلىقى،ئۇچۇرنىڭ راۋان ئەمەسلىكى...قاتارلىق ئامىللارمۇ بايدىكى يولداشلارنىڭ ئىدىيىدە بېكىنمە،نادان قېلىشىنى،ئەمەلدارلاردىن باشقىلىرىنىڭ نامرات قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان چىقارغان بولسا كېرەك.شۇڭا مەسىلە تېپىش قىزغىنلىقىنىڭ بازىرى چىقىپ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلارنى خۇسۇسى مەنپەئەتنى يادرو قىلغان سىياسى دەسمىيگە ئىگە قىلغان بولۇشى مۈمكىن.
بوزقىرنىڭ تەرجىمە ماقالىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ قاتراپ يۈرگەن بايلىقلارغا،شۇنداق ئىتلارنى بېقىۋاتقان ئاغۋاتلارغا،يەنە قانداق يەرلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ئۆزىگە قانداق دەسمىي توپلاپ خۇسۇسى مەنپەئەتكە قانداق ئېرىشىش كويىدا تىپىرلاۋاتقان مۇئاۋىن غالچىلارغا،ھازىرقى زاماندىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئەمەس ھەتتا ئىنسانلىقىنىمۇ تۇنۇيالماي ياشاۋاتقان ماڭقۇرتلارغا لەنەتلەر بولسۇن!بوزقىرغا <<تەھدىد سالاملىرى>> نى يوللىغان ئىتلارغا ئاللاھ لەنەت قىلسۇن!تورداشلارنىڭ نەپرىتى ياغسۇن! |
|