- تىزىملاتقان
- 2011-2-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2257
- نادىر
- 0
- يازما
- 103
ئۆسۈش
  8.57%
|
Re:ھازىر بۇگۇردىكى تۇي تۇكۇنلەردە ھاراق ئىچىلمەيدىغان بوپتۇ
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى tohoturدە2012-11-02 12:39يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قومۇلدىمۇ بىرەر يىلدەك بولۇپ قالدى رىستۇرانلاردا ھاراق قۇيماي توي تاماشا ئويناۋاتقىلى مۇشۇ ئاللاھنىڭ يولىغا قايتقان نەچچە يىلنىڭ ياقى شۇ رېستۇرانلارغا بامايتتىم ،باساممۇ ئالۋاڭنى تۆلىۋېتىپ مەرىكە ئىگىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قويۇپلا قايتىپ كىلەتتىم . بىر يىلنىڭ ياقى رېستۇرانلاردا ھاراق قۇيۇلمايدىغان بوپتۇدەپ ئاڭلاپ ،ئانچە _مۇنچە بېرىپ دوست -يارەنلەر بىلەن ھال مۇڭ قىپ يۈردۇق ،شۇنداقتىمۇ شۇ نىجىستىن مىھرىنى ئۈزەلمىگەن ئاز بار قىسىم نادانلىرىمىز ئۆزلىرى ئوغۇرلۇقچە تىقىپ يۈرۈپ ئىچكەنىمۇ كۆرۈپ يۇردۈم، بۇنداقلارنىمۇ ئاستا -ئاستا ئوڭشۇلۇپ كىتەر دەپ ئاللاھتىن تىلەپ يۈرگەن ئىدىم .
قۇربان ھېتنىڭ بەشى كەچتە ئىۋىرغول بىردە مەرىكىگە باردىم خالىمىغان ھالدا. مېھمانلار يەنىلا كېچىكىپ يىغىلدىكەنمىز ، ئاخىرى تاماقمۇ تاتىلدى ، تاماكىمۇ تاتىلدى ،بۇ قىلغىنىڭلار بولمىدى دىدىممەن ، ئاندىن "ئابىدە " ماركىلىق ئۇسسۇزلۇقمۇ كەلتۈرۇلدى ، ئارىدىن بىرەيلەن : ھازىر ھاراق قۇيماي مۇشۇلارنىڭ سودىسى ياخشى بولدى .دەپ بولىشىغا ئىككەيلەن قارا سولىياۋ خالتىغا سېلىنغان مېنىرال سۇ قۇتىسىدىن سەل چوڭراق قۇتىغا قاچىلانغان ( قارىغاندا مەخسوس ياسىتىلغاندەك تۇرىدۇ ) ھاراقلارنى تاقاتقىلى تۇردى ، مەن لازىم ئەمەس دىسەم ،ئارىدىن بىر چوڭ ياشلىق (55لەردە بار) كىشى ئەكەسىلە دەپلا ئالدى ،ئەمدى بولمىدى كىتەي دەپ تۇرۇشۇمغا مەرىكە ئىگىلىرى كەلدى -دە : ئوبدان -ئوبدان بېقىشسىلا دەپ بولىشىغا ھېلقى چوڭ ياشلىق كېشى : ياخشى ،مانا بۇمۇ بار دەپ بوتۇلكىنى كۆرسەتتى ، ساھىپخان : شۇ بولمىسىمۇ بولمايدۇ ، ئوبدانراق بېقىشالا دەپ باشقا ئۈستەلگە كەتتى ، مەنمۇ دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم دە ئەمدى ھەرگىز زالغا بارمايمەن دەپ قايتىپ چىقتىم .
شۇ كۈنى كەچتە " ئەمدى ھەرگىز زالغا بارمايمەن " دىگەن تېمىدا مەخسوس مۇشۇنى يوللىسام يوللانمىدى ، ئەمدى ئىنكاس شەكلىدە يوللاۋاتىمەن .
تېزىنى باسسا مېزى چىقىپتۇ .دەپتىكەن ئاتا -بوۋىلىرىمىز. |
|