ياشاشنى تاللاش تۇرغۇن نېرىنكىر
پىلنى توۋلاپ قورقۇتقان چاشقان،
كەلسە مۈشۈك قاچىدۇ شۇئان.
بۇ كۈلكىلىك تەڭسىزلىكلەردىن،
ئادەم بولۇر شۇنچىلىك ھەيران.
ئىت توپىغا ئۇچۇرسا بۆرە،
ئېلىشىدۇ ھەتتا ئۆلگۈچە.
ئەمما ياشار ھەييار تۈلكىلەر،
سىڭىپ ئىتلار توپى ئىچىگە.
تۈلكىلەرنىڭ ياشاش مىزانى،
تۈلكىلەرچە بولىدۇ چوقۇم.
يالاق يالاپ ئۆتۈش ئۇلارغا،
ئەجدادىدىن قالغان بىر ئۇدۇم.
پادىلارغا تېگەلمەس ئۇلار،
بۆرە تۇتۇپ بوغۇپ بەرمىسە.
ياشىغاننىڭ نىمە لەززىتى،
تاپ تېرىپلا يىسە ۋە ئۆتسە.
ئەمما بۆرە ئاجايىپ ھايۋان،
توپ-توپ بولۇپ سۈرىدۇ دەۋران.
ئىجىل-ئىناق بولغاچقا ھەر چاغ،
يولىيالماس يېنىغا قاۋان.
بۆرىلەردەك ياشىسا ئىنسان،
بۆرىلەرچە بەرسە ھەم قۇربان.
بۆرىلەرگە تېگىشكە ھەتتا،
شىرلار يۈرەر بولۇپ دەرگۇمان.
ئىچىمىزدە باردۇر بۆرىلەر،
تۈلكىلەرمۇ ھەم بار ساناقسىز.
تۈلكە ئايرۇر بۆرىنى توپتىن،
شۇندا بوغۇر ئىتلار تەخىرسىز.
نىمجانلىقنى چىللار ھەمىشە،
يالغۇزلۇقتا سوقسىمۇ يۈرەك.
جۇلالىنۇر ئەكسىچە ئۇنۇڭ،
غۇجمەكلىشىپ ئۆتسە ھەر چېچەك.
بۇ ھاياتلىق ھەركىمگە سىناق،
كېچىكتۈرمەس ھەربىر كەلمىشنى.
تاللىۋالۇر ئىنسانمۇ ھەرچاق،
بۆرە ياكى تۈلكە بولۇشنى.
|