- تىزىملاتقان
- 2012-5-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1029
- نادىر
- 0
- يازما
- 36
ئۆسۈش
  2.9%
|
مەن بىلگىنىمنى دەپباقاي،كەم-كۈتىلىرىنى باشقىلار تولۇقلىۋەتكەي،سالامدىن كىيىن ئەستەغفىرۇللاھىلئەزىيم ئۈچ قىتىم(مۇشۇنىڭ بىلەن نامازدىكى سەھۋەنلىكلىرىڭىز كەچۈرۈلگەي ئىنشائاللاھ)،ئاندىن كىيىن ئاللاھۈممە ئەنتەسسەلام،ئاندىن كىيىن ئاللا ھۈممە سەللىي ئەلا سەييىدىينا مۇھەممەدىن ۋە ئەلائالىي سەييىدىينا مۇھەممەد،ئاندىن كىيىن ئەگەر بامدات نامىزىدىن پارىغ بولغان بولسىڭىز ئاللا ھۈممە ئەجرىنىي مىنەننار يەتتە قىتىم(ئى ئاللا!ماڭا دوزاق ئوتىدىن پاناھلىق بەرگىن. شۇ كۈنى كەچكىچە قەبزى روھ قىلنىپ قالساق مۇشۇ ئايەتنىڭ بەرەكاتىدىن ئەھلى جەننەت قاتارىدىن بولۇشىمىز ۋەدە قىلىنغان)،لاھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللا ئون قىتىم(ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھىچ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلمەيمىز،ئەتىگەندە چۈشتە كەچتە ئون قىتىمدىن،شۇ كۈنلۈك ئىشلىرىمىزغا، ئەمىنلىكىمىزگە كاپالەت)،ئاندىن كىيىن سۈبھانەللاھى ۋەلھەمدۇلىلاھى ۋەلائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەللاھۇ ئەكبەر،ئاندىن كىيىن سۈبھەناللاھى ۋەبىھەمدىھى سۈبھەناللاھىلەزىيم(بۇلار ئاللاھ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۈزلەردىندۇر،بۇ ھەقتە بىرلىككە كەلگەن نۇرغۇن ماتىرىياللار بار)،رەببىي زىدنىي ئىلما(پەرۋەردىگارىم ئىلمىمنى زىيادە قىلغىن) ئاندىن كىيىن ئايەتۇل كۇرس،ئاندىن كىيىن 33قىتىم سۈبھەناللا 33قىتىم ئەلھەمدۇلىللا،33قىتىم ئاللاھۇ ئەكبەر،لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىكەلەھۇ لەھۇلمۇلكۇ ۋەلاھۇلھەمدۇ ۋەھۇۋە ئەلاكۇللىي شەيئىين قەدىير،ئاندىن كىيىن سەييىدۇل ئىستىغپار ئاندىن كىيىن ئاللا ھۈممە سەللىي ئەلا،ئاللا ھۈممە بارىك ئەلا،
ئىسىمگە كەلگىنى مۇشۇنچىلىك،دۇرۇد-دۇئالارنى ئۇيغۇرچە يىزىق بىلەن يىزىپ قالدىم،سەھۋەنلىكلىرىمنى ئاللاھ كەچۈرسۇن،نامازدىن پارىغ بولغاندا ئوقۇلىدىغان، ئىنساننى دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە مۇيەسسەر قىلىدىغان نۇرغۇن دۇرد-دۇئالەر،زىكىر-تەسبىھلەر، قۇرئان ئايەتلىرى بار،سىزگە ھۆرمەتلىك ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم تۈزگەن <دۇئانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار>دىگەن كىتابچىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
|
|