- تىزىملاتقان
- 2012-8-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2603
- نادىر
- 0
- يازما
- 151
ئۆسۈش
  20.1%
|
ئەتىگەندە مەسجىتتە ھەممىمىزبىرلىكتە ئوقۇغان تەكبىرلەر پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالغان بولسا، ،مەسجىتتىن چىققاندىن كىيىن كوچىلاردىكى ياڭراق سامانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھەم خەلقىمنىڭ چىرايدىكى خۇشاللىق جىلۋىسىنى كۆرۈپ قەلبىم چەكسىز خوشاللىققا چۆمدى.
گەرچەمەن ئۈرۈمچىدەك بۇ چوڭ شەھەرگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن بولساممۇ ،لىكىن بۈگۈن بۇ مۇساپىرچىلىقمۇ ماڭا بىلىنمىدى. چۈنكى خەلقىمنىڭ خۇشاللىق يېغىپ تۇرغان نۇرانە چىرايى ماڭىمۇ خۇشاللىق ئاتا قىلدى.
مۇشۇ دەقىقىلەردە << ئې ئۇيغۇر ئېلى ئايىمىڭگە مۇبارەك ! >> دەپ ، ئاۋازىمنىڭ بارىچەتوۋلاپ خۇشاللىقىمنى ئىپادىلىمەكچى ھەم ئچىمنى بوشىتىۋالماقچى بولدۇم . لىكىن بۇنىڭغا ئاجىزلىق قىلدىم . ئەمما ئىچىمدىكى خۇشاللىقىمنى ئىپادىلىمىسەم بولمايدۇ ، شۇۋەجىدىن باغداش تورىنى بۇ نىدارىمنىڭ ماكانى قىلىپ تاللىدىم .
ئەي سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئېلى ئايىمىڭگە مۇبارەك ! ئۇلۇغ ئاللاھ مۇشۇ بەندىلىرىڭنىڭ ئۈستىدىكى كۈلپەت ۋە مۈشكۈلاتلارنى ئاسان قىلغايسەن !
باغداشتىكى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ ئايىمىگە مۇبارەك بولسۇن ! بەخىت ئامەت مەڭگۈ ياربوسۇن ! |
|