- تىزىملاتقان
- 2011-1-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 6568
- نادىر
- 3
- يازما
- 178
  
ئۆسۈش
  100%
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم باغداش تورىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىلىرى ، كونا -يېڭى ئەزالىرى :
ھەممىڭلەرنىڭ قۇربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !
ئالدىنقى بىر ھەپتە جەريانىدا تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى تور بېكىتىمىز نورمال ئېچىلماسلىقتەك ئەھۋال يۈز بېرىپ تورداشلارغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدۇق ، يەنە شۇنداقلا بېكەت ساندانىدا كاشىلا كۆرۈلۈپ نۇرغۇن تېمىلارنىڭ مەزمونى كۆرۈلمەسلىك ئەھۋالى يۈز بەردى ، بۇ جەرياندا باغداش تور بېكىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ تېلفۇن ۋە ئۇچۇر يوللىغان تورداشلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ، شۇنداقلا كاشىلىنى ئوڭشاش سەۋەپلىك بەزىدە كېچە - كۈندۈز خىزمەت قىلغاچقا يەنە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇرغان تېلفۇنلىرىنى ئالالمىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بولسا ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز !
بىز بىر قانچە كۈن ئىچىدە نۇرغۇن تېمىلارنىڭ مەزمونىنى ئەسلىگە كەلتۈردۇق ، يەنە داۋاملىق ئەسلىگە كەلتۈرىۋاتىمىز ،شۇڭا تېما يوللىغان تورداشلارنىڭ يوللىغان تېمىسىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز ،شۇنداقلا بارلىق تورداشلارنىڭ داۋاملىق نادىر تېما ئىنكاسلىرى ئارقىلىق باغداشنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلمىز! بىر قانچە كۈن ئىچىدە مەزمونى كۆرۈلمىگەن تېمىلارنىڭ ھەمىمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولىمىز ، ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ قۇربان ھېيتنى خوشال خورام ئۆتكۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
ھۆرمەت بىلەن باغداش تور بېكىتى |
|