- تىزىملاتقان
- 2012-10-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-17
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4047
- نادىر
- 0
- يازما
- 203
ئۆسۈش
  68.23%
|
ساڭزا بارمۇ؟ مەيلى قۇربان ھېيىت ياكى روزى ھېيىت بولسۇن بىز ئۇچۇن ھېيىتتا ساڭزا بولمىسا بولمايدۇ. بۇرۇنلاردا مەھەللە-مەھەلىلەردە ھېيىت كىلىشكە ئاز قالغاندا خوشنا - خولۇملار ئوز ئارا بىرەر ئويگە يىغىلشىپ ساڭزا سالاتتى. ئاپام رەھمەتلىكمۇ ساڭزىغا بەك ئۇستا ئايال بولغاچقا.خوشنىلار ھېيىتلىق ساڭزىلىرىنى تولا-تولا بىزنىڭ ئويدەسالاتتى. ئاشۇ چاغلادىكى ساڭزىلار ھازىرقىدەك ئاز ھەم پاكار ئەمەس.قانچە ئېگىز قانچە جىق بولسا شۇنچە كوركەم كورۇنۇپ، ھېيىتلىق داستىىخان شۇنچە مول كورىنەتتى.لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس،ھازىرقى زاماننىڭ قىز-ئاياللىرى(ھەممىسى ئەمەس)ساڭزا ،چەپەك سالالمايدۇ.گاھىلىرى تېخى تاماقمۇ قىلالمايدۇ. ھەممىسى ھازىر تەييار ساڭزا،چەپەككە ئوگۇنۇپ كەتتى.سەل تىتىكلىرى بالدۇرلا پۇشۇرۇقخانىلارغا زاكاز قىلىپ قويدىغان بولدى.لېكىن بەزى خىزمىتى ئالدىراش ياكى ئېتىز ئىشى ئالدىراشلارياكى سەل مىس-مىسلار ئۇنىڭغا ۋاقتى يەتمەي ۋاقتىدىلا ئالمامدۇق دەيدىغان بولدى.لېكىن ساڭزا يوق.ھېچ يەردە يوق. ئۇيان چاپ ،بۇيان چاپ يەنە يوق. قومۇلدىكى ھەممە پۇشۇرۇقخانىىلارنى ئارىلاپ چىقىدۇ،ھال ئېيتىپ باقىدۇ پۇلنى جىق بىرەي دەپ باقىدۇ،لېكىن نەتىجە يەنىلا ئوخشاش ساڭزا يوق.كىلەركى ھېيىتتا چوقۇم بالدۇر تىزىملىىتىپ قويمىسام دەپ ۆز-ۆزىگە سوزلەپ كېتىدۇ،ئەمما كىلەركى ھېيىتتىمۇ ئوخشاش ساڭزا ئىزلەپ يۇرۇيدۇ.بەزىلەرتېخى" ساڭزا سېلىشنى ئوگۇنەيچۇ دىمەكتە يوق،بولدى ئاپامغىلا سالدۇرايلى" دەپ يامانلاپ كىتىدۇ .مانا ھازىرمۇ بىرنەچچە خوتۇن توت كوچىدا ئۇيان -بۇيان چېپىپ يۇرۇيدۇ،ساڭزا بارمۇ دەپ........ھەي!!؟؟؟ |
|