- تىزىملاتقان
- 2011-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-25
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 22583
- نادىر
- 0
- يازما
- 958
  
ئۆسۈش
  100%
|
بىزمۇ ئەزالارنىڭ ئۆزتاللىشىغا ھۆرمەت قىلىپ ، پەقەت شۇ ئەزانىڭ ئۆزى تاللىغان رەسىمىنى رامكىلاپ ئىشلىدۇق ، ھەرگىزمۇ بىرەر ئەزاغا سەن چوقۇم ماۋۇ رەسىمنى ئىشلىتىسەن دەپ مەجبورلىمىدۇق. مەنمۇ ئۆزى رەسىم تاپالمىغان ئەمما ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئوتتۇرغا قويغان ئەزالارغىمۇ ئەڭ زوردەرىجىدە شۇئەزانىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان سۈرەتنى تېپىپ ئىشلەشكە تىرىشىۋاتىمەن . ھەمدە سۈرىتى ئىشلىنىپ بولغان ئەزارلا سۈرەت ئالماشتۇرماقچى بولسا مەن يەنىلا خۇشاللىق بىلەن ئىشلەپ بېرىمەن ، ھەمدە ئىشلەۋاتىمەن. بىردەك رامكىغا ئېلىشتىكى مەقسەت ئاساسى گەۋدىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، ھەرگىزمۇ مۇنبەرنىڭ رەڭدارلىقىنى يوقاتقانلىق دەپ قارىمايمەن ، چۈنكى شۇ ئاساسىي رامكا ئىچىدىكىسى يەنىلا ئىنتايىن رەڭدارلىققا ئىگە ھەرقايسى ئەزالارنىڭ ئۆزى خالاپ ، ئۆزى ياقتۇرۇپ چىقارغان باش سۈرىتى .
«سىزنىڭ ئەزالار باش سۈرىتىگە ئوزى ياخشى كۆرگەن رەسىملەرنى تاللايدۇ شۇڭا باش سۈرىتىگە قاراپ شۇ ئادەمنىڭ قانداق خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىگىنى بىلگىلى بولىدۇ» شۇنداق بۇگەپنى مەن قىلغان ، لېكىن مەن بىردەك قېلىپقا سالسا شۇكىشىنىڭ قانساق خارەكتىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ دېمىگەن . بىردەك قېلىپقا سېلىنسا بۇجەھەتتە ھېچقانداق توسالغۇغا ئۇچرىمايدۇ دپ قارايمەن ، چۈنى ھەممە ئادەمىڭ قېلىپى ئوخشاش ، ئەمما ھەربىرسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمى يېزىلغان ، ھەرقانداق ئادەم ئوخشاش قېلىپقا ئانچە نەزەر سالمايدۇ ئەمما قېلىپ ئىچىدىكى رەڭدار سۈرەتلەرگە بەكرەك سەپ سېلىشى مۇمكىن ، خۇددى كىشىلەر رەسىملىرىنى چىرايلىق رامكىلىتىپ ئۆيلىرىگە تىزىپ قويغۇنىغان ئوخشاش .
قېلىپقا سېلىشتىكى يەنە بىر مەقسەت باشقا مۇنبەر ياكى باشقا توربەتلەرنىڭ تامغىسى بېسىلغان باش سۈرەتلەرنىڭ ئىشلىتىلىشى ياكى مۇنبىرىمىزدىكى ئەزارلارنىڭ ئۆزىگە خاس سۈرئىتىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. |
|