- تىزىملاتقان
- 2011-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6589
- نادىر
- 1
- يازما
- 180
ئۆسۈش
  31.78%
|
بار ئىدى ئىشەكتە ئېيتقىن نە گۇنا،
ئۇ ئىشلەپ پەقەتلا تاپمايدۇ تىنىم.
ئىشەك دەپ تىللايسەن بىكار ياتقاننى،
ئالمىشىپ قالدىمۇ ياكى بۇ ئىسىم.
كۆرمۈدۈم نە بىرەر بىكار ئىشەكنى،
بۇ دۇنيا ئۇلارچۈن ئوخشار ھەپسىگە.
بىكارغا ناننى يەپ ياتقان ئادەمنى،
ئوخشۇتۇش نومۇستۇر ئىشچان ئىشەككە.
ئىشەكلەر ساتمايدۇ پۇلغا تىپىنى،
ساتمىغان پۇل ئۈچۈن ياكى تېنىنى،
نەفسىچۈن چالمىغان خەقنىڭ دېپىنى،
ھارامدىن ياشاشنىڭ قىلىپ ئېپىنى،
ئۆز دىمەي ئۆزىنىڭ قىرىپ پېيىنى،
نە ھاجەت ئادەمنى ئىشەك بىلىشكە،
ئىشەكنى ئوخشۇتۇپ ئادەم دىيىشكە.
بەزىلەر ياشاركەن ئىشلەپ ئىشەكتەك،
ھاياتلىق يولىدا گويا تۇتقۇندەك.
بىلمەيدۇ ھېرىشنى ياكى چارچاشنى،
بوي سۇنار ھەممىگە ئاڭدىن قالغاندەك.
ئىزدىنىپ شۇنچىمۇ بىلەلمىدىم ھىچ،
زادى كىم ئادەمدۇر زادى كىم ئىشەك.
كەلمىشكە بەزىلەر قىلمايدۇ پىسەنت،
ئۆرۈلسە كەڭ پەلەك تېرىيدۇ تېزەك.
كېلىپلا بەزىلەر چېچىپ ھىيلىنى،
ئىككىمىز دوستقۇ دەپ ئالسا بارىنى،
سەن ياخشى دەپ تۇرۇپ قويسا مالىنى،
شورىسا قانىنى ئالسا جانىنى،
ئۈندىمەس سالپىيىپ بەئەينى ئىشەك.
سەيياھتەك كەزدىم مەن تالاي يۇرتلارنى،
بىلمىدىم كىم ئادەم زادى كىم ئىشەك.
تۇرغۇن نېرىنكىر |
|