- تىزىملاتقان
- 2012-10-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2578
- نادىر
- 0
- يازما
- 130
ئۆسۈش
  19.27%
|
مەنمۇ تەگئات قوللىنىشنىڭ بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،يالغۇز چەتئەللەردىلا ئەمەس،ئىچكىردىمۇ بىر قىسىم ئۇقۇشماسلىقلار بۇلۇپ تۇرىدۇ.ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويمىساق بىزنىڭ ئىسمىمىز بىلەن دادىمىزنىڭ ئىسمىنى پەرىق ئېتەلمەيدۇ. مەسىلەن،بىر قېتىم مۇئاللىم مەندىن ئىسمىمنى سورىدى،مەن دەپ بەردىم.دادامنىڭ ئىسمىنى سورىدى ئۇنىمۇ دەپ بەردىم.ئاندىن فامىلەڭ نىمە، دىگەنتى دادامنىڭ ئىسمىنى دەپ بەرسەم،ئۇ ھەيران قېلىپ،داداڭنىڭ ئىسمى بىلەن جەمەتىڭلارنىڭ فامىلىسى ئوخشاش ئىكەنغۇ؟ دەپ ھەيران قالدى.شۇ چاغدا بىزنىڭ قېلىپلاشقان فامىلە ئىشلىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.
ھۆكىمەت قوللاپ بەرگەن بولسا،ئىككىنىچى ئەۋلاد كىملىك بىجىرگەن چاغدىلا فامىلىنى قوللانغان بولساق بەك ياخشى ئىدى.ھازىر فامىلە ئۆزگەرتىش ئۇياقتا تۇرسۇن،نۇپۇس ۋە كىملىكتىكى خاتا بۇلۇپ قالغان بىر خەتنى ئۆزگەرتىشمۇ بەسى مۈشكۈل. |
|