- تىزىملاتقان
- 2012-7-26
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 14934
- نادىر
- 0
- يازما
- 642
ئۆسۈش
  12.34%
|
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى jacksonدە2012-10-12 10:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىلەر ھازىر دەۋاتقان فامىلە.......خەنزۇلارنىڭ قولىنىۋاتقان جەمەت فامىلىگە ئوخشايدىكەنغۇ؛
شۇنداق دىسەكمۇ بولىدۇ، ئەمما خەنزۇلارنىڭ نۇقۇل ئەڭ دەسلەپكى ئاتا بوۋىسىنىڭ باش ھەرپىنى ،ئۆز ئىسىىملىرىنىڭ بېشىغا ئېلىش ئارقىلىق ماڭىدۇ، بۇنىڭدا ئوخاشلىقمۇ بەك كۆپ، خەن فامىلە ئىسىم تىزىملىكگە قاراپ باقسام مۇشۇ ئوخشاش ۋاڭ فامىلسىدىن نەچچە مىليۇنى چىقىدىكەن، جاڭ فاامىلىسىمۇ شۇنداق ئىكەن، ئەمما بىز ئىشلىتىپ قالساق ئۇنداق تەكرارلىنىش بوپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، مەسىلەن جەمەت فاامىلىسى ئۈچۈن ، ( بۇ تەگ ئات) مۇ دىيىلىدۇ . بوۋىمىزنىڭ نامىنى ئېلىشقىمۇ، يۇرت نامىنى ئېلىشقىمۇ، كەسىپ نامىنى ئېلىشقىمۇ، لەقەملەرنى ئېلىشقىمۇ، دەرخ، تاغ، دەريا لارنىڭ نامىنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ ، مەسىلەن مەھمۇت قەشقىرى ، مانا بۇنىڭدىكى قەشقەرىي نى فامىلە ( تەگ ئات) دەيمىز، مەھمۇت قەشقىرى شۇ فامىلىنى قوللانمىغان بولسا ئۇ ئالىمىمىزنىڭ تۇغۇلغان يۇتىنىڭ قەيەرلىكىنىمۇ بىلمەك تەس بولۇر ئىكەنتۇق ، بىلەلمەي قېلىشىمىزمۇ مۇنكىنكەن.
ئابدىريىم ئۆتكۈر دىسەك بۇ گەرچە ئەدەبىي تەخەللۇس سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولسىمۇ دەسلەپتە ، ھازىر شۇ جەمەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلاتلىرى ئۈچۈن فامىلە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ، گۈلشەنقىز دىسەك، بۇ كىمنىڭ ئەۋلادى دىسە ، ئۆتكۈر لەرنىڭ ... دىگەندەك |
|