- تىزىملاتقان
- 2012-8-3
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10813
- نادىر
- 2
- يازما
- 426
ئۆسۈش
  2.03%
|
ئەسلىدە ،مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، دەۋا تەلىپىدە ئىككى تۇرلۇك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،دەۋادا يېڭىپ،سوت ئاخىرقى ھۆكۈمدە بۇ ئىككى تۈرلۈك تەلەپنى ھۆكۈم نەتىجىسى ئارقىلىق قوللاپتىكەن؛يەنى ھۆكۈم بىرىنىچى : جاۋابكار ئۈن سىن سودىگىرى پالانى گېزىت،تېلۋىزور،رادىئو قاتارلىق خالىغان بىر ئاخبارات ۋاستىسىدا ئەسەر نىڭ ئاپتۇر نامىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتكەنلىكىدەك قانۇنسىز قىلمىشىنى بوينىغا ئېلىپ خاتالىقىنى ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېتىراپ قىلىپ ئاشكارا ناماقۇل بولۇپ ،ئەپۇ سوراپ يامان تەسىرىنى تۈگىتىش.
ئىككىنچى : قانۇنسىز كىرىم قىلغانلىقى ئۈچۈن ،مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە نەچچە تۈمەن تۆلەم تۆلەشكە بۇيرۇلدى.
ھۆكۈم2001يىلى چىققاندىن كىيىن ،ھېلىقى ئۈن-سىن سودىگىرى ئىچكىرىگە قېچىپ كەتتى،بەش يىلغىچە ئىز دېرىكى بولمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى جاۋابكار ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر نەشىرىيات چاتما جاۋابكارلىق بويىچە ئۆزىگە تېگىشلىك قىسمىنى ( تۆلەم ) تۆلىدى.
بىرىنچى جاۋابكارنىڭ 6 يىلغىچە ئىزچىل ئىز دىرىكى بولمىغانلىقتىن<< بىرىنچى جاۋابكار ئۈستىگە ئېلىش كېرەكلىكى ھۆكۈم قىلىنغان بىرىنچى جاۋابكار تۆلەشكە تېگىشلىك تۆلەم قىسمى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئەپۇ سوراش>> ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئىجرا قىلىشقا مۇمكىن بولمىدى......
6 يىل بولغاندا مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 2-جاۋابكارنىڭ تۆلىگەن تۆلىمىنى تاپشۇرۇپ ئالدى ھەم دېلونى ئاياغلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى ، شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلو ئىجرا قىلىشتىن توختىتىلىپ دېلو ئاياغلاشتۇرۇلدى. |
|