- تىزىملاتقان
- 2012-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10961
- نادىر
- 0
- يازما
- 609
ئۆسۈش
2.4%
|
بۇ مەزمۇن 33قەۋەتتىكى das-qelakدە2012-09-23 22:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قايسى بىر تېمىدىكى بىرئىش ئېسىمگە كەلدى . تۇخۇمنى ھېچقايسىسى تىك تۇرغۇغالماي،ھېلىقى بىرئادىم تۇخۇمنىڭ ئۇچىنى ئازراق چېقىپلام تىك تۇرغۇزۇپ.قويسا.ھەممىسىنىڭ دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىدىغان .ئۆزىڭىز باشتا يوللىمايدىكەنسىز ،مەن تېخى چىشىم چىقىپ بىرتېما يوللاپ
قويسام بۇ ئەسلى ئۇنداق ئەمەستىيەي كام قاپتۇيەي دەيسز . مەنبەسى دېگەندە نىمە دەپتىمەن؟ ئاڭلىۋالغىنىم دېگەندىمەن. ئاڭلىۋالغان نەرسە قانچىلىك بولسا بولاتتى .بۇنى ئىلمىي ماقالە دەپ قالغانما. كەچكىچە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان تېمىلانى كۆرۈۋەردۇق دەپ باشقىلارنى خۇشال قىلىش مەقسىتىدە يوللىغاننەرسە بۇ مەندەك ئەمدى بىر تورغا چىقىشنى .ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۆگەنگەن ياش بالىغا بۇنداق سوغۇق سۇ سەپمەي ئىلھام بېرىڭ .مەنبەسىنى ئەسكەرتكەنگە مەن بىر نەرسە دېمەكچى ئەمەسمەن.باشتىلام بىر ئىككىسىمۇ ئەسكەرتكەن. .مېنىڭ ھەقىقىي دېمەكچى بولغىنىم ،مەن بۇتېمىنى كاللامدا قۇراشتۇرۇپ.كومپىيوتۇردا يېزىشقا ساق 4سائەت كەتتى.(سىزدېگەندەك بەك ئاز بولسىمۇ)گېپىڭىزنىڭ ئورانىدىن بەك مەن-مەنلىك چىقىدىكەن .خۇددى سېنىڭدىن مەن بەكراق بىلەتتڭم بۇنى دېگەندەك .خۇددى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىشنى پاش قىۋاتقاندەك، زور بىر يالغانچىلىقنق ئاشكارىلىۋاتقاندەك.مېنىڭچە بۇتېمىنى كۆرگەن ئادەمنىڭ بەشتىن بىرى بىلىدۇ سىزبىلگەننى .قولىڭىزنى تۇتىۋالمىغاندىن كېيىن سىزمۇ بىر تېما يوللىمامسىز. .بۇگەپنى قالغان ئەزەلارغا دېمىدىم ھە .ھەممىڭلارغا رەھمەت.بىرەرسىڭلار بولسىمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس بېرەرسىلەر .گېپىم خاتابولسا.
ئېسىڭىزگە سېلىپ قوياي، مەن سىزگە باشقىچە گەپمۇ قىلمىدىم. كەڭساي مۇنىبىرىنى ئېچىپ كورۈپ بېقىڭ، سىز يوللىغان بۇ تېمىنىڭ تولۇق نۇسخىسىنى مەنمۇ يوللاپ قويغان، باغداش تورىغا سىز يوللىغاندىكىن ئىنكاس شەكىلىدە پەقەت سىزنىڭ تېمىڭىزنىڭ ئاستىغىلا يوللاپ قويدۇم. تولۇق نۇسخىسىنى ئوقۇپ بەلكىم تېخىمۇ بەكرەك ئەستە ساقلىۋالغانسىز؟ بەك خاپا بولۇپ كېتىپسىز، « سىز قانچىلىك ئادەم، مەن- مەنچىلىك چىقىپ تۇرىدۇ... » دىگەندەك گەپلەر بىلەن شەخسىيتىمگە ھوجۇم قىلىپمۇ ئۈلگۈرۈپسىز، باشقىلارنى تىللاش ئەركىنلىكىڭىز بار، مېنىمۇ خالىغانچە تىللىۋېلىڭ، مەن سىزنى تىللىمايمەن، ھەم تىللىيالمايمەن، ھەم، مەن سىز ئويلىغاندەك تەتۈرسىگە ئويلاپ،ئىشنى يامان تەرىپىدىن چۈشىنىدىغانلاردىن ئەمەس! ھەم سىزنىڭ كۆڭلىڭىزنى رەنجىتكىممۇ يوق .. «سىزتۇنجى قېتىملىق تىمام تى، ماختاپ قويماي، رىغبەتلەندۈرۈپ قويماي....» دىگەندەك گەپلەرنى قىپسىز، سىز خوش بولىدىغان ئىش بولسا ماختاپ قوياي:
ئالامەت ئېسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز، قولىڭزدىن گۈل ئۈنسۇن! ياشاپ كېتىڭ! تېمىڭىزنى ئوقۇپ ئاجايىپ ھوزۇرلاندىم، ئاجايىپ كەلتۈرۈپسىز، سىزدەك يازغۇچىلار تېخىمۇ جىقلىسا -ھە؟ داۋاملىق يېزىپ تۇرۇڭ، تىرىشچانلىقىڭىزغا بارىكاللا....
سىز يۇقارقىدەك ماختاشلارغا خۇشتارما؟
بۇنداق ماختاشلارنى ئىنكاس يازغۇچىلار قايسى مەيداندا تۇرۇپ يازدى، مەن يازغان ئىنكاسنى (تولۇق نۇسخىسىنى) قايسى مەيداندا تۇرۇپ يازدىم سىز بىلەمسىز؟
ماختاشقا خۇمارلارغا شۇنداق دىگۈم كېلىدۇ: «ياشىغايلا، ياشىغايلا، تۈمەن مىڭ يىل ياشىغايلا» دەپ كۈندە ئاڭلاۋەرگەن پادىشاھلارمۇ ئۆلۈپ كەتكەن، ھەرگىز مىڭ يىللاپ ياشىيالمىغان!!!
ماختىلىشقا سېزىكلىك ___ پەقەت روھى جەھەتتىن يىگىلەپ كەتكەنلەردىلا بولىدۇ. قايسىدۇر بىرژورنالدىن روھى يىگىلەپ كەتكەنلەر توغرىسىدا مۇنداق قۇرلارنى ئوقۇغان ئىدىم : ...نەچچە ئايلاپ ھېرىپ- چارچاپ ئىشلىگەن خىزمەتچىنىڭ ھاردۇقىنى، باشلىقىنىڭ دۇلىسىنى شاپلاقلاپ تۇرۇپ <جاپا چەكتىڭىز> دىگەن بىر ئېغىز گېپى چىقىرۋېتەلەيدۇ! شۇنداق قىينچىلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان مەلۇم بىر توپ ئادەمگە <بۇزرۇكۋار> دىن بىرسى كېلىپ: جاپا چەكتىڭلار... دەپ قويسا ئۇلار خۇددى پۈتكۈل جاپا- مۇشەققەتلىرىدىن خالاس بولغاندەك خۇشال بولۇپ كېتىدۇ...
سىزمۇ ھازىر خوش بولىۋاتقانسىز - ھە؟؟ |
|